ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت .tuz. كە 2010-08-02 06:48 PMئەۋەتىلدى :
ناۋادا بىر ئەدىبىي ئەسەرنىڭ ئۆزىدە سۈيقەستچىلىك نەزىريىسى يىزىلسا ، بۇنى بايقىۋالغان ئادەم سۇيقەستچىلىك قىلغان بولامدا ؟
بىر بىتەرەپ ئادەمنى مەلۇم ئىشقا مەسئۇل دېيىش ؛ بىر قوللىغۇچىنى بىر خائىن دېيىش ؛ بىر مۇسۇلماننى بىر كاپىر دېيىش ... مانا مۇشۇ خىلدىكى سۈيقەستچىلىك نەزەرىيەلىرى ئاز ئۇچرىمايدۇ . بۇ ئارقىلىق بىر شەخس ياكى بىر كوللىكتىپنىڭ ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدىكى ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىلىدۇ ، ئاندىن يەنە شۇ خىل ئوبيېكت بولغان كىشىلەرنىڭ كۈچى ياكى ئېغىزى ئارقىلىق ئەسلىدىكى نىشان زەخمىلەندۈرىلىدۇ .
خۇددى روك مۇزىكىسى بىلەن شەيتانىزم ، يەنە مەلۇم يازغۇچىمىز بىلەن يەھۇدىي دىنى بىسەۋەب باغلانغانلىقى سەۋەبلىك ، بىزدەك نادانلار تەرىپىدىن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا توردا تىللىنىپ ، شۇلارنى ياقتۇرغۇچىلارمۇ ئاتالمىش ھەققانىيەت ياقلىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە چەتكە قېقىلغىنىدەك ؛ يەنە خۇددى تورداشلىرىمىزدىن 153 ، كۆلتېكىن قاتارلىقلارنىڭ بەزى بەقىلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئوبرازى خۈنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇچرىشى بىلەن بۇلارنىڭ ئۆتكۈر قاراشلىرىنىڭ توردىن تەدرىجىي چېكىنىشى ... بۇ يەردىكى ئەڭ بۇرۇنقى بىر ئېغىز ھاقارەت ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇكى ، گويا كېپىنەك ئېففېكتىدەك ، شۇ بىر ئېغىز سۆز نۇرغۇن سۆزلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىغ ئۇچىنى مەلۇم كىشىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئاغزىنى ئېتىش مەقسىتىگە ئىشلىتىلىدۇ .
تورىمىزدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۈيقەستچىلىك نەزەرىيەسى ئۈستىدە بىلگىنىمچە كوتۇلداپ قويدۇم ، بەك جىق سۆزلىۋەتكەن بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ .