wolf007 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 10:18 PM
جىڭ گەپ بوپتۇ بۇ ، بەزى كالتە ئەقىللەر چاغاندا پوجاڭ ...
سىز تېمىنى ئوقۇپ ئىنكاس يېزىۋاتامسىز، ياكى، پەقەت ئىنكاس ئوقۇپ، ئىنكاسقىلا قارىتا ئىنكاس يېزىۋاتامسىز، ئىنكاسلارنىمۇ ئوبدانراق ئوقۇپ چۈشىنىپ ئاندىن يازدىڭىزمۇ.
سىز جىڭ گەپ بوپتۇ دەپ نەقىل ئالغان گەپ، ئەسلى مېنىڭ ئىنكاسىمنى خاتا چۈشىنىپ يازغان، ماڭا قايتۇرغان ئارتۇقچە رەددىيە ئىنكاس ئىكەنتۇق.
سىز ئۇنىڭ ئۇ خاتا چۈشىنىپ يازغان ئىنكاسىغا ئەگىشىپ نىمە قىلاي دەيسىز. مۇشۇمۇ باشقىلار چالا ئەقىل بولۇپ، سىزنىڭ پۈتۈن ئەقىل بولغىنىڭىزما؟؟؟
سىز دىگەن ئۇ (چاغان) ئۆتۈپ بولغىلى نەۋاق، يەنى ئۇ خەنلەرنىڭ باھار بايرىمى ئۆتۈپ بولغىلى نەۋاق.
مېنىڭ كۈتۈۋالايلى دىگەن باھار، ئالدىمىزدا يېتىپ كېلىدىغان باھار بولماي، يەنە شۇ ئۆتۈپ بولغان (چاغان)دىكى باھار بولارمۇ،
((بۇ قىش چىقىش ئالدىدا تازا بىر يېغىۋالاي دەپتۇدە )) دىگىنىمنى قانداق چۈشىنىۋاپ بارىسىلەر.
باھارنى كۈتۈش ئالدىدىكى گەپلەرنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئاتىماي دەپ قالسىلا،
باشقا باھارلارنى كۈتكەنگە، يەنە تېخى ئۆتۈپ بولغان سىز دىگەن (چاغان)ننى كۈتكەنگە ئۆزگۈرۈپ قالارمۇ.
بۇ خۇددى، بۆرىنىڭ ئۆزى ئېرىقنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا تۇرۇپ، تۆۋەنكى ئېقىندا سۇ ئىچىۋاتقان قوزىنى سۇنى بۇلغىۋەتتىڭ، سېنىڭ گۇنايىڭ مۇشۇ دىگەندەكلا گەپ بولدى-دە بۇ.
بىكاردىن بىكارغىلا ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ ، قۇسۇر چىقارمىساڭلار نىم بولار،
بۇ پەقەت تور دۇنياسى، ھەقىقى تونۇلاي دىسىڭىز، ئەمىلى تۇرمۇشىڭىزدا تونۇلۇشقا كۈچەڭ،
بۇ توردا قارىسىغىلا بىرسىگە ئۈسسۈپ گەپ قىلىپ، تونۇلىمەن دىمەڭ.
ھەم يەنە ئىنكاس يازغاندا، ئوبدان ئوقۇپ چۈشىنىپ ئاندىن يېزىڭ، گەپلىرىم ئېغىر كەتكەن بولسا، كەچۈرۈڭ. بۇندىن كېيىن ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلار، دەپ گەپنى ئوچۇق دەۋەردىم.
گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسۇل تۈزدە دەپتىكەن ئەمەسمۇ.
بۇ يەردە سىز ۋە مەن ۋە تالىشىپ ئولتۇرغىدەك ئىشلارمۇ يوق ئىدى، تېما بىلەنمۇ قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىدى، ھەيران قالىمەندە، يوقتىن ئىش تېرىغانلارغا.
تېما ئىگىسى كەچۈرۈڭ، تېمىڭىزنى قالايمىقان قىلغۇم يوقتى.
قاراپ تۇرۇپ، پوجاڭزا ئاتىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغىلىۋاتىدۇ بەزىلەر ئادەمنى، بېشىمنى چايقىماي ئامالىم يوقتە. گەرچە باشقىلار مېنى سەن قارا دىسىلا مەن شۇنداق بولۇپ قالمايمەن، شۇنداق بولسىمۇ، گەپ چۈشەنمەي ئىنكاس يازىدىغانلار دىققەت قىلسىكەن ئۈمىتتە قايناپ قالدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-25 02:16 AM