مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق ئەسەرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 01:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مۇشۇ ئاتالمىش«ئەسەرلەر»نىڭ نوپوزلۇق ژورنالللاردا بىسىلىشىنى ۋە شۇ يەردە كۆرۇشنى
ئۇمىد قىلىمىز..........

ئەلۋەتتە، ئاۋۇ شىئېرلار نى باسىدىغان ۋە باسقان ئەدەبىي ژورناللار ئۇيغۇردا كۆپ.

باشقىلىرى پەقەت «توردا بىسىشقىلا يارىمىسا بولاتتى» .
————————————————————————————
سىلىنى بىئارام قىلىۋاتامدا؟،«بىز»دەپ كىتىپلا،سىلى جامائەتلىرى ئەۋەتكەن كونسۇل ئوخشىماملا؟!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5299
تۆھپە نۇمۇرى: 1027
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 05:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 01:56 PM
بىز مۇشۇ ئاتالمىش«ئەسەرلەر»نىڭ نوپوزلۇق ژورنالللاردا ...

شۇنداق بولىۋاتىدۇ، بىز قاسىم سىدىقنىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرگىمىز بار، بىراق ئاساسىي يوق نەرسىلەرنى توردا تەشۋىقى قىلىشىنى كۆرگىمىز يوق.

مەن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ شۇنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇلار «بىز »ئەمەسمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قارايدىكەنلىدە؟.

«ئاساس»دەپ قاپلا،ماۋۇ«قاسىم سىدىق:مىنىڭ ئىلتىجاھىم»دىگەن تېمىنىڭ ئاستىدا مۇشۇنداق گەپلىرىنىڭ بىر ئاساسىنى كۇرسەتسىلە،نىمانداق ئەۋەدىن بۆۋەگە كىلىۋاللا.ئەۋەدىكى سۇئاللار سىلىنى ساقلاپ قالدى!.

29-تىئورمىدىكى لوگىكىلىق خاتالىقنى تىپىپ بوللىما؟!.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 11:55 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپاچىكپسىز

تور دۇنياسدىكى تاللشىڭز مىسرانىم   تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  مىنڭ ئىسم ئەخمەت

تور دۇنياسدىكى تاللشىڭز مىسرانىم   تورى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:30:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈشۈنۈش، چۈشەنمەسلىك، چۈشىنىشنى خالىماسلىقلار توغرىسىدا


قاسىم سىدىق


1


ئىزدىنىمەن ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تورداشلار «شەكىل نەزەرىيسىىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن ، بىلىكيار ئەپەندى تەسىس قىلغان مۇكاپاتنى ئالغىلى بولمايدىكەن»، دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ نەزەرىيىنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى تىپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى ئورۇنلۇق


