tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 03:32 PM
مەن ھەممە يۇرتۋازلارنى دىدىم،سىز ئاتۇشلۇق بولسىڭىز م ...
يۇرتۋازلىق دىگەن نىمە؟ يۇرت سۆيگۈسى دىگەن نىمە؟.......دىگەننى ياخشى چۈشۈنۈپ ئاندىن يۇرتۋازلىق قىلدى ۋەياكى قىلمىدى دېيىشەيلى، بۇلامدۇ. يۇرتۋازلىق قىلىش دىگەنلىك پەقەت يۇرتلىقلىرىغا بولۇشۇش، ئىككى يۇرت ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت تۇغدۇرۇش، خاتا بولسىمۇ يۇرتلىقىغا يان بىسىشنى كۆرسىتىدۇ(مىنىڭ شەخسى قارىشىم). ئاتۇشنى ماختىغانلىق ھەرگىزمۇ يۇرتۋازلىق قىلغانلىق بولمايدۇ. سىز ئاۋۋالىقى ئاتۇشنى ماختىغان تىمىغىمۇ يۇرتۋازلىق قىلمايلى دەپ ئىنكاس يوللاپتىكەنسىز. مىنىڭچە سىزمۇ قەشقەرنى تازا ماختاڭ. چۈنكى قەشقەر ماختىغۇدەك ماكان، لىكىن باشقا يۇرتنى ئەيىپلىمىسىڭىزلا يۇرتۋازلىق قىلغان بولمايسىز. مۇشۇنداق يۇرتىنى ماختىسا، يۇرتۋازلىق قىلدى دىسەك، ئارىمىزدىكى دوستلار يۇرتىنى ماختاشتىن قورقۇپ قالمىسۇن. سىز مەيلى ياخشى ياكى يامان ماكاندا تۇغۇلۇڭ سىزنىڭ يۇرتىڭىز شۇيەر بولىدۇ، بۇ مەڭگۈ ئۆلمەس ھەقىقەت، يۇرتتىن تېنىش ياخشى ئىش ئەمەس. مىللەت سۆيگۈسى بىلەن يۇرت سۆيگۈسى ئىككى ئوقۇم. لىكىن ھەر ئىككىلىسىنى سۆيۈش تىخىمۇ ياخشى.