kahrizat يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 10:36 PM
تىرناق ئالغۇچ ئەچىقىپ ساتسا بەش ھەسسە پايدا ئالالايدۇ
ناتايىن. بىز ئادەتتە بىر تال تىرناق ئالغۇچنى نورمال دۇكاندىن بىر لىراغا ئالىمىز. بىر لىرا 3 كوي 4 موچەن.
تۈركلەرنىڭ دۇكانلىرىغا 1 كويدىن سېتىپ بەرسىڭىز، ساتالىشىڭىز مومكىن. لېكىن، مۇشۇنداق سېتىش ئۈچۈن تاموژنىدىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ كېلەلىشىڭىز شەرت. ئىستانبول ھاۋالىمانىدا (ئايدرومىدا) چامىدان ئىچىدىكى تۈمۈر تەسەك نەرسىلەرنى بەك قاتتىق تەكشۈرىدۇ. كومپىيوتېر نورمال ئۆتكۈزگەن نەرسىلەرنىمۇ كەينىڭىزگە پۇخراچە ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرىدۇ.
ئۆتكەن يىلى بىز مىسىرغا بارغاندا قاھىرەدىن مەن دوخوپكىدا كىچىك تۆرت پىشىدىغان تۆمۈر قېلىپ (نەقشلىق لېس) ئېلىپ كەلگەنتىم. سومكىدىكى نەرسىلەر قاھىرەدىكى تەكشۈرۈش، ئىستانبۇلدىكى ئېلكترونلۇق تەكشۈرۈشتىن ساق-سالامەت ئۆتكەنتى. ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرساق، پۇخراچە كيىنگەن تۈرك ساقچىلار، توختاڭلار، سومكاڭلاردا گۇمانلىق تۈمۈر نەرسە باركەن، كۆز بىلەن قاراپ تەكشۈرىمىز دەپ سومكىنى ئاچقىلى سالغانتى.
________________________________
تۈركىيەگە ساتقىلى ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن دۆلەت يۇقىرى باج ئالىدۇ، چۈنكى، دۆلەت مىللى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىلاجى بار تۈرك مېلى سېتىش، چەتئەل مېلىنى ئاسانلىقچە ساتقىلى قويماسلىق ئۈچۈن مۇشۇ سىياسەتنى تۈزۈپ چىققان.
تاموژنىدا سومكا چامىدانلارنى تەكشۈرگەندە بۇ يەرگە ساتقىلى بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەن قىلمىش بايقالسا، ئېغىر جىرمانە قويمىسىمۇ، ئېغىر باج ئېلىشى، سوراق قىلىشى، قانۇن ساۋادى بىلدۈرۈشى ئېنىق.