篮球美女 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 06:56 PM
ھازىرچە بۇ ئشىلارنىڭ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئى ...
ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ-چۈشۈشىنىڭ ھايات تۇرۇۋاتقان ھەرقانداق ئادەم بىلەن مۇناسىۋىتى بار، كۆپىنچە تورداشلار ئالتۇن باھاسىنى توي ئىشىغىلا باغلاپ چۈشىنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە توي ئىشى مانچىنچى مەسىلە، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشى تويلۇق ئالتۇنغا كۆپ بولسا 1-2 مىڭ يۈئەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، 40-50 مىڭغا چىدىغان ئادەم 1-2 مىڭ يۈئەننىڭ ئارتۇق كىتىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرسە قاملاشماس.
ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ-چۈشۈشى بىۋاستە كۈندىلىك ئۇششاق-چۈششەك ئىستىمال بويۇملىرى يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىن تارتىپ چوڭ تاۋارلارغىچە تولۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ، جۇڭگوچىلىقتا خەلقئارالىق تاۋار(ئالتۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن بىرەرسى ئۆسسىلا مال باھاسى تەڭ ئۆسىدىغان، ئىش ھەققى جايىدا قالىدىغان ئىش نورمال ھىساپلىنىدىغان بوپ قالدى.
شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ئالتۇن باھاسىنى توي ئىشىغىلا باغلاپ تەھلىل قىلىدىغان ساددىلارچە مىجەزىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-2 12:52 AM