مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:29-تىئورما تەجىربىسى ھەققىدە بەزى ئىزاھلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

●مۇۋەپپەقىيەتكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13166
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5810
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 07:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2012-3-12 11:07 PM
ئەگەر مۇمكىن بولسا  توقماق ئەپەندىم شۇ تېئورىمىلارنىڭ  ...

فىزىكىدا ماددىنىڭ (ماسسا- ئېنىرگىينىڭ) زىچلىقى بىلەن ماكاننىڭ گىئومىتىرىيلىك مىقدارى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.دىگەننى  ماتىماتىكP=m/v  ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا pزىچلىقنىv ماكاننىڭ گىئومىتىرىيلىك مىقدارىنى mماسسىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەمما شەكىل نەزەرىيسىدە ھىچقايسى بىر تېئورمىنىڭ ياكى قانۇنىيەتنىڭ ھىچقانداق بىر ماتىماتىكىلىق مودىلى(تەڭلىمە) يوق.  
سىزگە سۇئال: 1)سىز شەكىل نەزەرىيەسىدىكى ماسسا ئۇقۇمىغا قانداق تەبىر بىرىسىز؟؟؟ ئۇ قانداق بارلىققا كەلگەن؟؟؟(بىلىشىمچە بۇسۇالغا ھازىرقى زامان فىزىكىسى جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز. )شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئىيتىپ بىرىڭ!!!
2)فىزىكىدا ئەگەر مەلۇم بىر نەزەرىيە بارلىققا كەلسە  ئۇھالدا بۇنەزەرىيە مەلۇم فىزىكىلىق ھادىسىنىڭ دەسلەپكى شەرىتىگە ئاساسەن بەلگىلىك ۋاقىت tدىن كىيىن شۇ ھادىسىنىڭ ھالەت پارامىتىرلىرىنى ئالدىن ئېيتىپ بىرەلىشى كىرەك. ئەگەر مەن سىزگە مەلۇم بىر زەررىچىنىڭ t=0دىكى ھەرىكەت مىقدارىp،ئىنىرگىيەسى e،ۋە دولقۇن فۇنكىسىيەسى  (Ψ(x.t نى بەرسەم سىز مۇشۇ زەررىچىنىڭ ۋاقىتt=360000سىكۇنىتتىن كىيىن ئالەمنىڭ قايسى ئورۇنىدا قانداق ھالەتتە قانچىلىك ئھتىماللىقتا قايسى خىل پارامىتىر ھالىتىدە  كۆرۈلىدىغانلىقىنى ماڭا شەكىل شەزەرىيەسىگە تايىنىپ تۇرۇپ جاۋابىنى ئيتىپ بىرەلەمسىز؟؟؟
3)شەكىل نەزەرىيەسىگە ئائىت ماقالىلەردە مەن كىرتىك ھەجىمنىڭ ئىنىق سانلىق قىممىتىنى كۆرگۈنۈم ئىسىمدە(ئەمما سانلىققىممىتى ئىسىمدە قالماپتۇ) .سىز ماڭا ئەشۇ سانلىق قىممەتلەرنىڭ  قانداق كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟؟؟
4)كىۋانىت مىخانىكىسىدا(量子力学)دە زەررىچىلەرنىڭ ھالىتىنى دولقۇن فۇنكىسىيەسى(波函数) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.شەكىل نەزەرىيەسىدە  زەررىچىلەرنىڭ  ھالىتىنى  قايسىخىل ماتىماتىكىلىق تەڭلىمە ئارقىلىق ئپادىلەيدۇ؟؟؟
5)تارمەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ماتىماتىكىلق ئاساسى بولغان لورېنتىز ئالماشتۇرۇش قائىدىسى(洛伦茨变换) شەكىل نەزەرىيەسىدە ھىلىمۇ كۈچكە ئگىمۇ؟؟؟
6)شەكىل نەزەرىيەسىدە زەرەت نىمۇ ئىتىبارغا ئالامدۇيوق؟؟ ئەگەر ئىتىبارغا ئالسا ئۇھالدا زەرەت نىڭ ئىنىق لىمىسى نىمە؟؟؟(ماڭا ئۇ تولوقسىزنىڭ دەرىسلىك كىتاپ لىرىدىكى ئىنىقلىمىلارنى دەپ بەرمەڭ!! تولوقسىزنىڭ دەرىسلىك كىتاپ لىرىدىكى ئىنىقلىمىلارنىڭ كۆپىنچىسى چۇڭقۇرئىسپاتلاشلار(严格证明) غا كەلگەندە رولىنى يوقىتىدۇ،)
ھازىرچە سىزدىن مۇشۇنچىلىكلا سۇئال سوراي. سۇئالارنىڭ جاۋابىنى مۇنبەرگە يوللىغاندا سىز يازغان تەڭلىمىلەرنىڭ ئىنىق ماتىماتىكىلىق ئسپاتلىنىش جەريانىنىمۇ يوللىغايسىز.!!!  

ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟

●مۇۋەپپەقىيەتكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13166
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5810
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 07:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قۇرۇق لوگىكىدىن بىزار .فىزىكا ئەزەلدىن ماتىماتىكىدىن ئايرىلغان ئەمەس.ھەم ئارىلالمايدۇ.

ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 08:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي سادىغىلىرى كىتەي ئاتالمىش «ilim-pen»تورداش.بوشراق چىچاڭشسلا،زىچلىغى چوڭ جىسىمنىڭ ھەجىمىنىڭ كىچىك بولىدىغانلىغى،زىچلىغى كىچىك جىسىمنىڭ ھەجىمنىڭ چوڭ بولىدىغانلىغىغا ئىشەنمەمدىلا،نىمانداق ئەلپازلىرى يامان.بۇنداق كىچىك مەسىلىنى كوچىدىكى ھامماللارمۇ چۇشۇنۇدۇ،ئەجەپ ئاتالمىش«ilim-pen »چۆشەنمەيدىكىنا !.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 12:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 09:54:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما شەكىل نەزەرىيسىدە ھىچقايسى بىر تېئورمىنىڭ ياكى قانۇنىيەتنىڭ ھىچقانداق بىر ماتىماتىكىلىق مودىلى(تەڭلىمە) يوق.  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
fysikant ئەپەندىم،ئىتقانلىرىڭىز توغرا،شەكىل نەزەريىسىنىڭ ھازىرچە ماتىماتىكىلىق كەلتۇرۇپ چىقىرىش جەريانى يوق .بۇ ھەقتە قاسىم مۇئەللىم،نورغۇن قىتىم ئۇزىنىڭ بۇ نەزەريەنىڭ پەقەت پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسى رامكىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققانلىغىنى،ئۇزى ماتىماتىكا-فىزىكا پەنلىرى بۇيىچە مەخسۇس تەربىيە كۇرگەن كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىغى ئۆچۆن ئەگەر ئۇزى تۇرغۇزۇپ چىققان پەلسەپە-لوگىكىلىق ئاساسى گەۋدىنىڭ ئىستىقبالىغا كۆزى يەتكەن،بۇ ئىشنى قىلىپ سىناپ كۇرۇشنى خالايدىغان كەسىپ ئىگىلىرى بۇلسا سىناپ كۇرسە ،بۇ تەتقىقاتقا قاتناشسا بولىدىغانلىغىنى،ھەر كىم ئىشلىگەن ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى ئىشلىگۇچىنىڭ ئۇزىگە تەئەللۇق بولىدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەن.مىنىڭ بىلىشىمچە ھىلىمۇ قاسىم مۇئەللىمنىڭ مەيدانى مۇشۇ.
بىر قىسىم كەسىپ ئىگىلىرى شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇش ئۆچۆن ئىزدىنىپ باققان بولسىمۇ،لىكىن ھازىرغىچە تىلغا ئالغىدەك بىرەرھاسىلاتقا ئىرشكىنى يوق.مەيلى قاچان بولمىسۇن بىز ئالدىن پەرەز قىلالمايدىغان بىر ياكى بىر نەچچە كىشى بۇ ئىشنى رۇياپقا چىقىرىشى مۇمكىن.ئەلۋەتتە شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىللىرىنى تۇرغۇزغۇچىلار ـــــــ مەيلى سىز بولۇڭ ۋەياكى خالىغان بىرسى بولسۇن ــــ ئۇز ئەمكەكلىرىنىڭ سەۋەبىدىن شەرەپ قۇچۇدىكى،ھەرگىز ئەيىپكار بولمايدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
تەجىربىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.مەلۇم بولىشىچە،ئالىمجان ئوبۇلقاسىم قاتارلىق بىر قىسىم كەسىپ ئىگىلىرى ئەسلى 29-تىئورمىنىڭ تۇغرا-خاتالىغىنى ئىسپاتلاش تەجىربىسىدە بۇ تىئۇرمىنىڭ خاتا بۇلۇپ چىقىدىغانلىغىغا ئىشەنگەن ۋە شۇنداق ئۆمىت قىلغان.نەتىجە ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىققاندا بۇ نەتىجىگە دەستلەپ يەنىلا ئىشەنمەي،ئىلگىرى ئاخىر 450 قىتىم تەجىربە ئىشلەپ ،ئاندىن 29-تىئورمىنىڭ توغرىلىغىغا قايىل بولغان ۋە شەكىل نەزەريەسى تەتقىقاتىغا ئۇزلىگىدىن قاتناشقان.بۇ تەجىرىبىگە كىلەچەكتە تارىخ قانداق باھا بىرىشى ۋە ئاخىرقى يەكۆن قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ تەجىربىنى تۇنجى قىتىم ئىشلىگەن كىشىلەر ھەقلىق ھالدا تارىخ بىتىدە قالىدۇ.بىزگە ئايانكى ئادەتتە،فىزىكىدا فىزىكىلىق تەجىربىنىڭ كۆچى ھەممىدىن ئۇستۇن تورىدۇ.

