elqvn يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 08:34 PM
رەھمەت قېرىندىشىم، ناھايىتى چۈشىنىشلىك، ئىنىق جاۋا ...
تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى سودا سانائەت بانكىسىغا بىرىپ، بانكا كارتىسىدىن بىرنى بىجىرىسىز ، ئاندىن سىزگە كارتا بىجىرىپ بەرگەن مۇلازىمغا « تور كەسپىنى ئاچتۇرىمەن » دىسىڭىز ، ئۇلار سىزگە يىتەكچىلىك قىلىپ، تور كەسپىنى ئاچتۇرۇپ بىرىدۇ . بۇلارنىڭ پىرىنسىپلىرى مىنىڭچە يىزا-ئىگىلىك بانكىسى بىلەن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
تور بانكسى ئىچىلغاندىن كىيىن ، ئۇستىدىكى خەتلەرگە قارىسىڭىز ، 网上贵金属دىگەن تىزىملىك چىقىدۇ . شۇنى چەكسىڭىزلا ئاندىن ئالتۇن سودا سۇپىسىغا كىرەلەيسىز .ئاخىردا مال ئالىدىغان ساتىدىغان 交易区رامكىسىدىن ئىچىدىن، ئالىدىغان ئالتۇن كۈمۈش ، ساتىدىغان ئالتۇن كۈمۈش قاتارلىق تۇرلەرنى تاللاپ مال سىتىۋالسىڭىز ۋە سىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ .
1000گىرام كۈمۈشكە 4 پۇڭدىن 40كوي رەسمىيەت ھەققى (ۋاكالەت بىجىمۇ دىيىلىدۇ ) تۆلەيسىز .
100 گىرام ئالتۇنغا 8 مودىن 80 كوي رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز . ئۆرلىگەن ئۇستىدىكى قىسمى سىزگە پايدا ھىسابىدا قوشۇلۇپ ماڭىدۇ .
خەلىقارا بازار ئۆلچىمى بويىچە ، دۇشەنبە كۇنى شىنجاڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 5 تىن تارتىپ، شەنبە كۇنى سەھەر سائەت 02:00گىچە بىمالال ئىلىم -سىتىم ئىلىپ بارالايسىز .كۇنلۇك ئىلىم-سىتىمنىڭ سانىغا چەك قويۇلمايدۇ . ئالغان مىلىڭىزنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىغا چەك قويمايدۇ . بۇگۇن ئىلىپ، كىلەر يىلى ساتسىڭىزمۇ ، بانكا تەرەپ 1 پۇڭنى ئارتۇق ئىلىۋالمايدۇ .
ئادەتتە بىر كۇنلۇك بازارنىڭ ئەڭ جانلىنىدىغان ۋاقتى سەھەر بىلەن كەچ ئىككى تەرەپتە بولىدۇ .
يەنە چۇشەنمىگەن يەرلىرىڭىز بولسا سورىسىڭىز بولىدۇ ...