axkar يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:24 PM
بۇرۇنلاردا شۇنداق ئويلاپ كىتەتتۇق ، مانا بۇگۈنكى كۈ ...
ئاشكار ئەپەندىنىڭ پىكىرى ماڭا ياقتى ! .
مەنچە بولسا ئوغۇللار 27-26 ياشتا .قىزلار 25-24 ياشتا بولسا مۇۋاپىق بولاتتى . نەدىن تاپتى مۇشۇنداق چەك باسماس سۆزلەرنى .
ئائىلە نىمە ؟ تۇرمۇش نىمە دالان ئۆينىڭ ئىشكى قايسى ؟ئاشخا ئۆينىڭ ئىشكى قايسى ئايرىپ بولغۇچە ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ بولغان ،ئانا سۈتىدىن ئەمدى ئايرىلىپ جاھاننى چۇشىنىپ بولغۇچە ‹‹ تۇرمىغا ›› كىرىپ ئىككىنجى يىلغا قەدەم قويا-قويماي بالا تۇققان ئىش خۇدى شەرەپلىك بىر خىزمەتتەك، بىر ئىككىنى تۇغۇپ ،بالا ئانا بولۇپ قالغان ،كىلىشەلىسە كىلىشەلىگەن، كىلىشەلمىسە ، ئوغۇل تەرەپ قىز بالا دىگەن تىپىلماسنىڭ خورمسى ئەمەس ، قىز بالا تەرەپ تۆشۇك مۇنچاق يەردە قالمايدۇ دەپ ، يىشى بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئاتا-ئانسىنى ئاتا-ئانسىز قالغان بالىسىغا قارايدىغان بالا باققۇچىلىق خىزمەتىگە ئورۇنلاشتۇرپ ئېشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ، ئۆزلىرى خىزمەت ۋە باشقا ۋاھاكازا ئىشلار ئۇچۇن يورغىلاپ يۈرگەن ،بەكراق بىر نىمە دىسڭىز ، قانداق قىلىمەن غوجاااااااااااااااام ؟! ئاللاھنىڭ پىشانامگە پۇتكەن تەقدىرى شۇكەن ،يا بەخت دىگەننى ئۆزىمىز ياساپ ئۆزىمىز تىگىۋالارنىڭ ،ئىلىۋالارنىڭ ئورنى يوققان ،بەك ھىسداشلىق قىلىپ كەتكەن بولسىلا ئۆزلىرىنىڭ چاپىقىنى تۇگەتسە دەپلا ئاللاھقا بۆھتاننى چاپلاپلا تۇگەتكەن . بىشى كەلگەن قىسمەتنى تەقدىر دەپ ئاللاھقا ئارتىپ ئۆزىگە سۇ يۇقتۇرمايدۇ ، ئەمما ئالاھنىڭ تەقدىر ئۇستىدىكى سەۋەب قىلىش ئىلمى ئۇستىدە بولسا ئىزدىنىش قىلمايدۇ .
گەپنىڭ ئوچىغى توي قىلالىغان ئىش بەك نوچى ئىشمۇ ئەمەس ، بالا تۇغۇلارىغان ئىشنىمۇ ھايۋانمۇ ئورۇندىيالايدۇ ئاللاھ ھەر بىر چىشى جىنىسنى شۇنداق ياراتقان . بالا دىگەن ئاز بولسا ساز بولسا يارشىملىق بولىدۇ ،بىز مىللەتتە تىخى يىتپ ئاشقۇدەك مال-دۇنيا بىزلەرگە قۇچاق ئاچقىنى يوق .
ئۆي قۇرماي ئائىلە قۇرايلى ! بالا تەربىلىمەي ، پەرزەنىت تەربىلەيلى !
ئاللاھقا بىزلەرنىڭ چۇمىلىدەك سانىمىز لازىم ئەمەس، بەلكى سۇپەت لازىم سۇپەت ، سۇپەت يەنىلا سۇپەت ! دىمسىمۇ دۆلىتىمىزىلا ئەمەس باشقا ئەللەرمۇ سۇپەت ئۆتكىلنى چىڭ تۇتۋاتىدۇ .
ماۋۇ ئالەمدە ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بوي سۇنغان بىلەن ئاللاھنىڭ نەزىردە بۇ ئۇقۇم مەۋجۇ ئەمەس ، بۇ ئۇقۇم ئاللاھنىڭ پەقەت بىز ئىنسانلار كۆللكتىۋىنىڭ مەلۇم بىر تەرتىپ ئىنتىزام ئىچىدە تەرەقى قىلىشى ئۇچۇن كىشىلەر ئىڭغا ئىلھام قىلىپ بەرگەن بىر ياخشىلىقى خالاس . ئەينى تارىختا نوھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىسىدا ،نوھ پەيغەمبەرنىڭ قەۋىمى لۇت پەيغەمبەرنىڭ قەۋمىدەك بەچچىۋازلىق، ياكى ئوغۇرلۇق ،پاھىشە .....قىلمىغان بولۇپ ئۇ قەۋىمنىڭ ئىچىدىن ھازىرقىدەك داڭدار بىناكارلىق ئۇستىللىرى ، ھۇنەرۋەن كاسىپلار ، تىجارەتچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگەنلىگەن . ئىشەنچىلىگى تولۇق دەللىللەنمىگەن ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا يەر شارىغا ئادەم بىنا بولۇپ ھازىرغا قەدەر نۇپۇس ئەپ كۆپ دەۋىر نوھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋىرى دىيىلىپ ،بۇ قەۋىمنىڭ ھازىرقى بەزى كىشلەر تولا تىلغا ئالىدىغان ، ئاللاھنىڭ قانۇنى پەقەت بىر پەن سۇپىتىدە ھۆرمەت قىلىدىغان خاراكىتىرىگە تامامەن ئوخشاپ قالدىغان بىرلا خاراكتىرى بولۇپ، ئەگەر ئاللاھقا بىز ئىنسانلارنىڭ نۇپۇس سانى لازىم بولسا شۇ قەۋىمنى توپان بالاسى بىلەن يوقۇتۇپ يۈرمەيىتتى . شۇڭا توي قىلغاندا ئاللاھقا يارغۇدەك ساپالىق نامزات ئىگىسىنى تازا ئويلىشىپ ، بەك دىققەت قىلىپ ، تازا دىققەت قىلىپ ، ئون ئولچەپ يىرىم كىسىپ توي قىلمىسا ، ئاخردا كۆزگە قۇم تىقىلىپ بىر مۇنچە بەدەل كىتىدىكەن ئادەمنىڭ . ئەلھۆكمۇللاھ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-6 02:15 PM