awatbag يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 01:53 AM
ئاياللارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ...
بۇ گەپ-سۆزلىرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم، راست دەيسىز، ئاياللار ھەقىقەتەنمۇ جاپاكەش، ھەر ئايدا ئۇ دەرتنى تارتمىسا تېخى، بويىدا قالغاندا سېزىكنىڭ دەردىنى تارتمىسا تېخى، مۇشۇ سېزىكنىڭ دەردىنىڭ يامانلىقىغا قاراپ ئەر كىشى ئايالىغا، بالا ئانىسىغا قانچە قىلسىمۇ ئەرزىگۈدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. سىزىكتىن چىقماقنىڭ شۇنداق تەسلىكىنى، سىزىكنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولىدىغانلىقىنى سىزىك بولغان ئاياللاردىن باشقىلار ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، شۇڭا توي قىلغان ئەرلەر، ئايالىڭلارغا كۆيۈنۈڭلار، بولۇپمۇ ھەر ئايدىكى شۇ مەزگىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ۋە ھامىلدار بولغاندىن كېيىنكى سېزىك مەزگىلىدە بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆيۈنۈڭلار.