adil2052103 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 01:56 AM
ئوھوي قالايمىقان بىلجىرلىمايلى ماقۇلمۇ
ھاۋاراي ...
سىلىدىن بىر سوراپ باقاي:
1. بىلجىرلاش دېگەن نېمە گەپ؟
2.مېنىڭ ئۆزلىرىگە ‹‹ماقۇل›› ياكى ‹‹ياق›› دەپ جاۋاب بېرىدىغان قەرزىم بارمۇ؟
3.‹‹ تۇز›› دېگەننى ئۆزلىرى ‹‹بىزنىڭ غوللۇق باشقۇرغۇچىمىز›› دەپلا، ماۋۇ گەپلىرى ماڭا ياقمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ باشقۇرغۇچۇم بىر يېگانە ئاللاھ تائالا. سىلى ئۆزلىرىگە ‹‹تۇز››نى باشقۇرغۇچى قىلىۋالغان بولسىلا ئۆ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى.
4. مەن بۇ ئىنكاسىنى ئېنىق قىلىپ ‹‹تۇز››غا يازغان، سىلىنىڭ تومۇرلىرىغا تېگىپ كېتىپتىغۇ؟ ئۇ ياكى سىلىنىڭ.....مىدى؟
5. مېنىڭ بۇ ئىنكاسىم ئۆزىلىرىگە ‹‹تۇز››ى يوق تېتىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ مەن بۇ ئىنكاسنى سىلىنى تېتىپ باقسۇن، دەپ يازمىغان. خاتا تېتىپ قاپلا. سىلى مېنىڭ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ قويمىسىلىمۇ، ئۆزەم ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. ساۋاتلىق. بۇ ئىنكاسنى يېزىتىن بۇرۇن كاللامدا بىر قېتىم تەھرىرلەپ ئاندىن يازغان. سىلىگە ئېلخەت ئادرىسىمنى قالدۇرۇپ قويىدىغانغا قەرزىم يوق. ياكى سىلىنىڭمۇ ئەمەلدىن تامالىرى بارمىتى؟
كۆپ ئاۋارە بولۇپ كېتىپلا، ئالەمچە سۆيۈندۈم.
ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يازغانلىقىمنى كۆپچىلىككە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. يەنە تەتۈردىن بىرسى چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن.
مېنىڭ ئايالىم بۇلتۇر يەڭگىيدىغانغا ئاز قالغاندا مەن مۇنبەردىكىلەردىن ياردەم سوراپ‹‹ ئاللاھ خالىسا ئايالىم يېقىندا قوشكېزەك يەڭگىمەكچى ، لېكىن ئوغۇل-قىزلىقىنى قەتئىي تەكشۈرتمىدۇق.(چۈنكى مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتىغىنى بولغاچقا بىز ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغان.) شۇڭا ئىسىم قويۇش مەسىلىسىدە قىينىلىپ قالدىم، تورداشلارنىڭ دىنىمىزدا تەۋسىيە قىلىنغان، بىر-بىرىگە ماس كېلىدىغان ئىسىملار بولسا ياردەم قىلساڭلار›› دېسەم ماۋۇ‹‹تۇز›› ماڭا ‹‹ ساڭا ئاللاھتىن ‹ئايالىڭ قوشكېزەك يەڭگىيدۇ› دەپ ۋەھىي كەلدىمۇ؟ دەپلا يەر ئاستىنىڭ ‹‹تاتلىق›› سۈيىدەك گەپ قىلغان ئىدى. بەزى تورداشلىرىمىز پايدىلىق ئۇچۇرلارنى بەردى. مەن ئۇلاردىن شۇنداق خوش بولدۇم. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى، ئايالىم بۇلتۇر 10-ئايدا قوشكېزەك قىز تۇغدى. ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن باللىرىممۇ ساغلام ئىسمىنمۇ شۇنداق چىرايلىق قويۇۋالدۇق. شۇ چاغدا ‹‹تۇز›› مۇ بۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرماي، ‹‹ ئاللاھ سالامەتچىلىكنى بەرگەي›› دېگەن بولسا ياكى مەن ئۇنىڭدىن ياردەم قىلمىدىڭ، دەپ ئاغرىنمىغاندىكىن ئۇنداق ئىنكاس يازمىغان بولسا مەنمۇ ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەيتتىم. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىشى گۇناھ ئىش. بۇنى بىلىمەن. بىلىپ تۇرۇپ قىلىپ سالدىم ئاللاھ كەچۈرگەي! لېكىن باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشمۇ ساۋاب ئەمەس. شۇ ۋاقىتتا قوشكېزەك پەرزەنتنىڭ خۇشاللىقىدا ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ خۇشال يۈرىۋاتقان ۋاقتىم ئىدى. ماۋۇ ‹‹تۇز››نىڭ گېپى بىلەن دىلىم قاتتىق رەنجىگەن ئىدى. مەنمۇ ئۆز ۋاقىدا ئايالىمنى دوختۇرخانىدا بىرنەچچە قېتىم قايتا-قايتا تەكشۈرتۈپ ھەم مىدىرلاۋاتقان ئىككى جاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكە دوختۇرلارنىڭ ئېيىتقىنى بويىچە ‹‹ ئاللاھ خالىسا ئايالىم قوشكېزەك يەڭگىيدىكەن›› دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. ئاللاھنىڭ ئرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، شۇ دوختۇرلارنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا ئايالىمنىڭ قورسىقىدا قوشكىزەك پەرزەتنىنىڭ بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنىمۇ ئاللاھ بەلگىلىگەن.