ئەركەكلەر ئۆلمەپتۇ
بۈگۈن خانىم-قىزلار بايرىمى بولغاچقىمىكىن كەيپىياتىم خېلى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.ئەمما ئەتىگەنلىك ناشتا قىلاي دىسەم،چايدانلاردا قايناق چاينىڭ يوقلۇقى بەك جېنىمغا تەگدى ،شۇنداقتىمۇ بۈگۈن ياتاقدېشىم مىھرىنىسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇقچە كەيپىياتىمنى بۇزغۇم كەلمىدى.ئەمدى بولغاندا مەكتەپ ئاشخانىسىغا چىقساق ،ئېنىقلا دەرىسكە ئۈلگۈرەلمەي قالاتتۇق،ئامالسىز ناشتا قىلماي ئالدىراپ-تىنەپ دەرىسخانىغايۈگۈردۇق،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پەقەت ئىككى سائەت دەرس ئۆتىلەتتى،دەرىستىن يېنىپ دوستۇم ئالمىرە بىلەن مەلۇم بىر ئىشنى بىجىرگىلى مەكتەپ سىرتىغا چىقتۇق.ئىشىمىز بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئاران پۈتتى،ئەتتىگەن ناشتا قىلمىغاچقا ھەرئىككىلىمىزنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىشقا باشلىدى.بۈگۈن ياتاقدېشمىز مېھرىنىسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن چۈشتە ياتاقداشلار بىرلىكتە يېقىن ئەتراپىكى داپەنجىخانىغا بېرىپ بىرگە تاماق يىيىشكە پۈتۈشۈپ قويغانىدۇق،شۇڭا ھازىر تاماق يەپ قورساقنى تويغۇزىىۋالساق قاملاشمايتتى.بىز مەكتەپكە قايتىدىغان يولدا سامسا ساتىدىغان بىر ناۋاي ئۇستام بار ئىدى،شۇنىڭدىن بولسىمۇ تۆت تال سامسا ئېلىپ قورسىقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ تويغۇزىۋالماقچى بولدۇق.شۇنىڭ بىلەن تۆت تال سامسىنى ئېلپ يولدا يەپ ماڭدۇق.
ئەگەر مەن يۇرتۇمدا بولغان بولسام يولدا ھەرگىزمۇ بىر نەرسە يەپ ماڭالمايتىم،بۇرۇنلاردا سىنىپتىمۇ ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ بىرەر نەرسە يىيەلمەيتىم.بىراق ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ماڭا سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يىيىش ئادەتتكى ئىشتەك تۇيۇلىدىغان بولدى، بارا-بارا يوللاردىمۇ بىر نەرسە يەپ مڭىشنى ئۆگەندىم مانا.سامسىنى ئەمدى ئىككى چىشلەم چىشلەپ تۇرشۇمغا ئالدىمغا تۇرغان كىيىنىشىدىن لۈكچەك شامال كۆرۈنىدىغان،بىز دىمەتلىك بىر ئۇيغۇر بالىغا كۆزۈم چۈشتىيۇ،سامسا چىشلەۋاتقان قولۇم ئىختىيارسىز پەسكە سىيرىلدى.ئۇ ھەدەپ بىز تەرەپكە قاراپ قۇياتتى،مەن ئۇنى بىرەرسىنى ساقلاۋاتقان بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم.ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىىن،تېخى يىيىشكە ئۈلگۈرۈپ بۇلالمىغان ھېلقى سامسىنى يەنە قايتىدىن ئېغزىمغا سالدىم.ئويلىمىغان يەردىن ھېلقى بالا بىزگە يىتىشىېلىپ ئالدىن گەپ تەشتى:
_قىزلار ياخشىمۇسىلەر؟
بىز بۇ بالىنى بىز ھېلقىدەك كۇچا لۈكچەكلىرى قاتارىدا كۆرۈپ سالامغا جاۋابمۇ قايتۇۇرماي يولىمىزغا قاراپ مېڭىۋەردۇق.بىراق ئۇ بۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي گېپىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى:
_ قارىغاندا ئوقۇغۇچى ئوخشىمامسىلەر؟مۇشۇ ئەتراپتىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشايسىلەر ھە؟قورسىقىڭلار بەك ئېچىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ...........................؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزۈم ۋىللىدە قىزىرىشقا باشلىدى،ئۇنىڭغا قاراشقا مەندە ئاللىبۇرۇن جۈرئەت قالمىغانىدى.
_ ھە يولدا بىر نەرسە يىيىشنى كىمدىن ئۆگەندىڭلار ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇىللىرى ئىكەنسىلەر بولمىسا،گەپ قىلمايسىلەرغۇ؟
بىز يەنە ئۈن-تىنسىز بېشىمىزنى يەرگە ساڭگىلاتقانچە مېڭىۋەردۇق.ئۇ گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
_ سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ھە؟ بولدى يەۋاتقان نەرسەڭلارنى خاتىرجەم يەپ مېڭىۋىرىڭلار بۇ ئازادە كوچىدا!
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئالدىمىزدا يۈگۈرۈپ دىگۈدەك كىتىپ قالدى.
دوستۇم ئىككىمىز يا كۈلىشىمىزنى يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمەي بىر -بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق."ئاداش،ئەتىگەندىن بېرى تويغۇدەك تۈزۈك بىر نەرسە يىيەلمىگەنىدۇق،بۇ بالا ئىككى ئېغىز گەپ بلەن ئېغىز بۇرنىمىزغىچە تويغۇزپ قويدى ھە" دىگىنىمىزچە بىر-بىرمىزگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشۈپ كەتتۇق،بۇ كۈلكىمىزنىڭ ئاچچىق بىر خىل خىجىللىق يوشۇرۇنغان ئىدى.ئۇ بىزدىن بىردەدىلا يىراقلاپ كەتتى،ئۇ يىراقلىغانسىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت يۇيغۇم چوڭقۇرلۇشۇپ بېرىۋاتاتتى.
ئالمىرەنىڭ قانداق ئويلىغىنىنى بىلمەيمەن،بىراق مەن دەل ۋاقتىدا خاتالىقىمىزنى كۆرسخـخپ بىرىشكە جۈرئەت قىلغان بۇ بالىدىن بەك سۆيۈنۈپ قالدىم،ئۇ بۈگۈنكى بايرام كۈندە ماڭا چوڭقۇر بىر ساۋاق قالدۇرپ قويۇپ كەتتى.ئادەم كىچىككىنە ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتا ئىكەنلىكىنى ېنىق بىلىپ تۇرپ ،ئۇ ئىشنى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرالمىسا ،بۇ ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئايرىم بىر ئىپادىسى بولۇپ قالىدىكەن.
يەنە بىر نوقتىدىن مەن ھازىر بۇرۇندىدەك جەسۇر ئوغلانلىرىمىز قالمىدى،شۇڭا قىزلار بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،ئەگەر ئۇلاردا بىز قىزلارنى باشقۇرۇپ تۇرالىغىدەك ئەركەكلەرگە خاس جاسارەت بولغان بولسا،بىز بۇ ھالغا قالمايتۇق دىگەن قاراشتا ئىدىم.ئەمما مەن بۈگۈن شۇنى ھىس قىلدىمكى،تېخى ئەركەكلىرىمىز ئۆلمەپتۇ،،ئۇلاردا يەنىلا ئەركەكلىك جاسارەت ،بىز قىزلارنى ھايالاندۇراليدىغان ئەرلىك غورۇر بار ئىكەن..........
مەنبە:ئۆز كەچۈرمىشىم
كۈندىلىىك خاتىرەمدىن _شىرنە