xirin618 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 11:27 PM
رەخمەت قېرىندىشىم ، ئاللا ئەجىرىڭزنى بەرسۇن ھارمىغاي ...
مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپبە يىغىۋاتىمەن، ئەپسۇسكى، 50-، 60-، 70-، 80- يىللارنىڭ بولۇپ ئاران 10 نەچچە پارچىسىنىلا تاپالىدىم. مەنمۇ ئىمكان بولسا تورداشلارغا كۆرسىتىپ قويىمەن. شۇنداقلا تورداشلاردىن سېتىلىدىغان كونا ئېلىپبە ئۇچراتسا ماڭا خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن (ئەمما باھاسى قىممەت بولمىسۇن جۇمۇ!).
مەن يىغقان ئېلىپبەلەردە «ج» ھەرپىگە مۇنداق رەسىم بېرىلگەنىكەن: 50- يىللاردا جۇۋا رەسىمى؛ 60- يىللاردا جەڭچى رەسىمى، 80- يىللاردا جۈمەك رەسىمى بېرىلگەن. مانا بۇنىڭدىن جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.....بۇ ھەقتە كېيىنچە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشىم مۇمكىن.