مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Eldawa

رەنا دوكتوردىن سورايدىغان سۇئال بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىد شامىڭىز مەڭگۈ ئۆچمىسۇن !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26624
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2379
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 1121 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ  ئەلەيكۇم !
مەن  ئۆزۈم توغرۇلۇق  مەسىلىھەت سوراپ باقاي  دېگەنىدىم ،بۇ يىل  22گە  كىردىم  قول پۇتۇم  دائىم  
مۇزدەكلا    ،پەقەت ئىسسىمايدۇ  ، قىش  كۈنلىرى ھەتتا   قولۇم مۇزلاپ  قىپقىزىل  ھالەتتىلا  تۇرىدۇ   ،
شۇنچىلىك بىئارام بولىمەن  ،نۇرغۇن  دوختۇرلارغا  كۆرۈندۈم  ،  
بەزىلىرى  قان  ئازلىق  سەۋەبىدىن  دېسە  بەزىلىرى
ئىچكى  ئورگانىزىملارنى  سوغۇق قاپلاپ  كېتىپتۇ  دەپ  ھەرخىل   دىئاگنۇزلارنى  قويدى  ،
سىزچە زادى  نېمە ئۈچۈن  شۇنداق  بولىدىغاندۇ ؟
بۇنىڭ  ئۈنۈملۈك  داۋاسى  بارمىدۇ  ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxnaz114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 11:10 PM  


مەنىلىك ئىشلار ئۈچۈن سىڭدۈرگەن  ئەجىر ،ئەجىر  يولىدا  تارتقان ئازاپنىڭ  خوشاللىق  ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا  ئىشىنىمەن ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مېنىڭ قىزىم 5ياشقا كىرەي دەپ قالدى، يەسلىنىڭ 2-يىللىقىدا. زېھنى ۋە ئىنكاسى ياخشى، ئۈگىنىشكە قىزىقىدۇ. ئەمما ئىشتاھاسى ئىزچىل ياخشى ئەمەس، تاھازىرغىچە ئۆزى خالاپ تاماق يىمەيدۇ، تاماقنى ئالدىغا قويۇپ، سىلىق ياخشى گەپلەر بىلەن، مىساللار بىلەن ۋە ئاخىرىدا تەنبىھ بىلەن يىيىشكە دەۋەت قىلىپ، بولمغاندا ئاندىن ئۆزىمىز زورلاپ يىگۈزىمىز. يەسلىدە ئۆزىنىڭ تاماق يەپ جېنىنى باقالىشىغا ئىشەنچىمىز يوق، شۇڭا ئەتىگەندە خالتىلىق سۈتنى ئىسىتىپ ئازراق نان بىلەن بولسىمۇ ئىچكۈزىۋىتىپ ئاندىن يەسلىگە ئاپىرىمىز (يەسلىدىكى يىتەكچىلىرىدىن سورىساققۇ «خېلى ئوبدان يىدى» دەيدۇ، ئۆيدىكى ئىپادىسىگە قاراپ ئىشىنىشكە ئامالسىز). ئىشتاھاسى ئېچىلامدىكىن دەپ مېۋە-چىۋە، قېتىق قاتارلىقلارنى يىگۈزۈپ بەردۇق، ياقتۇرۇپ يەيدۇ، لىكىن ئۈنۈمى بولغاندەك ئەمەس.
   بىزنى خاتىرىجەم قىلمايۋاتقان بىر ئەھۋال: سىرىتتا ماڭغان چاغدا تولا كۆتەر دەپ قەغىش قىلىدۇ، كۆپ ماڭسام پۇتۇم ئاغرىيدىكەن دەيدۇ. دەرۋەقە قىزىقتۇرۇپ ياكى ئىلھام بېرىپ ماڭدۇرساقمۇ بىردەمدىن كىيىن پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى دەپ ماڭغىلى ئۇنىماي كۆتىرىش قەغىشىنى قىلىدۇ. كۆپ سوراپ باقتۇق، ماڭغاندىن باشقا ئەھۋالدا ئاغرىغانلىغى توغرىسىدا ئىنكاس يوق. دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ باقايلىمىكىن دەپ ئويلىدۇق، لىكىن نىمە توغرىلىق تەكشۈرتۈشنى بىلەلمىدۇق.....
   قوشۇمچە ئەھۋال: دائىم ئىچى قېتىپ قالىدۇ، نەچچە كۈندە بىر قېتىم ئاران چوڭ تەرەت قىلىدۇ.
   تۇغۇلغان ۋاقتىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردىكى تەشەببۇس بويىچە 4ئايغىچە تاماق سالمىغان، پەقەت ئانا سۈتى ۋە قوشۇمچە سۈت پاراشوگى بىلەن باققان. 4ئايلىق بولغاندىن ئاندىن تاماق سېلىشنى باشلىغان(شۇنداق سېمىز، ساغلام ئېدى). تاماق تاللىمايدۇ، كۆكتات ئىلغىمايدۇ، لىكىن ئىشتاھاسى ياخشى ئەمەس، بۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىزنىڭ ئەينى چاغدا 4ئايغىچە تاماق يىگۈزمىگەنلىگىمىزدىن كۆرۈپ:«ئەينى چاغدا سىلەر بالدۇر تاماق سېلىپ، تاماققا ئۈگەتكەن بولساڭلار تاماققا ئامراق چوڭ بولاتتى، سىلەر بىزنىڭ ئەۋلاتدىن-ئەۋلات داۋاملىشىپ كەلگەن بالا بېقىش-تەربىيىلەش ئەنئەنىمىزنى قايرىپ قويۇپ تاماق سالماي سۈت بىلەنلا بېقىپ شۇڭا بالاڭلار سۈتتىن باشقا تاماققا ئامراق ئەمەس» دەپ ئەيىپلەيدۇ.  
    سۇئال:
   1. ئەينى چاغدا كىيىن تاماق سالغاننىڭ ھەقىقەتەن ئىشتاھا بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ياكى بالىلارنىڭ ئىشتاھاسىزلىغىدا باشقا نېگىزلىك سەۋەپلەرمۇ بارمۇ؟
   2. بالىنىڭ ئاسان ھېرىپ قېلىشىنىڭ، «پۇتۇم ئاغرىيدۇ» دىيىشنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟ (ئائىلىمىزدە پۇت ياكى سۆڭەك ئاغرىق كېسەل تارىخى يوق، تۇرمۇش ۋە قاتناش شارائىتىمىزدىمۇ بالىدا ئۇخىل كېسەل پەيدا قىلغۇدەك ئەھۋال يوق)   تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەكمۇ يوق؟ تەكشۈرتسەك قايسى تەرەپتىن تەكشۈرتىمىز؟
   3.  بالىلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق ياخشى چارىلەر بار؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-9 11:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72803
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بالاممۇ بۇ يىل 11 ياشقا كىردى. بھزى ئېغىز چىشلىرى تۇلۇك چىكمايۋاتىدۇ، بۇرۇن چىققانلىرى ئۇۋۇلۇپ چۇشۇپ كەتتى. ھازىر لەغمەن يىسىمۇ چوپنى ئۈزمىكى بىر قەدەر قىيىن. سىزدىن سۇراپ باقسام بالامنىڭ چىشى قايتا چىقامۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1524
تۆھپە نۇمۇرى: 148
توردا: 3434 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 11:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ قىزىم ئەمدىلا 2 ياشقا كىردى . ئۆزى بەك ئەقىللىق ، مىنى سەل خاتىرجەمسىز  قىلدىغىنى
بېشى بەك ئاسان تەرلەيدۇ . بۇلۇپمۇ تاماق يىگەندە ۋە ئىسسىقراق چاي ئىچكەندە ، ئۇخلىغاندا بەكرەك تەرلەيدۇ . كالىتسى كەملىكتىنمىكىن دەپ ئويلاپ ، كالىتسمۇ تولۇقلاۋاتىمىز ، ئۆينىڭ تېمپىراتۇراسىمۇ نورمال ، بەك قېلىنمۇ كىيىندۈرمەيمەن .  چىشلىرى تولۇق چىقىپ بولدى بولمىسا، ئۇيقۇسىمۇ ياخشى ، ئارتۇق جىدىلىمۇ يوق .   باش قىسمىنىڭ بۇنداق كۆپ تەرلىشىنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

نەدىدۇرئەڭەگۇزە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12396
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5592
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 6079 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 01:35:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
تۇرلۇك ئىرسىيات خارەكتىرلىك يۇقۇملوق كىسەللەرنىڭ  ئاتائانىدىن پەرزەنتلەرگەيۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ.
قانداخ قىلغانداپەرزەنتلەرگەيۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ . رەخمەت

.‹سۇكۇت›.

تىرىشچان ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2323
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 05:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قان. يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 08:26 PM
مەن بۇيىل 19 غا كىرىدم ، ئەمما بۇيۇم تازا ئۆسمەيۋاتىدۇ !  ...

25كە  كىرگىچە ئۆسىدۇ بوي دىگەن.....ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ...170 مۇ ئانچە پاكا  ئەمەسقۇ ...

