mawlanof يوللىغان ۋاقتى 2012-2-29 09:17 PM
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەممەيلەن ئويلۇنۇپ باقساق بولغۇ ...
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ، ھەممەيلەن ئويلۇنۇپ باقساق بولغۇدەك . دىمەكتىمۇ مىللىي كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئۇلارنىڭ ئىستىمال قىزغىنلىغىغا ئېرىشىش بەكمۇ تەس، تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ، كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتالايمەنكى ، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى بازار ئېچىش مەسىلىسى بەكمۇ مۇشكۇل ئىش بولىۋاتىدۇ . قىممەترەك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارساق مىللىيلارنىڭ ئىسىمال قىلىشىغا چامى يەتمىگەن ، ئۇلاردىن ئۈمۈت كۈتسەك دىگەندەك ئېپ كەتمىگەن . ئاخىرىدا يەنىلا سۈپەتنى ياخشىلاپ ، ھالال يىمەكلىك ئىشلەپ ئۆز قىرىنداشلىرىمىزدىن ئۈمۈت كۈتكىنىمىز توغرىكەن. بىر يۇئەن پۇلنى ئوشۇق خەجلىسەكمۇ مىللىي كارخانىچىلارنى قوللاپ قويايلى .