بۇ نەرسىلەرنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72563-1-1.html
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ،يۇقارقى ئەھۋاللار ھازىر تىلىمىزدا ئۇمۇملىشىپ قوللىنىلۋاتىدۇ ،قىلىپلاشقان،مۇقۇم بىر ئاتالغۇدا داۋاملاشتۇرۇپ قوللانساق دىمەكچى.
ئالدىنقى ئەسىردە دىيىلىپ بولغان دەپسىز ،بۇ ئاتالغۇلار ماڭا دۇرا بۇلۇپ قالغىنى يوق ،شۇ دىيىلىپ بولغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى كەڭ_كۆلەمدە قوللىنايلى، ‹مەندەك› بىلمىگەنلەر بىلۋالسۇن .
مەن ھازىرغىچە بىرەسىنىڭ ئاغىزدىن ،‹ئۇزچات›دىگەن ئاتالغۇنى ئاڭلىمىدىم ،ئىشەنمىسىڭىز سىزمۇ سىناپبېقىڭ،فاڭدامېرنى‹ ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئشكى ›دەپ ئالىدۇ دەپسىز ،ئەمسە بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىچۇ؟
ئاڭلىق ئادەملەر ئادەتتە ئۆلچەملىك ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدۇ دەپسىز.گەپ مۇشۇ يەردە :
مەن تېمامدا ،ئۇ گەپلەرنى بۇرۇن تەتقىق قىلىپ بولغان ،ئۇ جايىدا تۇرۇپ تۇرسۇن ،ھازىرقى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىۋىرەيلى دىمىدىم .‹ئاڭسىز›لار ئۇمۇملىشىپ كەتتى ئوڭشايلى، تۈزەيلى ،‹ئاڭسىز›لارنى ‹ئاڭلىق›قىلايلى دەۋاتىمەن.