ھەي دوسلار بۇنداق بىر ئۆسۈپ بىر چۈشۈپ تۇرىدىغان نەرسىگە مەبلەغ سالماي ئۆسۈپلا تۇرىدىغان نەرسىگە مەبلەغ سالايلى
مەسىلەن كۆچەت تىكىش دىگەندەك
كۆپ زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاز زىيانغا چىدىماي بولمايدۇ
شۇ ئالتۇنغا سالغان مەبلىغىڭلارنى ئىقتىسادى ئورمان بەلۋىغى بەرپا قىلىشقا سەرپ قىلساڭلار
ئورمان دىگەن قۇرۇپلا قالمىسا پەرۋىش قىلىپ تۇرسا توختىماي ئۆسىدۇ نەسلى قۇرۇۋاتقان ھايۋانلار قۇشلار ئورماننى كۆرسە ياشىرىپ كىتىدۇ
يۇرتلىرىمىزدا بۇلبۇللار كاككۇكلار ھۆپۈپلەر تورغايلار سوپسوپىياڭلار تۆمۈر تۇمشۇقلار سايرىشىپ ئۇچۇشۇپ تۇرسۇن پاقىلار كۇركىرىشىپ تۇرسۇن .............................................
ئالتۇنغا ئوخشاش ۋاي قاچان ئۆسەر دەپ يۈرەك تىقىلمىسى بولماي كۆڭلۈڭلار خوش خاتىرجەم ھالدا قويغان كۆچەتلىرىڭلار ئارىسىدا بىردەم ئولتۇرساڭلار ساغلام بولىسىلەر مۇھىمى كۆڭۈل ئازادىلىكى
ئۆزۈڭلار تاللاپ ئىقتىسادى قىممىتى يۇقىرى كۆچەتلەرنى قەلەمچىلەرنى بىر غىرىچ يەرنىمۇ بىكار قويماي سانجىپ قويساڭلار كۆزگە كۆرۈنمەي يوغىناپ قالىدۇ
قانداق دىدىم دوسلار
ھازىر ئومان قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى شۇنداقمەسمۇ