sazguri يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 06:19 PM
شۇڭا ئالىم كاۋاپدەك ئادەملەر تېخىمۇ كۆپىرەك چىقسا بول ...
ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار .بەزىلەر ئالىم كاۋاپچىنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنى چۈشەنمەي ئۇنىمۇ ھەر نېمىلەرنى دەپ باقتى .ئۇ بولسا بىزنىڭ تۆكۈلگەن يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلىش ئۈچۈن يىراق يەرلەردە كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىدۇ .ئۇ ئۆزىنىڭ دوپپا كېيگەن ،ساقال قويغان ساپ ئۇيغۇر سېماسى ئارقىلىق ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى (ئادىمىلىگىنى ) نامايەن قىلماقتا .بىزمۇ تارىختىن بىرى ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ مەدەنىيەت دىگەن نام بىلەن مەناداش بولۇپ كەلگەنلىگىنى باشقىلارغا بىلدۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بىرلىكتە تىرىشايلى .