مېنىڭچە «شەكىل نەزەرىيىسى» بەك چۈشىنىكسىزمۇ ئەمەس، مۇكاپات مەسىلىسىگە كەلسەك، تىلغا ئىلىنغان ئۈچ ئۇقۇم تەنقىدكە بەرداشلىق بىرىش قودرىتى ئاجىز بولسا ئاغدۇرۇلىدۇ، ئاغدۇرۇلمىسا دېمەك بۇ ئۇقۇملارنى قوبۇل قېلىش ئۈستىدە ئويلۇشۇپ كۆرۈش كېرەك.
شەكىل نەزەرىيىسىنى چۈشۈنۈش ۋە تەنقىدكە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈشتە تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك :
1. بىر پۈتۈن بايانلارغا، بىر پۈتۈن ئەسەر مەزمۇنىغا ئىسىلۋالماي، ئالدى بىلەن بۇ نەزەرىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئۇقۇملارنى ئىگەللەش، چۈشۈنۈش كېرەك، بۇ ئۇقۇملارنى ئىگەللىمەي تۇرۇپ شەكىل نەزەرىيىسىنى چۈشەنگىلى ،بىلگىلى بولمايدۇ.
مەسىلەن: «فىزىكىلىق شەكىل» بىر يېڭى ئۇقۇم ۋە شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئانا ئۇقۇمى، ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى «مۇئەييەن ئوپتىكىلىق ۋە گىئومىتېرىيىلىك ھالەت»يەنى ۋاستىلىق ۋە بىۋاستە كۈزەتكىلى بولىدىغان مۇئەييەن گىئومىتېرىيىلىك مىقدارغا (ھەجىمگە) ئىگە رىئاللىق.
«فىزىكىلىق شەكىل»گە ئىگە بولمىغان ماددا (ماسسا- ئىنېرگىيە) مەۋجۈت ئەمەس-بولسا بىر لوگىكىلىق ھۆكۈم.
يۇقۇرقى ھۆكۈمنىڭ خاتالىقىنى پەقەت مۇئەييەن «فىزىكىلىق شەكىل»گە ئىگە بولمىغان ماددا (ماسسا- ئىنېرگىيە) نىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىقلا ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
2. «فىزىكىلىق شەكىل»دىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئۇقۇم نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە مەن «تەبىئەت پەنلىرىگە «شەكىل»ئۇقۇمىنى ئىلىپ كىرىش نېمە ئۈچۈن زۆرۈر؟»دېگەن تېمىدا توختىلىۋاتىمەن، بۇ ئۇقۇمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىغىنى ئىسپاتلاشمۇ شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەنقىدكە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىنى سىناشنىڭ بىر يولى. ئۇقۇملار ۋە ئۇقۇم ئاساسلىرىنى قايتا-قايتا تەكشۈرۈپمۇ يەنىلا نوقسان تاپقىلى بولمىسا ئۇنداقتا بۇ نەزەرىيىنى ئاغدۇرماق قېيىن. ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەردىنمۇ قۇسۇر تاپقىلى بولمىسا بۇ ھالدا نەزەرىيىنى قوبۇل قېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. «ئارقا كۆرۈنۈش»، «مۇتلەق ھەجىم» قاتارلىق بارلىق ئۇقۇملارغىمۇ يۇقۇرقىدەك مۇئامىلە قېلىش، بۇ ئۇقۇملارنى ئالدى بىلەن پىششىق ئىگەللەش كېرەك. شەكىل نەزەرىيىسىدە «ئارقا كۆرۈنۈش»ئۇقۇمىدىن ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئىدىيىسىنىڭ بىر تەرەپلىملىكلىگى كەلتۈرۇلۇپ چىقىرىلغان، «مۇتلەق ھەجىم»ئۇقۇمىمۇ يۇقۇرقى نەتىجىنى قوللاشتىن باشقا «قاپلاش»ئۇقۇمى بىلەن بولغان لوگىكىلىق باغلىنىش ئارقىلىق «يورۇقلۇق تىزلىگىدىن يۇقىرى تىزلىك مەۋجۈت»دېگەن پەرەزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسىي بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۇقۇم ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە «ئېن»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ۋە 29-41-تېئۇرمىلارنىڭ ئاساسىي («فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى»گە قاراڭ). بۇ يەردە تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلىق ھۆكۈم «مۇئەييەن ماسسا مۇئەييەن ھەجىمگە ئىگە بولىدۇ، ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماسسا مەۋجۈت ئەمەس»دېگەن ھۆكۈمدىن ئىبارەت. مۇشۇ ھۆكۈم پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، «مۇتلەق ھەجىم» ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.
شەكىل نەزەرىيىسىنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇقۇملىرىدىن قول سىلىپ بۇ ئۇقۇملارنى ئىگەللىمىسىڭىز، بۇ نەزەرىيىنى چۈشىنەلمەيسىز ۋە تەنقىد بىلەن ئاغدۇرالمايسىز.
دېمەك، شەكىل نەزەرىيىسىنى چۈشۈنۈش ۋە تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىككى قەدەم باسقۇچى بار:
1-باسقۇچ: ئۇقۇملارنى چۈشۈنۈش، ئۇلارنى تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈش.
2-باسقۇچ: ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى لوگىكىلىق مۇناسىۋەتلەرنى چۈشۈنۈش ۋە ئۇلارنى تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈش.
مېنىڭچە شەكىل نەزەرىيىسىلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر نەزەرىيەنىڭ ئىلمىي قۇدرىتىنى كەم دېگەندىمۇ يۇقۇرقى ئىككى باسقۇچ ئارقىلىق سىناپ كۆرگىلى بولىدۇ.
يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرۈلسە، شەكىل نەزەرىيىسىدە چۈشەنمىگىدەك ھېچ ئىش يوق، بۇ تولىمۇ ئاددى بىر نەزەرىيە.
ئادەم ئۆزىدىكى نوقسانلارنى ئۆزى بايقىيالمايدۇ، كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ شەكىل نەزەرىيىسىدىكى نوقسانلارنى يۈز -خاتىرە قىلماي كۆرسۇتۇپ بىرىشىنى قايتا-قايتا ئىلتىجا قىلىشىمدىكى سەۋەب مۇشۇ!
يەنە چۈشىنىكسىز نوقتىلار بولسا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ.


