مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: parz

بۇ خىل قىلمىشلار ئەخلاقسىزلىققا ياتمامدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9789
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 11:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇندىكىلەرنىڭ ئۇنداق دىگىنى بىزنىڭ ئەخلاق قارشىمىزنى چىقىش قىلماي ،ھەمممىدە پاكىت ئاساس دەپ نۇرغۇن ئىپلاسلىقلارغا ناھەق يول قويغانلىق ۋە ئاۋۇتقانلىق...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35333
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 03:30:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ، بۇ ئېنىقلا بىر ئەخلاقسىزلىق .ئۆزىنى ئەلنىڭ ،ئائىلىنىڭ تۆۋرۈكى دەپ قارىغان ئەقىللىق بىر ئەر بولسا بۇنى ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ ،چاكىنىلىق بەدىلىگە يېقىن كىشىلىرىنىڭ  دىلىنى رەنجىتمەيدۇ .كۈن -كۈنلەپ ھاراق ئىچىپمۇ يۈرمەيدۇ شۇنداقلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغۇدەك مەست بولغۇچە چىلىشىپ ئىچمەيدۇ .بۇ ئادەمنىڭ بۇ قىلمىشى ئېنىقكى موساجان ئېيتقاندەك ئەخلاقسىزلىقنى ئاۋۇندۇرغانلىق ، يول ئاچقانلىق يەنە كېلىپ باشلامچى بولغانلىق خالاس،بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ياش ھەم كىچىك قىزلار بىلەن توردا ھەم يانفۇن ئۇچۇرىدا مۇھەببەتلىشىپ يۈرسە ،ئۇنىڭ تاپقان بالىلىرى نىمە بولۇپ چىقار ؟؟ دادا قىلسا بالىغا دەپتىكەن ، مېنىڭچە بۇنى ئۇ ياق ئوبدان بىلسە كېرەك .اللا مۇشۇنداق ئەرلەرگە بىلىپ بىلمەي ماسلىىشپ كېلىۋاتقان  خانىم قىزلىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىنساپ بەرگەي ! ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقىنى كەچۈرگەي !بۇ يازمىدىكى باش قەھرىمانىمىزنىڭ دىلىغىمۇ ئىنساپ بەرسۇن ، تازىمۇ بىر يالغانچى ئەر ئوخشايدۇ ئۇ شۇنچە ۋەدە بېرىپ تۇرۇپ تا ھازىرغا قەدەر ئوڭشالمىغاندىن كېيىن  ساقچىلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ .
ئاخىرىدا بۇ يازمىنى يوللاپ باشقىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىۋېلىشىغا تۈرتكە بولغان پەرز گە رەھمەت ،ھەممىمىز بۇ خىل قىلمىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ بىلىپ بىلمەي بۇ خىل يولۇقۇپ قالغان بولساق تۈزۈتىۋالايلى ،خاتالىقنى سادىر قىلغان ئىكەنمىز تۈزۈتۈشتىن قورقماسلىقىمىز لازىم ، بىز يەنىلا ئۈلگۈرىمىز .شەرمەندىچىلىكتىن ، ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ،بالىلىرىمىزنىڭ يېتىم قېلىشىدىن ساقلىنىايلى !توردىن توغرا پايدىلىنىايلى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45463
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 11:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭلارمۇ   چ چ نى خىزمەت، پۇل تىجەش مەخستىدە توغرا ئىشلەتمىسە ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار  ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ھازىر ئۈگۈنۈش بېسىمى بەكلا ېغىر ۋاقىت يىتىشتۈرۈش ئۇلار ئۈچۈن خېلىلا قىيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76763
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2012-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 12:48:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەن قاتتىق ئۆكۈنىش ،ھەيران قېلىش ، ئازاپلىنىش ئىچىدە دوستلاردىن يەنە بىر  قېىتم  شۇ سۇئالنى سورۇغۇم كېلىۋاتىدۇ .ماڭا سەمىمى جاۋاپ بېرىپ تېما قەھرىمانىنىڭ نىمىنىڭ ياخشى ئىش ، نىمىنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى ئايرۇۋالغىدەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈتۈنىشكە مەجبۇرمەن .
تېمىدىى باش قەھرىمان بۇ تېمىنى كۆرۈپ قېلىپ مېنىڭ يازغىنىمنى دەرھاللا بىلىپ (چۈنكى مەن ئايالىنىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش دوستى )ماڭا كايىپ مۇنداق دىدى ، سىزمۇ بىر ھۆكۈمەت ئادىمى كىچىك ئىشلارنى نىمىگە ئۇنچە چوڭ ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈۋالدىڭىز ،قېنى سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇنىڭىز دەپ ئەيىپلەپ كەتتى ، مەن ھەيران قالدىم ،ئەجىبا باشقىلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىغى سىزنى سېغىندىم ، يېنىڭىزغا چىچقايمۇ دەپ ئۇچۇر قىلىش كىچىك ئىشمۇ دېسەم ھېچ تەپ تاتماستىلا ‹‹مەن چىقىمەن دېگەنگە چىقىپتىمەنمۇ ، خەقنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ قوينىدا يېتىۋاپتىمانمۇ ، جالاپلىق قىلىپتىمەنمۇ ›› دېيدۇ ،مەنمۇ ئاچچىقىمدا‹‹ ياتمىسىڭىز نىمىشقا چىدىماي قالدىم ، چىقايمۇ دېيسىز ›› دېسەم يەنە شۇ گەپ‹ چىقىپتىمەنمۇ ›،ھەيران قالدىم جاھاندا شۇنداقمۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئۆھتەم ئەرلەر بولىدىكەن .ۋىجدانى بار ئەرلەر(خانىم قىزلار ) ئۇ ئەرگە بىر لىللا جاۋاپ بېرىپ باقساڭلار ، ئۇ  سىلەرنىڭ جاۋابىڭلار ئارقىلىق دىلىغا اللا ئىنساپ سېلىپ توغرا-خاتا ، ياخشى -يامان ،ئەخلاق -ئەخلاقسىزلىق ھەققىدە بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ تەغرا -خاتانى ئايرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋالسا .سۇئالىم :ئەجىبا ئۇ گەپلەرنى تەپ تەرتماستىن باشقىلارغا دېيىش جالاپلىققا كىرمەمدۇ ؟ئۇ كىچىك ئىشمۇ ؟ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى توغرىمۇ ؟خوتۇننى ھېچ نىمە دىمەي ، توققۇزىنى تەل قىلىپ ئۆتسىلا ھېساپمۇ ؟خوتۇن دېگەن شۇنچە خورلۇق تارتىش ئۈچۈن يارالغانمۇ ؟ئەرلەر ھەممە ئىشنى مەستلىككە ئارتىپ مەسئولىيەتنى بوينىغا ئالمىسا بولامدۇ ؟
مەن بۇ ئىنكاسنى ئېرىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يازدىم ، ئېرىممۇ بۇ ئىشتىن بەك خاپىلاپ كەتتى ، ھەم دوستلارنىڭ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئېنىق ئايرىپ ،تېما قەھرىمانىغا قېىنىق چۈشەندۈرۈۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ .

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8396
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 11:04:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا~بۇنىڭغىمۇ مۇنازىرە كېتەمدۇ،ئېنىقلا ئەخلاقسىزلىققۇ ئۇ~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش