مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 5

ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 11:35:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ماتېماتىك ئېۋكلىد


بۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن بىللە شۆھرەت قازانغان. بۇ دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23  ئېنىقلىما،5  پوستولات،5  ئاكسىئوما،467  ھۆكۈملۈك بار.



ماتېماتىك ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى
 «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» ئەسلى نۇسخىسىنىڭ پارچىسى


«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى قوليازما ئىدى، كېيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭ تارقىلىش مىقدارى «ئىنجىل» دىن كېيىنلا بولۇپ،2  - ئورۇندا تۇرىدۇ.19  - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيە ماتېماتىكى لېگېندر ئېۋكلىدنىڭ ئەسلىي ئەسىرىنى ھازىرقى زامان تىلىدىكى گېئومېتىرىيە دەرسلىكى قىلىپ يېزىپ، ھازىرقى ھەممىباب گېئومېتىرىيە دەرسلىكىگە ئايلاندۇردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا (1607 - يىلى) جۇڭگوغا كىرگەن، ئۇنى ئېلىمىز ئالىمى شۈ گۇاڭچى بىلەن ئىتالىيە مىسسىئونېرى رىمادو بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزدە تەرجىمە قىلىنغان غەربنىڭ تۇنجى ماتېماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نىڭ ماتېماتىكا تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى باشقا ھەرقانداق كىتابتىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇ ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ نەزەرىيە - ئاساسلىرىنىڭ بىرى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ كىشىلەرگە بىر يۈرۈش ئىلمىي گېئومېتىرىيە ئىدىيىسىنى ئاتا قىلدى.



«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى»نىڭ1857-يىلى
ساڭخەيدا خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەڭ دەسلەپكى نۇسخېسى


ماتېماتىك ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى»نىڭ تەتقىقات خاراكتىدىكى ئىلمىي ماقالىلاردا ئايرىم بۆلەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، لىكىن بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى تولۇق تەرجىمىسى تىخى مەيدانغا كەلمىدى.

 بۇ ماقالە ماتېماتىكا بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://matimatik.blogbus.com/logs/69535352.html


http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5331
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8244
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2011-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 12:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ گىئومىتىرىيەنى  10 سائەت سۆزلەپ بىرىدىغان ئادەم بولسا 10 سائەت ئاڭلايمەن جۇما، بەك ئامراق مەن بۇ پەنگە.

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 01:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇرۇن بەك ئامراق ئىدىم، شۇڭلاشقىمىكىن خېلى تالانتىممۇ بار ئىدى، خېلى خېلى مۇئەللىملەر مەن سورىغان سوئالغا جاۋاپ بېرەلمەيتتى... ھې ھې ھې

http://309357575.qzone.qq.com  

پىسخولوگىيە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2281
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38031
تۆھپە نۇمۇرى: 472
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 01:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىۋكىلىد توغرىلىق مەنمۇ بۇرۇن ئاڭلىغان. تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت...

http://309357575.qzone.qq.com  

راھەت جاپاسى بىل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3385
يازما سانى: 1280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2011-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 02:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىئومىتىرىيە بەكلا تەس، مەن ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن جۇمۇ. [s:34]  [s:34]

دەرت يامان لىكىن،سىنىڭمۇ دوست-دۈشمىنىڭ بار.خۇشال ياشا،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ.
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-2 04:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش