ئىپارە يوللىغان ۋاقتى 2012-3-12 04:11 PM
رەھمەت، ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز !مەن سورا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئىنكاسىڭىزدىن بەك تەسرلەندىم، دىن ۋە سەرگۈزەشتە جەھەتتىن خېلى ئورتاقلىقىمىز بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەنمۇ قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى نەچچە رەت ئوقىدىم، ئەلھەمدۇلىللاھ. ئەرەپچە ساۋادىم خېلى چىقىپ قالدى. مۇساپىرچىلىق ھاياتىمنى ئاخرىلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىشقا ئىككى كۈن قاپتۇ ئىنشائاللاھ. ئاللاھنىڭ قىلغان رەھمەتلىرىنى قانچە سۆزلىسەممۇ تىلىم كاجلىق قىلىدۇ.
قېرىندىشىم، سۇئالىڭىزغا كەلسەم، مەن بىر لىكسىيەدە ئاڭلىشىمچە، قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇسا ساۋابى كۆپ بولىدىكەن. ئەمما ئەرەپچىنى ئوقۇپ مەنىسىنى بىلەلەيدىغان بولسا، ئەڭ ئىسىل بولاتتى. نۇرغۇن ئۆلىمالار ئەرەپچە ئۈگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. نىيەتلا قىلساق، ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلىپ بېرەر، ئىنشائاللاھ.
سىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى خالايمەن، ئەگەر خالىسىڭىز، ماڭا ئۇچۇر قىلارسىز.
ئاللاھ، بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hvsniya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-12 11:04 PM