3. بۇ بەك مەنىلىك ھىكمەت!` ماڭا بەك يارىغاچقا تەرجىمە قىلىپ قۇيدۇم. ئەگەردە سىزگە دۇنيا خاپىلىقى يەتسە ئۇ چاغدا ھەرگىزمۇ ئېىي رەببىم مىنىڭ غىمىم بار دىمەي ھەي غەم مىنىڭ كاتتا رەببىم بار دىگىن!~
مەزمۇندا گىرامماتىكىلىق خاتالىق بارمۇ قانداق؟
توغرىسى مۇنداققۇ دەيمەن:
ئەگەردە سىزگە دۇنيا خاپىلىقى يەتسە ئۇ چاغدا ھەرگىزمۇ «ئېىي رەببىم مىنىڭ غىمىم بار» دىمەي «ھەي غەم! مىنىڭ كاتتا رەببىم بار» دىگىن!~
ئەگەر ئۈستىدىكىدە ئېلىنسا گىرامماتىكىلىق خاتالىق يۈز بېرەمدۇ قانداق؟
خۇددى «ئۆگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش ئېشەك بولما» دېگەن بىلەن « ئۆگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش، ئېشەك بولما» دېگەندەك.
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ سۆز - جۈملىلەر ئارىسىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر بىرەر تىنىش بەلگىلىرى خاتا قويۇلۇپ قالسا سۆز ، جۈملىلەرنىڭ ئىپادىلىگەن مەناسى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
تورداشلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.