|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭى كەلگەنلىكم ئۈچۈن قۇرۇق كەلگىم كەلمەي، كۈچۈرۈلمە تىما بولسىمۇ ئالغاچ كەلدىم .كۆپچىلىكنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماي. كۆرۈپ بولغانلار بولسا پىكىر -تەلەپلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،كۆرمىگەنلەر بولسا كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىشىڭلارنى سورايمەن.بۇنىڭدىن كىيىن ئاللاھ خالىسا كۆپلىگەن ئىجادى تىمىلارنى تورداشلارغا يوللاپ تۇرمەن .بۈگۈن سىلەر بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن.ئاللاھ خالىسا ياخشى تورداشلاردىن بۇلۇپ قالمىز.
ھايۋانلارنى رەھىمسىزلەرچە تەجرىبە بويۇمى قىلىش جەھەتتە ئىلىم پەندە ياكى ئەخلاق جەھەتتىمۇ قانۇنىي سەۋەبى يوق . ھايۋانلارنى قۇربان قىلىپ ، شەخسىيەتچىلىك بىلەن تەجرىبە ئىشلەيدىغانلار ئۆزىلىرىنىڭ رەھىمسىزلىكىنى« ئادەملەرنىڭ كىيىنكى ھاياتى ئۈچۈن» دەپ گۇناھ تۇيغۇسىدىن قېچىشىدۇ . شۇنىسى ئېنىقكى ئەگەردە ئۇلار تىرىك ئادەملەرنى تەجرىبە بۇيۇمى قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ ئازابىغا چىدىماسلىقى تۇرغانلا گەپ . بىراق ھايۋنلارنىڭ قىينىلىشى ، ئازابلىنىشىمۇ ئادەملەر بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش !
تاشقى كېسەللىك تەجرىبىسى قىلىنغان ئورانگوتان
مۈشۈك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن نېرۋا فىزىئولوگىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ياخشى ماتىرىيالى . چۈنكى تەجرىبە قىلغۇچىلار مۈشۈكنىڭ مېڭىسى ئادەمنىڭكىگە يېقىن كېلىدۇ قارايدۇ .
رەسىمدىكىسى بىۋاستە ئېلېكترود بېرىلگەن مۈشۈك .
كۆزى تەجرىبە ئۈچۈن ئېلىۋېلىنغان مۈشۈك
پۇتى ئۇرۇپ ئېزىۋېتىلگەن ئىت ، تەجرىبە داۋامىدا ياكى كىيىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق مەست
قىلىش ئۇكۇل ئۇرمىغان شۇنداقلا داۋالاش ئېلىپ بارمىغان . ئۇلار ئاغرىقتىن پەيدا بولغان
ئىتتىكى روھىي بېسىمنى كۆزەتمەكچى بولغان .
تەجرىبە ئۈستىدىكى مايمۇن
چاشقاننىڭ DNA سى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن ، تېرىسى قېرىپ قورۇق چۈشكەن . ئۇلار
بۇ ئارقىلىق قېرىلىققا قارشى تۇرىدىغان گىرىم بۇيۇملىرى تەجرىبىسى قىلماقچى .
مۈشۈكنى ئورۇندۇققا تۇراقلاشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ مېڭىسىنى تەجرىبە قىلماقتا .
ئادەملەر جىگەر قېتىش قىلغان 32 دانە ئىتنىڭ ئارىسىدىكى بىرى
كۈيۈك جاراھىتىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ، ئامېرىكىنىڭ Cincinnati شەھىرىدىكى
ئىبادەتخانا دوختۇرخانىسىدا ، بىر دانە ئىتنى « تېرىك پىشۇرۇپ » تەجرىبە ماتىرىيالى
قىلماقتا .
راك كېسىلى تەجرىبىسى قىلىنىۋاتقان چاشقان . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەجرىبىلەردە
سۈنئي ئۆسمە پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەجرىبە قىلىشىدۇ .
قچىشقاق كېسىلى تەجرىبە بۇيۇمى قىلىنغان توشقان
ئۇزۇن ۋاقىت مۇشۇنداق كىچىك قەپەسلەرگە سولاش ئارقىلىق ھايۋانلاردا نېرۋا كېسىلىنى
پەيدا بولۇپ ، ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەيدىغان ئەھۋاللار چىقىدۇ .
شەندۇڭدىكى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان « دۇنيا تۇنجى ماشىنائادەمسىمان قۇش » .
بۇنىڭدا كەپتەرگە ئوپىراتسىيە ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق
ئىش - ھەرىكەتلىرىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ
بۇ ئىت باشقىلار تەرىپىدىن قۇتۇقۇزىۋېلىنغان بولۇپ ، تەجرىبىخانىدا ئۇنىڭ ئارقا پۇتى
ئارقا - ئارقىدىن تەجرىبە ماتىرىيالى قىلىنغانىدى .
مايمۇنىڭ بېشىدىن تۈشۈك ئاچقاندىن كىيىن ، تەكشۈرگۈچ سېلىپ ئوخشاش بولمىغان
خىمىيىلىك ماددىلارنى ئۇنىڭ بېشىغا كىرگۈزىدۇ . ئادەتتە بۇ خىل تەجرىبىنىڭ ۋاقتى
نەچچە ئايغىچە بارىدۇ .
ياپونىيەدە تەجرىبە ماتىرىيالى قىلىنغان مۈشۈك
|
|
|
|
|
|