.
مېھرى-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات
مۇختەر بۇغرا
يېغىپــلا تۇرسـا مېھــرى يـامـغــۇرى.
يۈرىگى كىمنـــىڭ ئاڭــا چىلاشماس،
ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەڭ،
قايسىبىر يۈرەك ئىشىـكنى ئاچـمــاس.
سۆيگۈدۇر زىننەت سۆيـگۈدۇر سـۇبات،
مېھرى- مۇھـەبـبەت ئىنسانغا قانـات.
ئىنساننىڭ ئۆزى ئۇلـــۇغ بىر ئەســەر،
شەپقەت يەتكۈزۈش دېمەك مۇندەرجە.
قىسمەتكە تولغان پىشـــانىمــــىزدا،
ئىلاھــىي شۇئــار سۈزۈكتۇر شــۇنچە.
ئانا سۈتـىدىن باشلىـــنار قــۇتــاد،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنــسانغا قانات.
ئانا مېھرىدىن كۆز ئاچـتۇق تــولۇق،
باراۋەرلىكتـــىن ئالەم يوپيـــورۇق.
يىتىم رىسقــىغا چاڭ سالساق ئەگەر،
بولۇپ كەتمەمدۇق دوزاققـا تۇترۇق.
تەڭ باراۋەرغۇ ئەسلــى ئادىـمزات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
ئېرىــقتـا سۇنى بىـلــلە ئىچىــدۇ،
بىللە تىكىلـگەن ســۇۋادان تــىرەك.
ئەلگە بېرىمىز شۇندىــلا شەربــەت،
قاتارى تۇرسـاق ئانار دانىـسىــدەك.
ئىناقلىق بىـلەن گــۈزەل كائىنــات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانـغا قانات.
ساخاۋەت دىگەن مال- دۇنيا ئەمەس،
ئىككى كەلىـــمە تەسـەللى ســـەۋىر.
ئۆزگىــگە داننى ئۆتكۈزۈپ بېـــرىپ،
ئۆزىـــگــە تاشنى قالـــدۇرار غەلۋىر.
ھارام مال- دۇنيا ئىمانــغا داغ- دات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغــا قانــات.
يىلغا باھـــانە كۆرســەتسەك بىـــكار،
ئۇنــتۇلۇپ كېتــەر كۆڭۈلدىــكى داغ.
ئۇنتۇلار ھەمـمە ئۇنتۇلمـاس پـەقـەت،
ساۋاب، ياخــشىلىق بىنا قىــلـغان باغ.
بىردەملىــك ئىكەن نالەيـــۇ پەريات،
مېھرى- مۇھەببــەت ئىنســانغا قانات
نەغـمە بولسىلا ئېچـــىلماس كىشـــى،
توقلۇق بولمىسا مېــھرى- شەپقەتــتىن.
تەقدىر شۇنداق دەپ ئۆتمەيدۇ دوستلار،
دىللا سۇ ئىچسۇن چىن مۇھەببـــەتتىن.
نەپرەت- شەپقەتكە تولغان بۇ ھايات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانـــات.
ئۇز تــەبىئەتنىــڭ كاجلىقى تۇتسا،
شاختىلا نابۇت بولار گۈل- چىـچەك.
مەسخىرە قىلىپ تۇرســـىمۇ دۇنيـا،
چىن دەيدۇ ھەتتا ئۆزىـنى چـۆچەك.
نادانلارغىلا ئەرمەك ياغــــاچ ئات،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.
كۆكتە قۇشـلاردەك قىلــدۇرار پەرۋاز،
مېھرى مۇھەببەت ئىـنسانغا قانـات،
بىر كۈن ھەمراغا قىرىـق كۈن سـالام.
بۇ ئەجداتلاردىن قالغان بىر ساۋاق.
بۇ ئەۋلاتلارغا بولسۇن بىر ســـاۋاق،
مېھرى- مۇھەببەت ئىنسانغا قانات.