29-تىئۇرمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىنىشى ،«چوڭ بايقاش، جىددىي تەشەببۇس»دىگەن بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى ئەھۋاللارنى ھەرگىز تەساددىبى توغرا كىلىپ قىلىش دىيىشكە بولمايدۇ.دىمەك، پەلسەپە ،لوگىكىدىن ئىبارەت بۇ قۇراللارنىڭ كۆچىنى مۇلچەرلەشتە بىز بەزى خاتالارغا يول قۇيدۇقمۇ قانداق؟ دەپ ئۇزىمىزدىن سوراپ باقساق زىيىنى يوقتەك تۇرىدۇ.
كۇرۇنۇپ تورۇپتىكى شەكىل نەزەريىسى بىر چوڭ نەزەرىيە قۇرۇلۇشى.ئۇنى قاسىم مۇئەللىم ھەرگىز يالغۇز ئىشلەپ كىتەلمەيدۇ.ئۇ ،ئىشلىگىنىچە ئىشلىدى ۋە ئىشلەۋاتىدۇ.بۇ يەردە گەپ ئېنىق،خالىغانلار بۇ ئىشنى ئىشلىسۇن،خالىمىغانلارنىڭ ئۇز مەيلى،كەمچىلىكنى ئەستايىدىل،ئىلمى ئۇسۇلدا كۇرسۇتۇپ بىرىشمۇ چوڭ قۇللاش،كەمسىتىش،سېسىتىش،بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
فىزىكلار،ماتىماتىكلار، مۇناسىۋەتلىك پەن ئىگىلىرى خالىساق بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشايلى،چۇشەنمىگەن نۇقتىلار بۇلسا سۇئال قويۇپ ھەل قىلايلى ،خالىمىغانلار سۆكۆت قىلايلى،تېمىغا ئالاقىسىزلار  ئىگىز-پەس ئىنكاس يىزىپ قالايمىقان قىلمايلى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 11:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 10:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە

قاسىم سىدىق




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 10:58 PM  


ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7296 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:24:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق ئەپەندىم ،سىز پەلەسەپەۋى نەزىريەلەرنى ئىسپاتلىمىسىمۇ بولىدۇ دېمەكچىمۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ  ماتېماتىكىلىق مودېلىنى قۇرغىلى بولمايدۇ دېمەكچىمۇ ؟
مېنىڭچە ،بۇ ئىككىلا قاراشنىڭ ئاساسىي يوق .تارىختىكى پىلاتوندىن تارتىپ گېگېل ،ماركىسلارغىچە  قايسى بىر پەيلاسوف ماتېماتىتىك ئەمەس ،ئۇلار ماتېماتىكىنى نېمىشقا شۇنداق چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ ؟ ئەگەر يوقۇرقى ئىككى قاراش توغرا دېيىلسە  بۇ دۇنيادا «ھەقىقەت» قالمايدۇ .كىم نېمىلا دەۋەلسا بولىۋىرىدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31074
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4712
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-2-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:39:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-3-12 03:26 PM
ئۆزەمنى فىزىكىغا خېلى ئۇستا دەپ ئويلايتىم ئەجەپ چۇشەن ...

ئۇ كىشى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ئالغاندا ئاندىن چۈشۈنەرمىزمىكىن.

اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر قېلىپ قالغان بىر سائەت بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:50:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق ئەپەندىم ،سىز پەلەسەپەۋى نەزىريەلەرنى ئىسپاتلىمىسىمۇ بولىدۇ دېمەكچىمۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ  ماتېماتىكىلىق مودېلىنى قۇرغىلى بولمايدۇ دېمەكچىمۇ ؟
مېنىڭچە ،بۇ ئىككىلا قاراشنىڭ ئاساسىي يوق .تارىختىكى پىلاتوندىن تارتىپ گېگېل ،ماركىسلارغىچە  قايسى بىر پەيلاسوف ماتېماتىتىك ئەمەس ،ئۇلار ماتېماتىكىنى نېمىشقا شۇنداق چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ ؟ ئەگەر يوقۇرقى ئىككى قاراش توغرا دېيىلسە  بۇ دۇنيادا «ھەقىقەت» قالمايدۇ .كىم نېمىلا دەۋەلسا بولىۋىرىدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ـــــــــــــــــــــــــ
مەن ھەرگىز ئۇنداق دىمىدىم ۋە ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس.مەن ئېنىق ئىتتىم.قاسىم مۇئەللىم پەقەت فىزىكا ۋە ئالەم ھەققىدە پەلسەپە -لوگىكىلىق ئىدىيىلەرنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
ئۇلارنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىللىرى تورغۇزۇلىشى،زۇرۇرى تەجىرىبىلەر ئىشلىنىشى ۋە ياكى قايتا ئىشلىنىشى كىرەك.بۇ ئىشلارنى قاسىم مۇئەللىم ئۇرۇنداپ بولالمايدۇ.خالىغانلار بۇ تەتقىقاتقا قاتناشسۇن،خالىمىغانلار سۆكۆت قىلىپ تۇرسۇن دىمەكچى.ھازىر ئەڭ موھىم ئىش 29-تىئۇرمىنىڭ ئىشى.بۇنى قول-قولچە ئىشلەشنى خالايدىغانلار قانچە تىز تۇتۇش قىلسا شۇنچە ياخشى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 11:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 11:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەر  ئاۋال شەكىل نەزەريەسىدىكى ئۇقۇملارنى چۇشەنسە بولاتتى،ئاندىن تەنقىتلىسە ئىش ئۇز يولىنى تاپاتتى، ھازىر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.

مەسىلەن fysikant ئەپەندىم ئاۋال «مۇتلەق ھەجىم»ئۇقۇمىنى چۇشۇنۇشى كىرەك.ئاۋال لوگىكىلىق ئۇقۇم تۇرغۇزۇلمىسا قانداقچىسىغا ماتىماتىكىلىق ۋە فىزىكىلىق ئىپادىلەرنى تۇرغۇزۇش مۇمكىن؟.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 12:00 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1057
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1131 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:14:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دىكى چوڭ خاتالىق



ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ئىلمىي ھەقىقەتنى ئۆلچەشنىڭ مۇناسىپ ئۆلچىمى ئەمەس


غەيرەت قادىر ئىزدەن


(ئىزدىنىشتىكى شاھماتچى؛ كائىنات،بىلىك، ئىنتىلدىكى ماتېماتىك)


ئاپتور ئىلاۋىسى:


1.  بۇ ماقالە تېخى بېكىتىلمىگەن دەسلەپكى ئارگىنال بولۇپ، مەن ئايرىم ئۇقتۇرۇش چىقارمىغىچە بۇ يازمىنى كائىنات مۇنبىرى،ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە بىلىك مۇنبىرىدىن باشقا ھەر قانداق تور بەتكە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ. رەسمىي بېكىتىلگەندىن كېيىن ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمەن، شۇ ۋاقىتتىلا باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسا بولىدۇ.


2.  كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاس، تەنقىد، مۇھاكىمىلىرى كائىنات مۇنبرىگىلا مەركەزلىك يىغىلسا تەكشۈرۈپ پايدىلىنىشقا قولايلىق بولاتتى.شۇڭا تورداشلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي مۇنازىرىنى كائىنات تورىدا ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈدقىلىمەن.بۇ خىل تەشەببۇسلىرىمنى تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى سەۋەبلەر


   قاسىم سىدىق مۇئەللىم ئاساس سالغان«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپلا «شەكىل نەزرىيىسى» دەپ ئالىمەن) ئېلان قىلىغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتە كۆپ ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. بەزى كىشىلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ قاسىم سىدىق مۇئەللىمنى «ئالىم» دەپ تەرىپلەپ، ھۆرمەتلەپ قوللاپ كەلدى. بۇ قوللىغۇچىلاردىن مەن قاتارلىق 10 نەچچە كىشى ئىستىخىيلىك ھالدا «شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى ھاسىل قىلىپ «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ ماتېماتىكىلىق مودېلىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشپ كەلمەكتىمىز.


  يەنە بەزى كىشىلەر« بۇ نەزەرىيەنى ئېينىشتىيىننىڭ ‹نىسپىيلىك نەزەرىيىسى› گە خىلاپ نەزەرىيە ئىكەن،شۇڭا بۇ نەزەرىيە ئىلمىي نەزەرىيە ئەمەس» دەپ، «شەكىل نەزەرىيىسى» گە ئىلمىي تەنقىدلەرنىمۇ بەردى، ئىلمىي بولمىغان تەنقىدلەرنىمۇ بەردى.


مۇشۇيېقىندا تور دۇنياسىدىمۇ بۇ نەزەرىيە توغرۇلۇق ئىلمىي بولغان ۋە ئىلىمىي بولمىغان تالاش-تارتىشلار كۈچۈيۈپ كەتتى. بۇ تالاش-تارتىشلار ئاساسلىق ئىككى نۇقتىنى مەركەزقىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىرى ، «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» گە خلاپ ئىكەنلىكى ؛ يەنە بىرى بولسا، «شەكىل نەزەرىيىسى» دەماتېماتىكېلىق ھېسابلاشلارنىڭ ئاساسەن بولماسلىقىدا. بۇنىڭ ئىچىدە «شەكىل نەزەرىيسى»نىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» گە خىلاپ ئىكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاش-تارتىش كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەتتا بەزى تورداشلار «ئېينىشتىيىننىڭ ‹نىسپىيلىك نەزەرىيىسى› ھەقىقەتنى ئۆلچەشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچمى» دەپ قارىۋېلىپ، «شەكىل نەزرىيىسى» گە قارىتا تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا، كەسىپ نۇقتىسىدىن چىقىپ ئوتتۇرغا قويماي، بىۋاستە قاسىم سىدىق مۇئەللىمنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتى. بۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدا ئىلمىي بولغان تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ ئورنىنى ئاساسى يوق سۆز-چۆچەكلەر ئېلىپ كەتتى.


بىرنەزەرىيە ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش بۇنداق ئېلىپ بېرىلسا، «شەكىل نەزەرىيىسى» نى ھەقىقىي ئىلمىي يوسۇندا قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىي جەھەتتىن ئىختىلاپ كېلىپ چىقىدۇ.ئورۇنسىز ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى «شەكىل نەزەرىيسى» نى ھەقىقى ئىلمىي يۇسۇندا قوللىغۇچىلار ۋە ئىلمىي يوسۇندا قارشى تۇرغۇچىلار خالىمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇنداق ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئۆزلىرىمىزنىڭ ئىلىمىي پاكىتلىرىنى ئوتتۇرغا قويساق بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق بىر ئىلىمىي پاكىتنى ئوتتۇرغا قويۇش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يېزىش مەقسىتىگە كەلدىم. ئالدى بىلەن بەزىلەر تەرىپىدىن ئىلىمىي ھەقىقەتنى ئۆلچەشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىۋالغان «ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» توغرىسىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.



«ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»دىكى چوڭ خاتالىق


ئىلىم-پەن تارىخىدا تا ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر نەزەرىيە ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دەك تالاش-تارتىشتا قالغان ئەمەس. بىر نەرسىنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر توغرا تارازا بولۇش كېرەك. توغرا بولىمىغان تارازا بىلەن بىر نەرسىنى ھەرگىزمۇ توغرا ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ. «ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى» ئىكەن ، ئۇنداقتا بۇ ئۆلچەمنىڭ ئۆزىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھوقوقىمىز بار ئەلۋەتتە.


付昱华 نىڭ «目前国内研究相对论,挑战相对论的简况»① دېگەن ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىلگەن:


نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىش ۋە تەركىبىي قىسىملار بويىچە باھا بېرىش


نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىش ھەققىدە،بېيجىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى تەتقىقات بىرلەشمىسىنىڭ تورى (http://www.xdlbj.com) دا تۆۋەندىكى بەش نۇقتىدا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بارغان ، بۇ پائالىيەت2003-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 12:00 دە باشلىنىپ 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 2- كۈنىسائەت 10 دا ئاخىرلاشقان. جەمئىي 1425 ئادەم بۇ پائالىيەتكە بېلەت تاشلىغان، بېلەت تاشلاش نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:


(1)          مۇتلەق خاتا دېگۈچىلەر 736 ئادەم بولۇپ جەمئىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 51.65 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.


(2)          مۇتلەق توغرا دېگۈچىلەر 188 ئادەم بولۇپ جەمئىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 13.19 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.


(3)          ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك دېگۈچىلەر 406 ئادەم بولۇپ جەمئىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 28.49پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.


(4)          قانداق بولسا بىز ئۈچۈن بەرىبىر دېگۈچىلەر 40 ئادەم بولۇپ جەمئىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ2.81 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.


(5)          زۆرۈريىتى يوق دېگۈچىلەر 55 ئادەم بولۇپ جەمئىي بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ 3.86 پىرسەنتىن ىتەشكىل قىلغان.


يۇقارقى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى،«نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى مۇتلەق خاتا دېگۈچىلەر بىلەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك دېگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى 80.14 پىرسەنت بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىنى چۈشۈنۈشتە ئەلۋەتتە مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.


مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» گە جەڭ ئېلان قىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. تۆۋەندە«نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ھەققىدە يېزىلغان كونكىرىت ئەسەرلەردىن نوپۇزلۇقراق بىر قانچىسىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتىمەن:


تېكساس ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىراففېسسورى ، 1979-يىللىق فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ستىۋېن ۋېنبېرگ (StevenWeinberg) «ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقلىرى»②، ۋېرمۇنىت ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پىرافېسسورى ھانىس ئوھانىيان (Hans Ohanian) «ئېينىشتىيىننىڭ23 خاتالقى»③، سىتانفورد ئۇنىۋېرستىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، روسىيە ئالەم قاتناش ئاكادىمىكى خۇادى (Hua Di--华棣) نىڭ «爱因斯但相对论诞生之初的失误» ماقالىسدائېينىشتىيىننىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ھەممە ماقالىلار ئۈستىدە بىرمۇ-بىرتوختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ يەردە پەقەت خۇادىنىڭ «爱因斯但相对论诞生之初的失误»④دېگەن ماقالىسىدىن قىسقىچە دەلىللەرنى كۆرسىتىمەن.


خۇادى شۇنداق يازىدۇ:


  ئېينىشتىيىن 1905-يىلى «ھەرىكەتتىكى جىسىملارنىڭ ئېلىكتىر دىنامىكىسى» ھەققىدە ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. دەل مۇشۇ يىلى«نىسپىيلىك نەزەرىيىسى مەيدانغا كەلگەن يىل» دەپ ئورتاق ئېتراپ قىلىندى. بۇماقالىدە ، ئېينىشتىيىن تۇنجى قېتىم لورېنتىس ئالماشتۇرىشىنى قوللاندى. بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرش جەريانىدا خاتالىقلار بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.كىتابخانىلارنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ ئەسلى ئەسەردىن پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ئەسلى ئەسەردىكى ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر (مەسلەن، يورۇقلۇق تېزلىكى V ) نى ئىشلىتىمىز.


ئېينىشتىيىننىڭ ئالگېبرالىق ھېسابلاشتىكى خاتالىقىئېينىشتىيىن ئىككى زامان-ماكان كوئوردېنات سىستېمىسى


بىلەن نى ئېلىپ كىرگەن. ئۇلارنىڭ كوئوردېنات ئوقلىرى ماس ھالدا پاراللېل، كوئوردېنات كوئوردېناتنىڭ ئوقى يۆنىلىشى بويىچە تېزلىكتە تەكشى يۆتكىلىدۇ.ئېينىشتىيىن يەنە يورۇقلۇق مۇقىم بولغان    كوئوردېناتنىڭ كوئوردېنات بېشىنى


  










يۈزبېرىشىدە تېگىشلىك جاۋابكارلىقى بار دەپ قارايمەن.


