مەن ئۇيغۇرنى مەدىيلەپ يازغان تېمامنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قىلىپ توپلاپ قۇياي ، مەيلى ھەق كۆزىدىن بولسۇن ياكى باشقىلار دىگەن ئاتالمىش ناھەق كۆزدىن بولسۇن ، لىكىن ھەر ئادەمنىڭ تەپەككۈر قىلىش ، چۈشۈنۈش يولىغا باغلىق .
قەلبىمدە بىر باھار ، دىلىمدا نەۋرۇز ،
ئەل ئارا چاقنىغان ، نۇرانە يۇلتۇز ،
غورۇرى مۇجەسسەم كىچە ھەم كۈندۈز ،
يىلتىزداش قېرىنداش ، گۈلدەك ئۇيغۇرۇم .
ئۆزگىدەك ماختىماس ، يىگەن - ئىچكەننى ،
تۈلكىدەك ئوۋلىماس ، ساياق يۈرگەننى ،
كۈلكىگە جۆر قىلار ، ھەسرەت يۇتكەننى ،
مىھىرداش - قەلىپتاش ، سۈتتەك ئۇيغۇرۇم .
يىقىلغان ئىنساننىڭ ، تارتار قولىدىن ،
ئازغاننى يىتەكلەپ ، تۇسار يولىدىن ،
ئاچ قالغان شاپائەت ،كۆرەر توقىدىن ،
تەقدىرداش،باغىرداش كۈندەك ئۇيغۇرۇم .
ئۆلگەنگە ھەمرادۇر ، قايغۇ – يىغىسى ،
ئاقىلغا نائىلدۇر ، بەركەت –كۈلكىسى ،
يىتىمگە پايخاندۇر ، ئىللىق –جىلۋىسى .
غورۇرداش،مەنزىلداش ،ئايدەك ئۇيغۇرۇم .
ھەقىقەت يولىغا ، تەسەددۇق قېنى ،
ئەدەپ ۋە ئىمانى ، بەئەينى جېنى ،
جاپا ھەم مۈشكۈلگە ، پايانداز تېنى ،
ئىمانداش،سۈزۈكداش،سۇدەك ئۇيغۇرۇم .
يازساممۇ ئۇيغۇرغا ، رومان ھەم نەسىر ،
ماختىسام ۋە ياكى يىل –ئاي ۋە ئەسىر ،
ئۇيغۇرغا قاتۇرۇپ ، سالساممۇ قەسىر ،
شەنىڭگە ئاز كىلۇر ، باغدەك ئۇيغۇرۇم .
مەنبە--- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 04:49 PM