131svkvt يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 02:45 AM
ئەجەپمۇ خەق ھە بىز جىق ئىشلارغا ئامال يۇق دەپلا تۇگۇتى ...
چۈنكى ئۇلار ئاتا- ئانا، بىز بوۋا موما بولۇپ كېتەيلى ئۇلار بىزنى بەرىبىر ئېغىزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن گۈدەك چاغلايدۇ ئەمەسمۇ، ئاتا- ئانىلارمۇ بەزى كەم ئەقىللىق قىلىپ قويىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا- ئانىلار كۆپنى كۆرگەن بولغاچقا ئۇلارمۇ خاتا يولغا باشلىمايدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى ئەمەسمۇ....... بۇنىڭدا ئەيىپنى ئاتا- ئانىغىلا يۈكلەشكىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر كۆڭلى خالىسا قېچىپ كېتىپ، بىر كۈنلەردىن كېيىن ئىككىلىسى بىرلىكتە قايتىپ كېلىپ گەپ تاپقانلار ئالدىدا بەختىنى نامايەن قىلسىلا ئىش پۈتمەمتى، ئەسلى شۇ قىزمۇ شۇنداق كالۋا ئىكەن، جاھاندا قانداق بىر پەرزەنت يات بىر كىشىنى ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن ئارتۇق سۆيەلىسۇن، ئۆز ئاتا ئانىسىدىن ئارتۇق كۆرەلىسۇن؟ سىز، بىز ۋە ئۇ شۇنداق قىلالامسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىز ئالدىدا ئاتا- ئانىڭىز ياكى ئاتا ئانىسىنىڭ يامان گىپى چىقىپ قالسا جۇدۇنىڭىز ئۆرلەيدۇ، چۈنكى سىز بىر ياستۇققا باش قويغان ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىزدىن ئاتا- ئانىڭىزنى بەكرەك سۆيىسىز، بەكرەك ياخشى كۆرىسىز......... بۇ دىگەن بىر مۇقەررەرلىك............ مۇشۇ مۇنبەردىكى %100 دوستلار ئىچىدىن قايسى بىرى مەن يىگىتىمنى ياكى قىز دوستۇمنى ئاتا ئانامدىن بەكرەك سۆيىمەن دىيەلەيدۇ ھە............ دىگەن تەقدىردىمۇ بۇ دىگەن يالغان، ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق.........