ئېينىشتىيىننىڭ ھازىر بايقىلىۋاتقان خاتالىقلىرى ئەمدى يەنىلا «ئېينىشتىيىن نىپسىيلىك نەزەرىيىسى»ئارقىلىق يېڭى ئىدىيەلەرنى ئەدەبلەيدىغانلارغا ئەمدى بۇ دەستەكنى تاشلىۋېتىشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتىدۇ. يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن بۇ خاتالىقلار «ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دىكى خاتالىقلارنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسىمى. دېمەك، بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى «ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ئەمدى «نەزەرىيە سىستېمىسى»ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇ نەزەرىيىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەمما سىستېما ھاسىل قىلالمايدىغان ئىلمىي ئىدىيىلەر ئەلۋەتتە يوق ئەمەس.



« شەكىل نەزەرىيىسى» ۋە ماتېماتىكىلىق دەلىللەش


   فىزىكا نەزەرىيىسى مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغۇچە لوگىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى، ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى ، تەجرىبە ۋە كۆزىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىش باسقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۈچ باسقۇچنى تولۇق تاماملىماي تۇرۇپ ئىلمىي ھەقىقەت ئۈستىدىكى دەلىللەنگەن توغرا نەزەرىيە بولالمايدۇ. «شەكىل نەزەرىيىسى» مۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ ئۈچ باسقۇچنى تولۇق باشتىن كەچۈرۈپ چىققاندىلا ئاندىن دەلىللەنگەن توغرا نەزەرىيە بولالايدۇ.


« شەكىل نەزەرىيىسى» نى لوگىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى


يۇقارقى ئۈچ باسقۇچتىن ئەڭ مۇھىم باسقۇچ لوگىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر نەزەرىيىنىڭ لوگىكىلىق ئۇقۇملار سىسىتېمىسى تۇرغۇزۇلمىسا، لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولمىسا ھەم لوگىكا قۇرۇلمىسىدا زىددىيەت مەۋجۇت بولسا بۇنداق نەزەرىيىگە ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇشنىڭ ھېچقاندق زۆرۈريىتى قالمايدۇ، يەنى بۇ نەزەرىيە مەغلۇب بولغان نەزەرىيە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن يېڭى بىر نەزەرىيىنىڭ لوگىكىلىق ئۇقۇملار سىسىتېمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش، لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىدا مەسىلە بار ياكى يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ھەم لوگىكىلىق دەلىلەش باسقۇچىنى پىششىق ئېلىپ بېرىش كېرەك.بۇ باسقۇچ يېڭى نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇش باسقۇچىغا كىرىشىدىكى ئالدىنقى شەرت.


ھازىر « شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ پەلسەپە ۋە لوگىكىلىق رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى. يەنى « شەكىل نەزەرىيسى»لوگىكىلىق دەللىلەش باسقۇچىنى ئاساسەن تۈگۈتۈپ ماتېماتىكىلىق مودېل تۇرغۇزۇش باسقۇچىغا كىردى . شۇنداقتىمۇ بىز «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ لوگىكا ئاساسىدا باشقا مەسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تېخىمۇ ئىنچكىلىق بىلەن تەكشۈرۈش ئۈچۈن، «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ لوگىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق. «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسىي لوگىكىلىق نەتىجىسى: « (1) مۇتلەق جىم ۋە چەكسىز بولغان نىيۇتونچە ماكان −يوقلۇق مەۋجۇت؛ (2) ئوبيېكتىپ زامان ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، زامان پەقەت سوبيېكتىپ قورال؛ (3) ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە.» ⑥لار بولۇپ،بۇ نەتىجىلەر «فىزىكلىق شەكىل» ⑦ ئۇقۇمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى . ئەگەر بۇ نەزەرىيىنىڭ«فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمى دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ئاساسىنى كىم ئاغدۇرىۋېتەلىسە،ئۇھالدا «شەكىل نەزەرىيسى» نى ئاغدۇرۋەتكەن بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئوقۇرمەنلەر بۇ نەزەرىيىنىڭ لوگىكا قۇرۇلمىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بېرىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
« شەكىل نەزەرىيىسى» نى ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى


يېڭى بىر فىزىكىلىق نەزەرىيىنى ماتېماتىكىلىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ مودېل تۇرغۇزۇپ چۈشەندۈرگەندە بۇ نەزەرىيىنىڭ توغرىلىقى ۋە قايىل قىلىش كۈچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. شۇڭا ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچى بىر يېڭى فىزىكىلىق نەزەرىيىنىڭ توغرا دەلىللەنگەن نەزەرىيە بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇنىڭلىق بىلەن ماتېماتىكا ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دېيىش بىمەنىلىك. يەنە شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، لوگىكىلىق دەللىلەش باسقۇچىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچقا ئۆتۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بىر نەزەرىيىنىڭ لوگىكا ئاساسىنڭ توغرا ياكى توغرائەمەسلىكى ئېنىقلانمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ماتېماتىكىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىش ئاخىردا خاتا بولغان نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


   ھازىر «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ ئىلمىي قىمىتى باردەپ قاراۋاتقان، مەن قاتارلىق 10 نەچچىمىز ئىستىخيلىك ھالدا «شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ «شەكىل نەزەرىيىسى» گە ماتېماتىكىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.