2

«چۈشەنمەسلىك»نى دىئالوگلىشىش ۋە يۇقۇرقى ئۇسۇلدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن چۈشەنگەن بولسىمۇ «چۈشەنمىگەنلىگى»نى باھانە قىلىپ ياكى چۈشەنمەي تۇرۇپ «چۈشەنگەن»قىياپەتكە كىرىۋىلىپ شەكىل نەزەرىيىسىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىشنىڭ ئۆزى ئىلمىيلىك ئەمەس. كېيىنكى ئىككى خىل ئادەملەرنىڭ مەقسىدى ئانچە ساغلام ئەمەس دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاساسلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. زادىلا چۈشەنمىگەن بولسىڭىز، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىز تېخى چۈشەنمىگەن نەرسىگە شۇنچە ھۇجۇم قىلىسىز؟
2. چۈشەنمەي تۇرۇپ «چۈشەنگەن» قىياپەتكە كىرىۋىلىش ئارقىلىق نېمىنى ھەل قىلالىدىڭىز؟، شەكىل نەزەرىيىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوپراتسىيە قىلىپ، تەلەپكە لايىق بىر تەنقىدى ماقالە يىزىپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كېيىنكى بۇ ئىككى خىل كىشىلەردە مەقسەت-مۇددىئا ساغلام ئەمەس، ئۇلارنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى قۇتراتقۇلۇق، تىل-ئاھانەت، تۆھمەت ۋە تەھدىتتىن ئىبارەت.
شەكىل نەزەرىيىسى زادىلا چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسە دەيلى دېسەك، ئۇنى چۈشىنىۋاتقانلار، مۇشۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتقانلار، ماقالە يىزىۋاتقانلار يوق ئەمەس، ئەكسىچە بۇنداق كىشىلەر كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىپ بىرىۋاتىدۇ. پەرىق شۇ يەردىكى، ئالدىنقى ئىككى خىل ئادەملەر مېنىڭ سالاھىيىتىم بىلەنلا ھېسابلىشىپ، شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىشنى خالىمىدى ۋە بۇنداق بىر قوشاقچى ئېينىشتېيىنگە خىرىس قىلغان ئىكەن جەزمەن ئۇنىڭ خاتا بولىدۇ دېگەن مەۋقەدىن چىقىپ پىكىر يۈرگۈزدى.
بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىپ ماقالە يازغان، تەجىرىبە ئىشلىگەنلەر ۋە لايھەلىگەنلەر بولسا مېنىڭ سالاھىيىتىم بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، مەن يازغان، ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە-تەشەببۇسلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ئاندىن بۇ تەتقىقاتقا قاتناشتى.
ئالدىنقىلىرى مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزمەي ھۆكۈمران نەزەرىيىلەرنىڭ «مۇقەددەس»لىگىگىلا تاياندى. كېيىنكىلىرى بولسا مۇستەقىل تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ شەكىل نەزەرىيسىنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق رامكىسى، فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ئىدىيىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ چوڭقۇر چۆكتى. نەتىجىدە ئالدىنقىلىرى پەقەت غەيۋەت -شىكايەت، تىل-ئاھانەت «ئەسەر»لىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسا، كېينكىلىرى تەجىرىبە نەتىجىسى ۋە ئىلمىي تېمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ ئىككى خىل نەتىجىنىڭ قايسىنىڭ ئىلمىي ئىكەنلىگى، ئەخلاقى ئودۇملىرىمىزغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىگىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
زورلۇق ۋاستىسى ياكى غەيرى ئەخلاقى ۋە غەيرى قانۇنى ۋاستىلار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جىسمانى مەۋجۈتلىگىنى، ھاياتىنى يوقىتىۋەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، بىر توغرا ئىدىيىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. «ئىسكەندەرنىڭ مۆڭگۈزى بار» دېگەن چۆچەكتە نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلەر بار!
شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسىي فىزىكا نەزەرىيىلىرى ۋە كىلاسسىك فىزىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدىيىلىرىگە زىت بولۇپ قىلىشى تۈپەيلىدىنلا بۇ نەزەرىيىنى ئىنكار قىلىشقا، باش كۆتەرتكۈزمەسلىككە ئۇرۇنۇش ئىلمىيلىك ئەمەس. بىر ياكى بىرنەچچە مۇتەخەسىسنىڭ بىرەر نەزەرىيىنى قوللىشى ياكى قارشى چىقىشى بىلەنلا بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە توپتوغرا باھا بىرىلدى دەپ قارىۋىلىشمۇ بىر تەرەپلىمىلىك.

