بىر قىز بۇۋاق مارالبېشىدا ئاتا-ئانىسى تەرەپتىن تاشلىۋېتىلدى !
توغۇلغىنىقا تېخى 10كۈندىن ئاشمىغان بىر قىز بۇۋاق مارالبېشىدا ئاتا-ئانىسى تەرەپتىن تاشلىۋېتىلدى.بىر ساخاۋەتچى ئانا بۇ قىزنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭ ئېغىر كېسەللىكىنى بايقىدى ھەمدە داۋالاتماقچى بولغاندا،رەھىمسىز تۇرمۇش بۇ بۇۋاق بېشىغا ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان قىسمەتلەرنى ئاتا قىلدى
ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: يېقىندا مۇخبىرىمىز جەمىئىيەتتىن كەلگەن بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدى،ئۆزىنى توختاتقان،ئېغىر بېسىق،مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىدىغان،ئەدەپ-ئەخلاقى ،پەزىلىتى ۋە بىلىمى ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كىلىۋاتقان بۇ ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى جامائەت ئەربابىنىڭ تورىمىزغا تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىدا دوختۇرخانىسىدا قەشقەردىكى بىر دوختۇرخانىدا باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئەمدىلا توغۇلغان بىر بالىنى ،مەلۇم بىر ساخاۋەتلىك ئانا تېپىۋېلىپ،ئۇنىڭ ئېغىر كېسەللىكىنى بايقىغان ھەمدە بۇ بالىنى داۋالىتىمەن دەپ پۈتۈن بىساتىنى چىقىم قىلىپ ، ئۇ مەسۇم بۇۋاق ساقىيىش تۈگۈل ھازىر ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئەكىلىپ،ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن داۋالىنىش ئۈزۈلۈپ قالغان...بۇ ئۇچۇرلارنى شىركىتىمىزنىڭ خەۋەر بۈلۈمىدىكى مۇخبىرلىرىمىز تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ،تېزلىكتە ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ،بالىنى تېپىۋېلىپ داۋالىتىۋاتقان ھەمدە ئىقتىسادىي يار بەرمەي مەسۇم بۇۋاققا قاراپ يۈرىكى ئېچىشىۋاتقان بۇ ساخاۋەتلىك ئانا بىلەن كۆرۈشتى.ئۇنداقتا بۇ بالا زادى كىم؟ ئۇ نىمىشقا توغۇلۇپلا بۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندۇ؟ مەسۇم بۇۋاقنى ساخاۋەتلىك يولدا داۋالىماقچى بولغان ئانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ئىقتىسادىي يىتىشمىگەن بۇ ساخاۋەتچى ئانا بالىنى داۋالىتالمايلا قالماي،ئۈرۈمچىدىن كەتسۇنمۇ،بىر سەبىي بۇۋاق مۇشۇنداق خازان بولامدۇ؟...تەپسىلاتىغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز،ئازغىنا ياردىمىڭىزنى ئايىماسلىقنى خالىسىڭىز تېمىمىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.
ئۈستىدە دېيىلگەن مەزمۇنلار بويىچە بۇ ئۇچۇرنى تېخىمۇ تەپسىلىي ئېگىلەش مەقسىتىدە بۈگۈن شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە مۇخبىرىمىز مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدى.مۇخبىرىمىزنىڭ ئېگىلىشىچە، 2012 -يىلى2-ئاينىڭ 23-كۈنى ،قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدىن رەيھانگۈل دوختۇرخانىدا كىسەل كۆرسىتىش جەريانىدا،دوختۇرخانا ھاجەتخانىسىدا كۆرپىگە ئوراپ ياتقۇزۇپ قويۇلغان ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر قىز بوۋاقنى تېپىۋالغان.دوختۇرخانىدىن شۇنچە ئىزدەپمۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئازراقمۇ خەۋىرىنى ئالالمىغاندىن كېيىن بوۋاقنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن.ھەمدە بوۋاقنىڭ كىيىملىرىنى يۆتكەش جەريانىدا ئالدى-ئارقا تەرەت يولىنىڭ پۈتۈك ئىكەنلىكىنى ،تەرەت ماڭمىغانلىقتىن قورسىقىنىڭ كۆپۈپ،ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارغان،دوختۇرلار ئامال قىلالماي باشقا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ كۆرسىتىشىنى ئېيتقان.شۇنىڭ بىلەن بوۋاقنى قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىگەن.دوختۇرلار گۈلمىرە(بوۋاققا تېپىۋالغان ئاتا -ئانىسى قويغان ئىسىم ) نىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكەشنى ئېيتقان.
گۈلمىرەنىڭ ھاياتىدىن قىلچىمۇ ئۈمىد ئۈزمىگەن ساخاۋاتچى ئانا رەيھانگۈل كېچىلەپ ماشىنا كىرا قىلىپ بالىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىپ ياتاققا ئالغۇزغان. ئەتىسى دوختۇرلار گۈلمىرەنى ئوپراتسىيە قىلىپ قورسىقىنى تىشىپ چوڭ ئۈچەينى چىقىرىش ئارقىلىق تەرىتىنى ماڭغۇزغان. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كىراپۇلى،تاماق پۇلى،داۋالىنىش راسخوتى قاتارلىقلار بولۇپ 10000يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىساد سەرپ بولغان.بىراق ئەسلىدىنلا ئائىلا ئىقتىسادىي ياخشى ئەمەس بولغان ساخاۋەتچى ئانا رەيھانگۈل ئائىلىسى بو بۇۋاقنىڭ كىيىنكى داۋالىتىشقا پۇل چىقىرالماي قىينىلىپ قالغان.
ئەلكۈيى مۇخبىرىنىڭ مەسئۇل دوختۇردىن ئىگەللىگەن ئەھۋالىدىن قارىغاندا گۈلمىرەنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ ،ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم چوڭ ئوپراتسىيە قىلىش كېرەككەن. بۇ ئوپراتسىيەلەرنىڭ خەتىرى چوڭ بولۇپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىكەن.بىراق دوختۇرخانىغا تۈلىگۈدەك پۇل بولمىغاچقا دوختۇرلار بۇ بۇۋاقنى داۋالاشقا ئامالسىزئىكەن،تورىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا ياردەم قىلىشقا بارغانلىقىنى بىلگەن دوختۇرخانا رەھبەرلىرى ئىككى كۈنگىچە بۇۋاقنى داۋالاپ تۇرىدىغانلىقىنى ،بىراق ئىككى كۈن ئىچىدە پۇل جەملەنمىسە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى كۆڭلى يېرىم ھالدا مۇخبىرىمىزغا بىلدۈردى.دېمەك قېرىنداشلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ياردەم قىلغۇدەك جىددىي بىر ئىش دەپ قارايمىز ئەلۋەتتە.
نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر گۈلمىرەگە ھەرخىل شەكىللەردە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقان بولسىمۇ پۈتۈنلەي دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان رەيھانگۈل ئائىلىسى گۈلمىرەنىڭ داۋالىنىش راسخوتىنى چىقىرىشتا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن .ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرى بۈگۈن چۈشتە گۈلمىرەنىڭ يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارغاندا دوختۇرلار جىددىي 1000يۈەن ئۆتكۈزۈشنى بولمىسا داۋالاشقا پۇل قالمىغانلىقىنى ئېيتقاندا بۇ بىچارە قىز داۋالانغىلى بېقىۋالغان ئانىسىدا پۇل قالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ، پۇل تۈلىيەلمەي دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان.مۇخبىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن بۇ رىئاللىق ئالدىدا مۇخبىرىمىز كۆز يېشى قىلغانچە بىمارغا ۋە باققۇچىلارغا تەسەللىي بەرگەن.ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىنى ئىپادىلەپ ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان.ئارىدا قوشنا ياتاقتىكى ھەم ئەتراپتىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر تۈشمۇ-تۇشتىن توپلىشىپ پۇل ئىئانە قىلىپ ، توغۇلغىلى 10 كۈن بولغان بۇ بۇۋاققا 1000 يۈەن ئىئانە توپلاپ دوختۇرلارغا بەرگەن.
سۈيۈملۈك قېرىنداشلار،دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا ئەمدىلا 10كۈن بولغان بىچارە ناراسىدە ئۆز ئاتا - ئانىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئۈستىدە تېخى توغۇلغىنىغا بىر ئايغا بارماي تۇرۇپ ،ئوپراتسىيە پىچىقىدا ئازاب تارتسا،شۇ تاپتا بۇ بۇۋاقنىڭ ئۈچىيى سىرتىغا چىقىرىپ قۇيۇلسا،يەنە كىلىپ ئىقتىساد بولمىغانلىقى ئۈچۈن داۋالىنىشقا مادارى بولمىسا....كىمنىڭ يۈرىكى ئېچىشمىسۇن،كىمنىڭ قەلبىنى ئازاب چۇلغىۋالمىسۇن....ئەقلىگە كىرىش تۈگۈل كۈزىنىمۇ ئاچالمايدىغان بىر بۇۋاق قىزىمىز مۇشۇنداقلا بۇ جاھاندىن كىتىپ قالسا ئەقلى ئويغاق،قەلبىنى مىھىر-مۇھاببەت قاپلىغان كىشىلىرىمىز ئازاپلانماي،ئەپسۇسلانماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.رەسىمگە قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز. قىزىمىز گۈلمىرە كىسەل كارىۋىتى ئۈستىدە ئاغرىق ئازابىدا قاتتىق قىينالماقتا.ھەر بىر مېھىرلىك يۈرەككە قاراپ نالە قىلماقتا،ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمەسلىكىگە ئىنتىزار بولماقتا.....
ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ناراسىدىگە يادەم قولىنى سۇنىشىنى،كىسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن مۇھەببەتلىك يۈرىكى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتىغىنىنى بېرىپ،بىر مەسۇم بۇۋاقنىڭ رەزىللەرچە دۇنيادىن تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆز مۇھاببىتى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى ئەلكۈيى تورى ھەممە تورداشتىن ئۈمىد قىلىدۇ.يۈرىكىمىز مۇھاببەتكە تولسۇن!
بىمارنى بېقىۋاتقان ساخاۋەتچى ئانىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى:18040741149
بۇ ئائىلە بەكلا نامرات بولغاچقا بىرلا يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسى بىجىرەلىگەن ئىكەن.
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمۇرى: 6228413660017489611
كارتا ئىگىسى نامى: ئىسمايىل بارات
司马义巴拉提
بىمار يېتىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ تەپسىلىي ئادرېسى:
ئاپتونۇم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى كېسەلخانا بىناسى 11-قەۋەت 21-كارۋات
ئەگەر كۆرمەكچى بولسىڭىز توۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ ،مەنبە:
http://bbs.alkuyi.com/thread-16958-1-1.html:
تىما شەكىلدە يوللىساق نىمە سەۋەپتىندۇر تەستىقلانمىدى ، قانداق تىما كىرەك سىلەرگە ؟