ھازىر«شەكىل نەزەرىيىسى» دە ھېچقانداق ماتېماتىكا يوق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ «ئاق قەغەز مودىلى»⑧ نى توپلام نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلق، «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ4-ئاكسىئومىسى: «يوقلۇق ھەر بىر كونكېرتلىقتا چەكلىك، ئومۇمىيلىقتا چەكسىز بولىدۇ»نى تۆۋەندىكىدەك شەرھىلىگىلى بولىدۇ:



يۇقارقى «ئاق قەغەز مودىلى » داB تەكشىلىك(«شەكىل نەزەرىيىسى» دە يوقلۇققا ۋەكىللىك قىلىدۇ) نى A چەمبەر بىلەن An چەمبەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تولۇق توپلام دەپ قارىساق.A چەمبەر بىلەن An چەمبەرلەر B تەكشىلىك تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ.A ۋە An چەمبەرلەر  B تەكشىلىكنىڭ ئىچىدە ھەم A ۋە An چەمبەرلەر B تەكشىلىكنى تولۇق قاپلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن A ۋە An چەمبەرلەر B تەكشىلىكنىڭ ھەقىقىي قىسمىي توپلىمى بولىدۇ . شۇڭا A ۋە An چەمبەرلەرنى B تەكشىلىك (يوقلۇق) نىڭ كونكىرېت شەكلى دەپ قاراشقا بولىدۇ. A ۋە An چەمبەرلەر B تەكشىلىكتە چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، A ۋە An چەمبەرلەر چەكلىك بولىدۇ . مانا بۇ يوقلۇقنىڭ كونكېرىتلىقتا چەكلىكلىگىنىئىسپاتلايدۇ.


يەنە «ئاق قەغەز مودىلى1-رەسىم» نى كومپلېكىس تەكشىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا ، B تەكشىلىككومپلېكىس تەكشىلىكىدىكى كومپلېكىس ساننى ئىپادىلەيدۇ، A چەمبەربولسا كومپلېكىس تەكشىلىكىدىكى ھەقىقىي ساننى ئىپادىلەيدۇ. B تەكشىلىك بىلەن A ۋە An چەمبەرلەرنىڭ ئورتاق بولمىغان قىسىمى كومپلېكىس تەكشىلىكىدىكى مەۋھۇم ساننى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئاق قەغەز مودېلى 3- رەسىم» دىن پايدىلىنىپ يەنەماتېماتىكىدىكى «چەكسىزلىك ئۇقۇمى» غا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنىمۇ ياخشىشەرھىلەشكە بولىدۇ، تېما چەكلىمىسى تۈپەيلى، بۇ توغرۇلۇق بۇ يەردە توختالمايمەن.
بۇيىل (2010-يىل ) ياۋرۇپا ئالەم قاتنشى ئىدارىسى« بۇ ئورگاننىڭ ‹پىلانىك› ناملىق ئالەم تەكشۈرگۈچى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىلگىرى يىغقان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن،پۈتكۈل ئالەمنىڭ تۇنجى سۈرىتىنى كىرىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالىملارنىڭ ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلىشىدىن كېيىن ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى بىلىشىگە ياردىمى بارلىقىنى» ئېلان قىلدى.


ئۇلارئېلان قىلغان پۈتكۈل ئالەمنىڭ سۈرىتى تۆۋەندىكىدەك:




بىز بۇ رەسىمدىكى قارا رەڭلىك جايلارنى «ئاق قەغەز مودىلى»دىكى B تەكشىلىك، ئالەم سۈرتىنى «ئاققەغەز مودېلى» دىكى A چەمبەر دەپ قارىساق، بۇ رەسىم نەق «ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىم» ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈش بولىدۇ.بىز بۇنىڭدىن «ئاق قەغەز مودېلى» نىڭ ھەقىقەتەن ئىخچام، قوللىنىشچان مودېل ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.



«شەكىل نەزەرىيىسى» نى تەجرىبە ۋەكۆزىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق دەلىللەش باسقۇچى



  يېڭى بىرفىزىكىلىق نەزەرىيىلەرگە ماتېماتىكىلىق دەلىللەش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بۇنەزەرىيىنىڭ مۇشۇ ماتېماتىكىلىق مودېل ئارقىلىق بەزى ھادىسىلەرگە قارىتا ئالدىن ھۆكۈم قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى تەجرىبە ۋە كۆزىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر نەزەرىيە ئالدىن ھۆكۈم قىلغان سانلىق قىممەت بىلەن تەجرىبىدە ئېرىشىلگەن سانلىق قىممەت ئاسان بىردەك بولسا، ئۇ ھالدا بۇنەزەرىيە مۇشۇ ھادىسىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بەردى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. نەزەرىيە ئالدىن ھۆكۈم قىلغان نەتىجىنىڭ تەجرىبە ۋە كۆزىتىش نەتىجىلىرى بىلەن بىردەك چىقىشى بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


  «شەكىل نەزەرىيىسى» گەرچە ماتېماتىكىلىق دەلىللەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۆزىتىش ۋە تەجرىبە نەتىجىلىرى ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدىغان ئالدىن ھۆكۈملىرىمۇ بار. مەسلەن، «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ 29-تېئورېما (قىياس) سى: «زەررىچە(ئېن)ياكى جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكەئاغىدۇ» نى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.ئېغىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئېغىش يۈز بەرسىلا بۇ تېئورما(قىياس) ئىسپاتلانغان بولىدۇ.


يەنەشۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ «شەكىل» ۋە «ئارقا كۆرۈنۈش»ئۇقۇملىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۆزۈتۈش ۋە ئىلمىي تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بەزىلەر ئېيىتقاندەك «بۇ نەزەرىيىنىڭ قىلچە تەجرىبە ئىسپاتى يوق» دېيىش پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس. «ئاق قەغەز مودېلى 2- رەسىم» دىكى A  ۋە An چەمبەرلەرنى بىز A كۋانت ۋە An كۋانت دەپ قارىساق بولىدۇ. A كۋانت ۋە An كۋانتنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك تاشقى شەرت بولىدۇ. ئەگەر B تەكشىلىك مەۋجۇت ئەمەس دەپ پەرەز قىلىنسا ، ئۇ ھالدا A كۋانت ۋە An كۋانت ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرلماي بىرلا نۇقتىغا(چەمبەرگە) ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، «ئاق قەغەز مودېلى 2- رەسىم» كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرى ۋە ئىدىيىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.


يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى،«شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ تۈپ ئىدىيىلىرى «كۋانت نەزەرىيىسى» نىڭ ئاساسىي ئىدىيىلىرى بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەس. ئەكىسچە،  «شەكىل نەزەرىيىسى» «كۋانت نەزەرىيىسى» نى قوللايدۇ. بىز «كۋانت نەزەرىيىسى»نەتىجىلىرىنىڭ ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنى«ئېلىكتىرون دەۋرى» گە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز.



ئاخىرقى سۆز


  «شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ«فىزىكىلىق شەكىل»، «ئارقا كۆرۈنۈش»، «مۇتلەق ھەجىم» ، «قاپلاش» قاتارلىق ئۆزىگە خاس يېڭى ئۇقۇملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ماتېماتىكىلىق مودېلىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشقا مەلۇم جەريان كېتىدۇ. شۇڭا، «بۇ نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق جەريانلىرى يوق ئىكەن.دېمەك، بۇ نەزەرىيىنىڭ ئىلمىي قىممىتى يوق.» دەپ ئىلىمىي بولمىغان تەنقىدلەرنى قىلىپ ، ھېسسىيات جەھەتتىن توقۇنۇش پەيدا قىلساق بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئېينىشتىيىن«نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نىڭ نوپۇزىنى دەستەك قىلىۋېلىپ، «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى يېڭى ئىديىە ۋە يېڭى نەزەرىيەلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ نەزەرىيىنىڭ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلىرىنىڭ خاتالىقى ، بۇ نەزەرىيىنىڭ «توغرا بولمىغان تارازا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق «توغرا بولمىغان تارازا» ئارقىلق بىرەر نەرسىنى «توغرا ئۆلچەش»مۇمكىن ئەمەس.


ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم، «شەكىل نەزەرىيسى» پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەۋە تەتقىقات تېمىسى ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى . ئۇنى بىر قانچە ئادەم تاماملاپ كېتىشى قىيىن ۋە ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، «شەكىل نەزەرىيسى» نىڭ لوگىكىلىق ئاساسلىرىنى توغرا دەپ قارىغان؛ ئىنسانىيەتكە، دۆلەتكە، مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئىرادىسى بولغان  كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى»تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، «شەكىل نەزەرىيىسى» تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ نەزەرىيىنى قوبۇل قىلالمىغان كەسىپ ئىگىلىرى تېمىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان، تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويسا بۇمۇ چوڭ ياردەم بەرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە «ئېينىشتىيىننىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش يېڭى دولقۇنى شەكىللەنمەكتە . مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم-پەننىڭ دۇنياۋى قىزىق نۇقتىلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش مەجبۇريىتىبار دەپ قارايمەن. بۇ ھەرگىز بىزنىڭ ئىززەت ئابرويىمىزنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىش ئەمەس. ۋاقتى ئۆتكەن ۋە ياكى ئىلمىي قىممىتى بولمىغان ئىدىيىلەرنى مازار ۋە مەبۇد قىلىۋېلىپ ئۇلارنى تالىپلارچە يادلاش ، ئۇلار ئۈستىدە قىلچە تەپەككۇر قىلماسلىق ئەڭ چوڭ نومۇسلۇق ئىش.


پايدىلانمىلار:


①付昱华:«目前国内研究相对论,挑战相对论的简况»


بۇ ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=678


② Steven Weinberg : «ئېينىشتىيىننىڭ خاتالىقلىرى»


بۇ ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=537


③ Hans Ohanian: «ئېينىشتىيىننىڭ 23 خاتالقى»


بۇ ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=563


④Hua Di --华棣: «爱因斯但相对论诞生之初的失误»


بۇ ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=518


⑤ 1977-يىلى سودا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، «ئېينىشتىيىن ماقالىلىرى توپلىمى» 2-توم 89-،90-،91-،92-،93-بەتلىرى.


⑥،⑦،⑧ قاسىم سىدىق:«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى» ،«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»


قاسىم سىدىق، قۇربانجان سەمەت،مەمەت ئابدۇللا: «ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ تەقلىدىي تەسۋىرى»

http://bbs.bilik.co/viewthread.php?action=printable&tid=22897

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 12:50 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش