gulbar5 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 05:34 PM
كوزنەك ئەپەندىمىنڭ ئاغىزىنى تاتىلاپ مۇشۇ ئۇسۇلدا گ ...
بۇۋەدە ئەمدى نەسىھەتنىڭ گىپى چىقىپ قالدى . قانداق قىلىمىز ئەمدى تاتىلاۋەرگەندىكىن تۆكمەي .
مۇشۇ ناسارالارنىڭ ھۆكمىسى نەتىجىسىدە ئەرلەر گۈزەل قىز - ئاياللارغا قاراپ بەرسە ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ دىيىشىدىكەن . توغرا شۇنىڭدەك قىممەتتە ئەرلەرنىڭ تەندىكى ئۆمرى سەل ئۇزىرايدۇ . چۈنكى گۈزەل قىلز - ئاياللارنى كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن كۆز زىناسى قىلىپ ھۇزۇر ئالغاندا كىشىنىڭ كۆڭلى ئالەمچە خۇشلۇققا چۆكىدۇ . ئەمما بۇ ئىسلامىيەتكە قەتئى قارشى ھۆكۈم ۋە يامان ئاقىۋەتكە باشلايدىغان مەۋقەدۇر ! چۈنكى ئىسلامىيەت پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن تۇتقا قىلىنىدىغان دىندا ، ھاياتلىقتا ئاساسلىق تۇتقا قىلىدىغان قورغاندۇر ! ئەمما ھەر شەيئىدە شۇ كىشىگە قارىتا ئەسلى يامانلىق بولغان مەۋقەلەر بولۇپ ، قارىماققا كۆڭۈلنىڭ بىردەملىك ئارامىي قىممىتىگە دال بولغاندەك قىلغان بىلەن ئەسلىدىكى ئەڭ پايدىلىق بولغان قىممەتتىن خالىي قالدۇرىدۇ .
ئىنسان ياشايدىكەن ، ئۇنىڭ مەيلى قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ئىنسانلىقىدا ئىشلىگەن نەتىجىسى ، تۆھپىسى ، ئىسلامچە ئېيتقاندا ساۋابىي قانچىلىك ئەمەللەردە بولدى ؟ بۇ مىيزاننى بىز پىكىر قىلىپ بولسىمۇ يەكۈنلەپ چىقالايمىز . ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۇنىڭ يىلنى كۆپ ئۆتكۈزگەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇ قىسقا ئۆمۈر كۆرسىمۇ قىلغان ، تاپقان نېمەتلىرىنىڭ ئاز - كۆپلىكىدە بولىدۇ . ئەقىل ھاياتلىقنىڭ بۇ خىل قىممىتىنى ياقىلايدۇ .
ئەمىسە بۇ قىممەتكە قانداق يېتىمىز ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭ كۆپلىگەن تەرەپلىك مەيدانى ، يوللىرى باردۇر . ھەممە ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىدىكى قىممىتىنى بۇيلايدۇ ئەلۋەتتە ! ئەمما چوقۇم بىلىشقا تىگىشلىك ، چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئىنتايىن قوغدىشىمىزغا تىگىشلىك مەۋھۇملىقتىكى ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسە شۇكى ، ئۇ بولسىمۇ بىزدىكى ئىلھامدۇر ! بىزدە شۇ خىل ئىلھام قانچە كۈچلۈك بولسا تەھلىلى كۈچىمىز ، يېڭىلىقلارغا ئات سالماقتىكى كۈچىمىز شۇنچە كۈچىيىدۇ . ھەر بىر ساھەلەرنىڭ ئۈستۈنلۈككە سىلجىشى ئەنە شۇ خىل ئىلھامنىڭ شۇ ئات سالغۇچى كىشىلەردە شۇنچە كۈچىيىشى بىلەن بولىدۇ . تۆۋەندىكىلەر ئات ئۈستىگە ھەم شۇ خىل ئىلھامنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن چىقىدۇ . ئىنساننىڭ ئۆمرى تەن بىلەن ئەمەس بەلكى ئەنە شۇنىڭدەك ئىلھامنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىش بىلەن ئۆزىنىڭ ساھەسىنىڭ ئۆرلىشىگە سالغان تۆھپىسى بىلەن يۇشۇرۇن بولسىمۇ ئۇنىڭ كىيىنكى ئاللاھنىڭ ھەر تەرەپتىن چىقىش يولى بېرىشى ، باشقا يوللىرىنى كېڭەيتىپ بېرىشى بىلەن يەنىلا ئەسلى قىممەت ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ . شائىرلارمۇ ، يازغۇچىلارمۇ ، موللىلارمۇ ، پەلسەپەچىلەرمۇ ، ماتىرىيالىزىمچىلارمۇ ، دوكتۇرلار ، مۇزىكانتلار بولسۇن .... ھەممە يەنىلا ئۆزىدىكى مەۋھۇم بولغان قىممەت ئىلھامىغا مۇھتاج بولىدۇ . ئۇلار ئەنە شۇ خىل قىممەت بىلەن ئىگىلىك قىممىتىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى ، يېڭى - يېڭى ئىجادىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ خىل ئىلھامنى قانداق تېپىش ۋە ئۇنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەم قانداق ئىشلىتىش يولىنى بىلمەيدۇ . ئەمدى بۇ تېمىدا مۇشۇ خىل ئىلھامنى يوقۇتۇشقا قارىتا مەۋقە بولغانلىقتىن ۋە مەن بۇ خىل تەرەپكە قارىتا قەلەم ئىشتىشكە تۇتۇلۇپ قالغانلىقتىن ئىلھامنىڭ مۇشۇ تەرەپلىك ھەم يوقۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىشىم كېرەك بولدى . گەپكە كەلسەك ، ئىلھام مەيلى ئۇ قايسى دىندىن ، مىللەتتىن بولمىسۇن كۆپرەك ئۆز پەرۋەردىگارىغا سېغىنىش قىلىدىغانلاردا كۈچلۈكرەك بولىدۇ . ئۇنىڭدىن قالسا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغانلاردا ۋە ئادىللاردا ، ياخشى سۈپەتكە ئورانغۇچىلاردا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ساھەدە باش كۆتۈرگەن ۋە ئۆز قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرغان ھەر بىر قىممەت ئىگىسى شەھۋەتكە بېرىلمىگەن ۋە ئادىمىيلىكىدىن چانمىغان بولىشى كېرەك بولىدۇ ۋە كۈزىتىڭلەركى ، پۈتۈن ئۈستۈنلۈك ئەنە شۇ خىل قىممەتتىكى كىشىلەرگە مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر !
گەرچە گۈزەل قىز - ئاياللارغا قاراش كۆڭۈلنىڭ ئارامى بولسىمۇ ، گەرچە كېلىشكەن يىگىتلەرگە قاراش قىز - ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ ئارامىي بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىلھامغا قارشى مىكروپ بولغانلىقتىن ، ئۇنىڭدەك كىشىلەردە شۇ خىل قىممەت ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ ۋە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . چۈنكى ئىلھاممۇ يۈرەكتە ، قەلىبتە بولىدۇ . شەھۋەتنىڭ ئورنى ھەم پەقەت تەندىنلا ئەمەس ئۇنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچى ھەم قەلىبتە بولىدۇ . چۈنكى پۈتۈن سېزىملەرنى ، ئاڭ - خارەكتىرلەرنى ، نەپسىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى يەنىلا يۈرەكتۇر ! دىن بولسۇن ، ئېتىقاد بولسۇن ، ئىمان بولسۇن ، ھايا - ئەخلاق ۋە باشقا بارلىق مەۋھۇملار....بولسۇن ھەممە قەلىبنىڭ نېسىۋىسىدۇر !
تەقۋالىقنىڭمۇ پۈتۈن دىندا ، پۈتۈن ساھەلەرد تىگىشلىك بولغان ئەسلى قىممىتى باردۇر . ئاللاھ ھەممىلەرگە ئۆز تۇنىشىدىكى قىممەتتە تىگىشلىك ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان قىممەتنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ . چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇپ قېلىشىغا رازى بولمايدۇ . بارلىق ساھەلەردىكىلەر ئەڭ ئۈستۈنلۈك پەللىگە چىققاندا ، ئاندىن بىر ياراتقۇچىنى ھەقىقىي ، چىن تونۇيدۇكى ، ئۇنى ھېچ بىر كۈچ تونۇشىدىن توسۇپ قالالمايدۇ . ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتتا شۇ بەندىسىگە بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ ، ئۇ روھىيىتىنى پاك تۇتقان ۋە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن توغرىلىقنى ، ھەقىقەتنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىدىكى جەننەتنى تەلەپ قىلغان بولسا رەھمانتائالا ئۇنى شۇ خىل قىممەتنى تىلەشكە يىتەكلەيدۇ . مانا بۇ خىل قىممەتكە يېتىش تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىقتىكى بارلىق ئۆز قىممىتىدىكى مەۋھۇملارنى ، ئىلىملەرنى مەھكەم تۇتقان ، مۇمكىن قەدەر ئېزىق چىشى بىلەن چىشلىگەندەك چىشلەپ تۇتقان كىشىلەردە ئاندىن مەۋجۇت بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئى ئەرلەر جامائەسى ! ئاياللارغا تىكىلىپ ، يەنى مەھلىيا بولغان ھاللاردا قارىمايلى ! ھەم ئى ئاياللار جامائەسى ! ئەرلەرگە ھەم مەھلىيا بولغان ھاللاردا تىكىلىپ قارىمايلى ! گەرچە ئۇ رەسىم بولسىمۇ ، سۈرەت بولسىمۇ ، تېلىۋىزىيەدىكىلەر بولسىمۇ !
ئىشەنمىسەڭلەر ئى ئىلھام ئىگىلىرى ! شۇنىڭدەك ئىلھامىڭلار كۈچلۈك چاغدا سىناپ بېقىڭلەر بىر نەچچە ئىلھامىڭلارنى دەسمىگە سېلىپ . ئاندىن ھىسسىي قۇۋۋىتىڭلار بويىچە شۇ خىل قىممەتنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار . تارازىغا قويۇپ بېقىڭلار . ئاندىن نەتىجىسىنى چىقىرىپ بېقىڭلار !
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنى ۋە مىللىتىمىزنى بۇ يىرگىنىشلىك زۇلمەتتىن قۇتۇلدۈرۈشنى تىلەيدىكەنمىز ، ئىلھامىمىزنى قوغدىشىمىز ۋە شۇ خىل ئاساستا ئۆمرىمىزنى ئۇزارتىشىمىز كېرەك بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار .
ئەمىسە شۇنداق بولسۇنمۇ ھە . كۆپ سۆزلەپ قويدۇم . ئەيىپكە بۇيرىماسسىلەر ھە ؟