زىيالىلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە مەسىلىلەرنى قول سېلىپ ئشلەش ھەققىدە
ئۇيغۇرزادە
نۇرغۇن ۋەزىپىلەر زىيالىلار ئارا بايقىشىمىزنى ، ئەمگەك قىلىشىمىزنى ، ھەمكارلىشىشىمىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ. ئۇيغۇرلاردا << سەن سالۇر ، مەن سالۇر، ئاتقا ئوتنى كىم سالۇر>> دەپ بىر ھېكمەت بار. بۇنى ئېنگلىزلار <> دەپ ئىپادىلەيدۇ (Everybody’s business is no body’s business ) . << مەن نېمە قىلالايىتىم ؟ مېنىڭ قولۇمدىن نېمە كېلەتتى ؟ بۇ ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ>> دەپ قارىساق، سۇبېكتىپ خىيالىمىز ئوبىكتىپ رېئاللىققا ئايلىنىپ ، راستىنلا بىزنى ئەۋلادلار ئالدىدا قارا يۈز قىلىدىغان پاسسىپ ئىجتىمائىي ئاتموسفىرا جەمئىيەتلىشىدۇ . بۇ ئەمەلىيەتتە ۋىجدانلىق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاقىۋەت . ئەگەر ئىدىيە بايقىغۇچى بولالمىساق ، يەتكۈزگۈچى بولايلى؛ ئىدىيە يەتكۈزگۈچى بولالمىساق ، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى بولايلى . ئەگەر ھىچنىمە قىلالمىساق ، ھېچبولمىغاندا <> دېگەندەك مەزمۇندا چۈشكۈنلۈك تارقاتمايلى. چۈشكۈنلۈك ۋابا دېمەكتۇر. چۈشكۈن ئىدىيە تارقاتقۇچى ھازىرقى رېئاللىقىمىز نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ۋابا تارقاتقۇچىلاردۇر؛ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ھەمكارلىشالمايدۇ دېگۈچىلەر ئىلىمنىڭ ، نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر؛ ھەر قانداق ياخشى تەكلىپنى ، ئىدىيەنى پاخالغا ئايلاندۇرىۋېتىدىغانلار ئۇيغۇرنىڭ پىكرى قۇۋۋىتىگە چۈشكەن مىتىلەردۇر؛ تونۇش بىلەنلا چەكلىنىپ ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلەر مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى بۇنداق زىيالىينى كېرەك قىلمايدۇ. ئەكسىچە ، ئىلمىي روھقا ئىگە ، باش چۆكۈرۈپ ، قېتىرقېنىپ ئىزدىنىدىغان مەسئۇلىيەتچان زىيالىيلارنى تەقەززا قىلىدۇ .
http://serhush.com/?p=665
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 11:29 PM