nawa يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 01:21 AM
ۋاي بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى؟ ئوخشاش بىر نومۇر ئىككى يا ...
راست دەيسىز ئاۋۇ چوڭ ئاپتۇبۇس بىلەن شۆفىلەن ماركىلىق ماشىننىڭ ئىككىسىدىن بىرسىنىڭ چوقۇم نۇمۇر تاختىسى ساختا،ئەگەر ئارسىدا بىرەر ھەرىپ قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا ئۇنداق بولماسلىقى مومكىن.
مەن مۇشۇ ساختا نۇمۇر تاختىسى توغۇرلۇق بىر قىزقارلىق راست بولغان ئىشنى دەپ بېرەي:
مەن بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇدۇل كىلىپ قېلىش دەپ كۆپ ئاڭلىغان لېكىن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈنۈم تۇنجىسى بۇلدۇ،مەن شۇچاغدا شۇنداق ھەيران قالغان ئىدىم.بىر كۈنى مەن قىزدوستۇم تاماق يەپ بۇلۇپ قايتار چېغىمدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر مىھمانغانىنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنىدا نۇرغۇن ئادەم تىزىلىپ كېتىپتۇ،مەنمۇ قىزىقىپ بارسام ئىككى ماشىنا توغۇرلۇق بولغان ئىش ئىكەن،بىر ماشىنىنىڭ ئىگىسى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان مەلۇم بىر ئارتىسىمىزنىڭ ئىدى،ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن تاماققا كەلگەن مىش،تاماق يېۋىتىپ ئارلىقتا شۇنداق سىرتقا قارسا ئوپمۇ -ئوخشاش ئىككى ماشىنا تۇرغان،نۇمۇر تاختىلىردىن،ماشىنىنىڭ رەڭگى،ماشىنىنىڭ ماركىسىغىچەڭ ئوخشاش ئىكەن،قاتناش ساخچىلىرى كەلگىچەڭ بولغان ئارلىقتا بىرقىسىم قىززىق پاراڭلار بولدى،ماشىننىڭ ئىگىسى بولغان ئارتىسىمىز مۇنداق دەيدۇ:مەن ھەر ئايدا سۆرەت ئېشىپ كەتتى دەپ جەرىمانە تۆلەيمەن،تۆلىگىلى خېلى ۋاقىت بولدى،ئەسلىدە مۇنداق بىر قوش كىزەك ئادش بار ئىكەندە؟!ھا ھا ھا قاتناش ساخچىلىرى كەلگەن ۋاقىتتا مۇنداق بىر قىززىق گەپ قىلغان ئىدى:مەن سۆرەت ئېشىپ كەتتى دەپ جەرىمانە تۆلىگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،بۇۋاققىچەڭ بۇماشىنىنىڭ پۇلىنىمۇ تۆلەپ بۇلاي دەپ قالغان ئوخشايمەن ،سىلەمۇ بۇ ماشىنى ئېلىپ كىتىمىز دەپ ئاۋارە بولماڭلار،بولسا مەنلا ئېلىپ كىتىپ ئۆزەم قوش كىزەك قىلىپ ھەيدەي دىگەن ئىدى.قاتناش ساخچىسىمۇ كۈلۈپ تاشلىۋەتتى.ئاخرسىدا قارشى تەرەپنىڭ ماشىنا ئىگىسىمۇ چىقمىدى،ماشىننى ئېلىپ كەتتى.قالغان ئىشلاردىن مەنمۇ خەۋەرسىز قالدىم.
ئەمما دىگەن بىلەن ئۈمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ چوڭ ئوخشاش كىلىپ قېلىش بۇلدىغۇ دەيمەن،شۇنداق بىر چوڭ ئۈرۈمچىدە ئايلىنىپ-ئايلىنىپ كىلىپ ئىككى ماشىنا بىر يەرگە كىلىپ قالغىنى بەك قىززىق،بۇجاھان ھەقىقەتەن ئۆتنە جاھان ئوخشايدۇ،بىرنىڭ-بىردە قالمايدىغان!!!