ھەقىقەت پەقەت قىيامەت كۈنىلا مەۋجۇت.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7811
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3236 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 10:07:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم رەنا دوكتۇر؟
مىنىڭ ئككى قىزىم بار، بىرى 17ياش يەنە بىرى 13 ياش. چوڭ قىزىمنىڭ داۋاملىق چوڭ پاچاڭ قىسمى تىلىپ ئاغرىيدۇ، بۇنىڭ تازا ئىنىق سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. كىچىك قىزىم تولا سۇيدۇك  يولى ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ . دوختۇرخانلاردا كۆپ تەكشۇرۇش قىلدىم ئۇنۇمى ۋاقىتلىق بولىۋاتىدۇ.  ئۆزەم بۇ قىزلىرىمغا ھەر جەھەتتىن كۆپ دىققەت قىلىمەن.  سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزگە مۇختاجمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

مۇسۇلماننىڭ بەختى ئىسلام بىلەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70853
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 10:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم رەنا دوختۇر                                                                            مەن توي قىلغىلى بىر يېرىم يىل بولدى  بۇيىل ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئايالىم بىرجۈپ قىز يەڭگىدى ھازىر قىزلىرىم 40 كۈنلۈك بولدى بىز تېخى يېڭى توي قىلغاچقا بالا بېقىش تەجىربىمىز بەك كەمچىل ئىكىەن بىر بولسىغۇ مەيلىدى ئككى بولغاچقا تېخىمۇ تەسكەن  ئاپىسى بىركۈنى بولسا بالا كىچىك تارەت قىلمىغىلى بىر كۈن بولدى نىما بولغاندۇ دوختۇرغا ئاپىرلى دەۋاتقان بىركۈنى بولسا ۋاي بالا ئىنجىقلاۋاتىدۇ نىمە بولغاندۇ دوختۇرغا ئاپىرلى دىۋاتقان  دوختۇرغا ئاپىرلى دىسەك بالا كىچىك بولغاچقا شامالداپ قالامىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكىنمىز شۇڭا بوۋاق باللارنى بېقىش توغرىسىدا مەسلەت بەرگەن بولسىڭىز؟

بىلىمسىزلىكنىڭ بالياتقۇسىدا قۇللۇقتىن ئبارەت تۆرەلمە يىتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44075
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 959 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:05:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elqvn يوللىغان ۋاقتى  2012-3-9 11:22 PM
مېنىڭ قىزىم 5ياشقا كىرەي دەپ قالدى، يەسلىنىڭ 2-يىللىق ...

مەنغۇ   دۇختۇر  ئەمەس  ....شۇنداقتىمۇ   ئويلىغىنىمنى   دەپ  باقاي ....
مېنىڭچە   قىزىڭىزغا   كالىتسىي  بىلەن  سىنىك  تولۇقلاپ   بېقىڭ .....ماڭسا   پۇتى  ئاغىرغىنى  چوقۇم  كالىتسىي  كەملىك  بىلەن  مۇناسىۋەتلىك .....ئەمدى   سىنىك  بولسا   بالىلارنىڭ   ئىشتىھاسىنى   ئېچىپ  تاماق  يەيدىغان   قىلىدۇ ....مېىنىڭ  ئوغلۇممۇ   ھەپتىدە  3.4كۈن  سىنىك   تولۇقلايدۇ ....تامىقى   شۇنداق  ياخشى ....
قەۋزىيەتكە  كەلسەك   مېنىڭچە  ياخشى  دورا  مېۋە  چېۋە  بىلەن  قېتىق  شۇ ...
مەنمۇ   بالامنى  5ئاي  بولغىچە  ئانا  سۈتى  بىلەنلا  باققان ....كىچىكىدىنلا  تاماققا  ئۆگىتىش   ياخشى  ئەمەس  دىيىشىدىكەن  دۇختۇرلار...

سېنىڭ  كۈلكەڭ  مېنىڭ  خۇشاللىقىم  ھەم  بەختىم !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44075
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 959 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 11:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atilla0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-10 10:38 AM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم رەنا دوختۇر                                            ...

مۇبارەك  بولسۇن  ....تەلەيلىك  ئىكەنسىلەر.....
قىزلىرىڭىزغا   كۆپرەك  ئۇسسۇزلىق  بېرىپ  قويۇڭ ....داۋاملىق  ئانا  سۈتىنى   ئېمىۋەرسە  قورسىقى   سانجىق  بولۇپمۇ   ئىنجىقلاپ   تۇرۋالىدۇ ......ئاڭلىسام  مەن  تۇغۇلغاندا   ماڭا  6ئايلىق  بولغۇچە   ئۇسسۇزلۇق  بەرمەپتىكەن ...كىچىك  بالا  ئۇسسىمايدۇ  دەپ ....
بەكلا   كىچىك  بالىنى   دوختۇرغا   سۆرەپ  يۈرۈشمۇ  تەس ...

سېنىڭ  كۈلكەڭ  مېنىڭ  خۇشاللىقىم  ھەم  بەختىم !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش