مارشال يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:37 AM
چىن تارىخنى چوقۇم بىلىۋىلىش كېرەك!
كىتابخانا،كۇتۇبخان ...
ھاكىمىيەت بېشىدا كىم تۇرغان بولسا تارىخ پۇتۇكچىسىنىڭ قەلىمى شۇ تەرەپكە ئاغىدۇ!!! ھەقىقىي تارىخ..... دىيارىمىزدا ئەينەن يېزىلغان تارىخ كىتابىدىن قانچىلىكنى تاپالايسىز؟
بۇنداق تېمىلارنى ئوقۇسام نېرۋام ئۆرلەپ قالدىغان بوپقالدىم، بۇرن ئۇ قەھرىمانلىرىمىزدىن شۇنداق پەخىرلىنەتتىم، لېكىن بارا-بارا ئۇلارغا ئاچچىقىم كېلىدىغان بوپقالدى. ئۇلار شۇ ھالقىلق دەۋىدىكى مىللەتنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم شەخسلەر ئىدى، ئەمما ھېچقايسىسى ئاخىرغىچە پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى، ھەتتا بىرسى سادىر قىلغان ئەجەللىك تارىخى خاتالىقنى يەنە بىرسى قايتا سادىر قىلدى، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ، تىرىشچانلىقى، ھەتتا ئاخىردا قولغا كەلگەن غەلبە مېۋىسى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا شۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ قولىدا توزۇپ كەتتى...... ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە يەنە شۇ چاغدىكىدك پۇرسەت كېلىپ باقتىمۇ؟
ھازىرچۇ؟ مۇشۇ دىياردا ياشاپ مىللەتنىڭ ئەمەس ئۆزىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىليەلەيمەن دېيەلەيدىغانلا قانچىلىك؟ بولمىسا بىزدىن چىققان خەلقارادىكى داڭلىق ئالىملىرىمىز ئۆز دۆلىتىنى تاشلاپ چەتئەللەردە يۈرمەستى؟
بەلكىم بۇ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ نەچچىسىنىڭ نېرۋىسى ئۆرلىشى، مېنى بىرنېملەرنى دەپ تىللغۇسى كېلدىغاندۇ... ئىشقىلىپ بۇ مېنىڭ شەخسىي قارشىم. تېخى بۇ ئىنكاسىم ئالدىنقى بەتكە ئۆتمەيلا ئارقا بەتتە قەتلى قىلنامدۇ ئۇنى بىلمەيمەن.