ئامېرىكا پەنلەر ئاكادىيمىسىنىڭ ئاكادىيمىكى شۇي جىڭ خۇا ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«ئىلىم-پەندە جەزمەن ئىنقىلاب ئىلىپ بىرىلىشى، مۇتەخەسىسلەر باھالاش تۈزۈمى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. ھازىرقى ئىلىم دۇنياسى گالىلىي دەۋرىدىكىدەك تولىمۇ كونسىرۋاتىپ، قاتمال، چىرىك. ئىلىم-پەن ساھەسى جەزمەن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك، ئالىملار قالايمىقان گەپ قىلماسلىقى، پەقەت مۇكاپات ئۈچۈنلا ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىم، ئىلىم-پەن پۇقرالار بىلەلەيدىغان نەرسىگە ئايلاندۈرۇلۇشى، ھەقىقى، چىن مەنىدىكى ياخشى بولغان ئىلىم-پەننىڭ جەزمەن ئىجدىمائىي رولى بولۇشى كېرەك، ئىلىم-پەندە ھەتتا نوبىل مۇكاپاتىغا چوقۇنۇشمۇ خاتالىقتۇر»
مەنبە:
美国科学院院士许靖华:二氧化碳是环保资源
http://bj.house.sina.com.cn/other/2009-04-14/1321308128.html

نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دىڭ جاۋ جوڭ مۇنداق دەيدۇ:
«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بالىلاردىن ئىمتىھاندا بىرىنجىلىكنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسى كىتابتىكى نەرسىلەر، ھالبۇكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بولسا پۈتۈنلەي كىتابتا يوق نەرسىلەر، مېنىڭ كىچىكىمدە مەكتەپتە ئوقۇشقا قىزىقمىغانلىقىم، مېنىڭ كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىمنى كۆرسەتمەيدۇ، مەن ئۆزۈم قىزىقىدىغان نەرسە بىلەن ھەپلىشىشنى ياخشى كۆرۈمەن، مېنىڭ بىلىشىمچە ھەرقانداق ئادەمنىڭ كۈچ- ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ. پەقەت دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر- ئىككى ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك، شۇڭا ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغاننى تاللاپ ئىشلەش كېرەك»
مەنبە:
丁肇中:搜寻反物质 任何发现都是新的
http://news.ifeng.com/gundong/detail_2010_11/20/3175955_0.shtml

مەن بۇ نەزەرىيىنىڭ پەلسەپە -لوگىكىلىق گەۋدىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ فىزىماتلىق باسقۇچىلىرىنى ئىشلەشكە كەسىپ ئىگىلىرىنى ئىزدىدىم؟-جاۋابى دىڭ جاۋ جوڭ ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلسىڭىز ئايدىڭلىشىدۇ.

3

چۈشەنمەسلىك نورمال ئىش، ھەل قىلغىلى بولىدۇ. چۈشەنمەي تۇرۇپ چۈشەنگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىش ئەخلاقى پوزىتسىيە ئەمەس، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاقىۋەتتە ئىرىشىدىغىنى ئۆزىنى سازايى قىلىش.
ئەمدى يەنە بىرخىل كىشىلەر بار، ئۇلار چۈشۈنۈشنى خالىمايدىغانلار، چۈشۈنۈش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، چوڭقۇرراق تەپەككۇر يۇرگۈزۈپ كۆرۈشنى خالىمايدىغانلار. بۇنداقلارغا ئامال يوق. ئۇلارنىڭ ئاساسلانغىنى يەنىلا مېنىڭ سالاھىيتىم، ھەتتا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بىرەر يېڭى ئىدىيە ياكى نەتىجە چىقىش ئىھتىماللىقىنىمۇ پەرەز قىلالمايدىغانلار، ئۇنداق كىشىلەرگە پوزىتسىيەم شۇكى: سىز چۈشىنىشنى خالىمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى، بىزنىڭ سىزگە چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز يوق، پەقەت توغرا نىيەت بىلەن شەكىل نەزەرىيىسىنى ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنەلمەيۋاتقان كىشىلەرگىلا بۇ نەزەرىيىنى چۈشەندۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، باشقىلىرىغا بولسا جاۋاب كونكىرىت ئەھۋالغا قاراپ بىرىلىدۇ. سىز چۈشىنىشنى خالىمىغان ئىكەنسىز بۇ نەزەرىيىگە نىسبەتەن ئاق -كۆك دېيىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن بولىسىز، ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز يوق تۇرۇپ بۇ نەزەرىيىنى سىستېشقا ئۇرۇنسىڭىز ئۇنىڭ نەتىجىسى پەقەت ئۆزىڭىزنى سىستېش بولۇپلا خۇلاسىلىنىدۇ.

بۇ تېما تەھرىرلىنىپ تولۇقلىنىدۇ.

2011.10.19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-22 12:30 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش