مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

ئېينىشتىيېن ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15932
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16402
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 07:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئينيىشتىيننىڭ كەڭ ۋە تار مەنىدىكى نىسپيلىك نەزىرىيەسىگە بەكمۇ قىزىقىمەن، نۇرغۇن ماتىريال ئىزدەپ كۈرۈپ چىققان بولساممۇ، بىر جاۋاپتىن بىر سۇئال پەيدا بۇلۇپ بارغانسىرى كاللام قېتىپ قالدى، تەپەككۇر ۋە فىزىكا تەرەپلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىمىنى ئىتىراپ قىلىپ توختاپ قالدىم، ماۋۇ تىمىغا پىكىر قاتناشتۇرالمىغۇدەكمەن. بىراق پىكىر قاتناشچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى چۇقۇم كۆرۈپ تۇرىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3544
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 09:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى ياكى بىرەر ئەۋلادى ئەرەپ بولۇپ قالغان بولسا ئۇنىڭ قارىشى خاتا بولسىمۇ نۇرغۇن بىچارە ئۇيغۇر ئۇنى توغرا دەپ دۇنيادىن ئۈتۈپ كىتەتتى. يەھۇدى بولغانلىقتىن نۇرغۇن تورداشقارىلار ئۆزى چۈشەنمەيدىغان نەرسىگە ھۈكۈم قىلىشىپتۇ ئەينىكا.
ئامال يوق، ئۇيغۇرچىلىق ئەمەسمۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15932
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16402
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 09:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 09:22 PM
ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى ياكى بىرەر ئەۋلادى ئەرەپ بولۇپ قا ...

بىرەر تىما ئۇرۇش-جېدەلسىز داۋام قىلسا ئىچىڭىز سىقىلىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ئىلىم-پەن ھەققىدىكى تىمىغا قىلچە مۇناسىۋەتسىز بولغان يەھۇدىي-ئەرەب دىگەن بۇ گەپنى قىستۇرۇپ نىمە قىلىسىز؟
تېخى «بىچارە ئويغۇر» دەپ قۇيۇڭ

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 09:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cartoon801 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 09:43 PM
مەن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى سۆزلەي. بۇنى بىر ھەقىقي ماتېرىيا ...

سىزنىڭچە تاشقى پىلانىت ئادىمى راستىنلا مەۋجۈتمۇ؟   
  سۇئالىمغا كايىماي ئەستايىدىل جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pak-nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 09:51 PM  


بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 09:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cartoon801 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 09:43 PM
مەن ئۆزۈمنىڭ پىكىرىنى سۆزلەي. بۇنى بىر ھەقىقي ماتېرىيا ...


ھەي راس مۇشۇ توغۇرلۇق ئىشلەنگەن فىلىممۇ بار كۆرگەن ئىدىم،كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىدىغان!بۇ مۇمكىن بولامۇ؟مۇشۇمۇ ئىنىشتىيىننىڭ نىسپىلىك نەزەرىيسىمۇ ياكى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 09:56 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:42:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېينىشتېيىننىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش
مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى



ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز نېمىدېگەن غەلىتە! ھەربىر ئادەم بۇ دۇنيادا قىسقا تۇرىمىز ؛ مەقسەت نىمە بىلگىلى بولمايدۇ. بەزىدەئۆزىمىزچە بۇ ھەقتە مەلۇم تۇيغۇغا ئىگە بولغاندەك قىلساقمۇ، لېكىن چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.كۈندىلىك تۇرمۇشتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى : ئادەم باشقىلارئۈچۈن ياشايدۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ياشايدۇ. بەختىمىز پۈتۈنلەيئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە سالامەتلىكىگە باغلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بىزتونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ياشايمىز. ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھېسداشلىق تۈگۈنى
ئارقىلىق بىز بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.ھەركۈنى ئۆزۈمگە شۇنى نەچچە يۈز قېتىم
ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەنكى، مەنىۋى تۇرمۇشۇم باشقىلار (جۈملىدىن ھايات يۈرگەنلەر ۋە
ۋاپات بولغانلار ) نىڭ ئەجىرىنى ئاساس قىلغان.مەن قوبۇل قىلغان ۋە ھېلىھەم قوبۇل
قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئوخشاش ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشۇم
كېرەك. مەن ئاددىي – ساددا تۇرمۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە قېرىنداشلىرىمنىڭ
بەك كۆپ ئەجىرىنى ئىگەللەپ كەتكەنلىكىمنى سېزىپ چىدىيالماي قالىمەن. مېنىڭچە،
سىنىپلارنىڭ ئايرىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇ ئاخىرىدا زوراۋانلىقنى ئاساس قىلىدۇ
. مەنمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جىسمانىي جەھەتتىن ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن بولسۇن، ئاددى
– ساددا تۇرمۇش ھەر-بىر ئادەمگە پايدىلىق.
ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپىۋىي مەنىدىكى ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنمەيمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى سىرتقى دۇنيانىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچراش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئىچكى مۇقەررەرلىككە ماسلىشىدۇ. ئارتور شۇ پېنخائوئېر«ئادەم ئۆزى قىلماقچى بولغاننى قىلالىسىمۇ، لېكىن
ئىگە بولماقچى بولغانغا ئىگە بولالمايدۇ» دېگەنىدى. بۇ ھېكىمەتلىك سۆز ياشلىق
دەۋرىمدىن باشلاپلا ماڭا ھەقىقىي ئىلھام بەرگەنىدى ؛ ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ
تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزگە تەسەللىي بولدى ھەمدە كەڭ قورساقلىقنىڭ
ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىنىڭ مەنبەسى بولدى. بۇنداق تەسىرات ئادەمنى ئوڭاي
بوشاشتۇرۋىتىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كەڭچىلىك بىلەن يېنىكلىتىدۇ، شۇنداقلا
ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق جىددىي مۇئامىلىدە بولۇشتىن ساقلايدۇ. بۇ
يۇمۇرلۇق بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن بېرەلەيدىغان كىشىلىك كۆز قاراشنى بەخىش
ئېتىدۇ.بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياكى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇشنىڭ
ئەھمىيتى ياكى مەقسىتىنى سۈرۈشتۈرسە، ئوبيېكتىپ نۇقتىئنەزەر بىلەن قارىغاندا،
مېنىڭچە بۇ نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمدە مۇئەييەن غايە
بولىدۇ. بۇ غايە ئۇنىڭ تىرشچانلىقىنى ۋە ھۆكۈم نىشانىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن
ئېيىتقاندا، ھوزۇر – ھالاۋەت ۋە راھەت – پاراغەتنى تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى بولىدۇ،دەپ
قارىغان ئەمەسمەن-بۇنداق ئېتىكا ئاساسىنى چوشقىنىڭ غايىسى، دەپ ئاتايمەن. يولۇمنى
يورۇتۇۋاتقان ھەمدە ماڭا يېڭى جاسارەت بېغىشلاۋاتقان تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن توغرا
قاراش غايىسى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە چىنلىقتىن ئىبارەت.ھەمرالار ئارىسىدىكى سەمىمىي
ھېسىيات بولمىغاندا، ئوبيېكتىپ دۇنياغا –سەنئەت ۋە ئىلىم – پەن خىزمەتلىرى
ساھەسىدىكى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئوبىېكىتلارغا پۈتۈن زىھنى بىلەن
بېرىلمىگەندە، مېنىڭچە، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز بولىدۇ.مېنىڭچە، كىشىلەر كۈچەپ
قوغلاشقان چاكىنا نىشان – بايلىق، ساختا شۆھرەت، راھەت – پاراغەتكە بەكمۇ بېرىلگەن
تۇرمۇش- پەسكەشلىك بولىدۇ.مەندە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ھەققانىيەت تۇيغۇسى
ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. لېكىن مەندە باشقىلار بىلەن ۋە جەمئىيەت
بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش تەلىپى كەم.بۇ ئىككىسىدىن ھامان غەلىتە سېلىشتۇرما ھاسىل
بولىدۇ.ھەقىقەتەنمۇ‹‹ تەنھا مىھمان ›› مەن.دۆلىتىمگە، ئائىلەمگە، دوسىتلىرىمغا،
ھەتتا ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مەنسۇب بولغان ئەمەسمەن ؛ بۇ
مۇناسىۋەتلەر ئالدىدا مۇئەييەن ئارىلىق بارلىقىنى ھەمدە تەنھالىقنى ساقلاپ قېلىش
زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمەن-بۇنداق ھېسىيات يىلدىن – يىلغا كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ
. كىشىلەر شۇنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدۇكى، باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل
قىلىش ۋە ماسلىشىپ بىرلىككە كىلىش چەكلىمىلىك بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىش
ھاجەتسىز.شەكسىزكى، بۇنداق ئادەم ئاق كۆڭۈل ۋە غەم – ئەندىشىدىن خالىي ھالىتىدىن
مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلىپ قالسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ پىكىرى، ئادەت ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ
تىزگىنلىشىگە كۆپ ئۇچىرىمايدۇ ھەمدە قەلىب تەڭپۇڭلىقىنى ئاشۇنداق ئىشەنچىسىز
ئاساستىكى قايمۇقتۇرۇشلارغا تىكلەشتىن خالىي بولالايدۇ.
دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم سىياسىي غايەم ھېسابلىنىدۇ.ھەر بىر ئادەم ئادەم
سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم باشقىلار چوقۇنىدىغان مەبۇدبولماسلىقى لازىم
.مېنى زامانداشلىرىم بەك ماختاپ ۋە ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىنىڭ سەۋەنلىكىمدىن ئەمەس، شۇنداقلا تۆھپىلىرىم تۈپەيلىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرنىڭ بىر خىل مەسخىرىسى، بۇنىڭ سەۋەبى، كىشىلەردە ئېھتىمال بۇنداق بىر خىل ئارزۇنىڭ بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئاجىز كۈچۈم بىلەن ئۈزلۈكسىزكۆرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئاز ساندىكى بىر نەچچە كۆز قارىشىمنى بىلمەكچىدۇ.بۇ ئارزۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇالمىدى.ماڭا تامامەن ئېنىقكى،
بىر تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەقسىىتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، بىر ئادەم تەپەككۇر
قىلىشى، قوماندانلىق قىلىشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى
لازىم، لېكىن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار مەجبۇرلانماسلىقى لازىم. ئۇلار ئۆزىنىڭ
داھىيسىنى تاللىۋالالايدىغان بولسۇن.مېنىڭچە، مەجبۇرلايدىغان ئىستىبدات تۈزۈم
ناھايىتى تېز چىرىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.چۈنكى زوراۋانلىق ھامان پەزىلىتى ناچار
كىشىلەرنى سەھنىگە چىقىرىپ قويىدۇ. ئىشىنىمەنكى، تالانتلىق زالىم پادىشاھقا ھامان
ئۇياتسىزلار ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇ قەدىمدىن كەلگەن ئوڭاي ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەت،
دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۈگۈن بىز ئىتالىيەدە، روسىيىەدە كۆرۈۋاتقان تۈزۈمگە كۈچلۈك
قارشى تۇردۇم. ياۋروپادا بۈگۈن مەۋجۈت بولىۋاتقاندەك ئەھۋالدا دېمۇكراتىيە شەكلى
گۇمانلىق بولۇپ قالدى. بۇنى دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىنڭ ئۆزىگە دۆڭگەپ قويۇشقا
بولمايدۇ، بەلكى بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تۇراقسىزلىقىنىڭ ۋە سايلام تۈزۈمىنىڭ شەخىسلەر
بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنىڭ ئالامىتى. ئىشىنىمەنكى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا توغرا يول
تاپتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى خېلى ئۇزۇن بولىدىغان زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا تولۇق ھوقۇقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،
گېرمانىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە ئاغرىقلارنى ۋە نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈزگەن
بىر قەدەر كەڭ بەلگىلىمىلىرى ماڭا يارىدى.كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭگارەڭ ئويۇنلىرىدا
ھەقىقىي قىممەتلىك بولىدىغىنىنى سىياسىي جەھەتتىكى دۆلەت ئەمەس، بەلكى
ئىجادچانلىققا ۋە ھېسىياتقا ئىگە شەخىسلەردىن، ئىنسانىي پەزىلەتتىن ئىبارەت ؛شەخىسلەرلا يۈكسەك ۋە ئاجايىپ نەرسىلەرنى يارىتالايدۇ.ۋەھالەنكى، ئاۋام ئىدىيە
جەھەتتە ھامان قاشاڭ بولىدۇ، ھېسىيات جەھەتتىمۇ قاشاڭ بولىدۇ.سۆزۈم مۇشۇ يەرگە
كەلگەندە، ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى ئەڭ ناچار بىر خىل ئىپادە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. ئۇ
بولسىمۇ مەن بىزار بولىدىغان ھەربىي تۈزۈم. بىر ئادەم كۆرەڭلىگەن پېتى ھەربىي
ئوركىستىرغا ئەگىشىپ چاسا شەكىلدە تىزىلدۇرۇلغان قوشۇن ئىچىدە كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇ
نۇقتىنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقىمغا يېتىدۇ. ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىنلا
ئۇنىڭدا كاللا بولۇپ قالغان ؛ يىلىكلا بولسا، ئۇنىڭ ھەممە ئېھتىياجىغا يىتەتتى. مەدەنىيەتنىڭ بۇنداق جىنايى مەركىزىنى ئىمكانقەدەر تېزرەك يوقىتىش لازىم. باشقىلارنىڭ جورۇقچىلىقى بىلەن بولىدىغان قەھرىمانلىق، رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق،ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى ئاستىدىكى يىرگىنىچلىك بىشەملىكلەر مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىدۇ! مېنىڭچە ئۇرۇش شۇنداق رەزىل، پەسكەشلىككى، قىيما-چىيما قىلىنىپ كەتسەممۇ، ئۇنداق يىرگىنىچلىك شۇملۇققا ئارىلاشمايمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە يۇقىرى باھابېرىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ ساغلام ھېسىياتى مەكتەپلەر ۋە گىزىت ئارقىلىق تەسىرقىلىدىغان سودا مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەنپەئەتنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا
ئۇچىرىمىغان بولسىلا، ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى.
بىزدە بولىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبە – سىرلار تەجرىبىسىدىن ئىبارەت. ئۇھەققىي سەنئەت ۋە ھەققىي ئىلىم – پەننىڭ مەنبەسى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان ئاساسىي ھېسىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭ تېگى- تەكتىگە يەتمىسە، ئۇنىڭدا قايتاقىزىقىش بولمىسا، شۇنداقلا قايتا ھەيرانلىق ھېسىيات بولمىسا، ئۇ ھارام تاماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزى ئىنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. مانا مۇشۇنداق سىرلارنىڭ تەجرىبىسىدىن –قورقۇش ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ –دىن بارلىققاكەلگەن.بايقاپ كېتەلمەيدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە،
قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرىغا ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىل بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئىداركىي
ۋە ئەڭ يارقىن گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز –دەل مۇشۇنداق تونۇش ۋە مۇشۇنداق ھېسىياتتىن
ھەقىقىي دىننىي ھېسىيات ھاسىل بولغان. مۇشۇ مەنىدىن، بەلكى پەقت مۇشۇ مەنىدىنلا،
چوڭقۇر دىننىي ھېسىياتقا ئىگە ئادەممەن.ئۆزۈم ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىردىن
قانائەتلىنىشنى ئىستەيمەن. مەۋجۇي دۇنيانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلمىسىنى
كۆزىتىشتىن قانائەتلىنىمەن. ئۇنڭدىن يېرىم – ياتىنى بولسىمۇ بايقۋالالىسام ھەمدە
سەممىي تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈنگەن ئاشۇ ئىدراكنىڭ بىر
قىسمىنى چۈشىنەلىسەم، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسام، ئۇنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر
قىسمىنى چۈشىنەلىسەممۇ تولۇق رازى بولغان بولاتتىم.

ئىزاھات

نوبېل – شۋېتسىيە خىمىكى ھەم كەشپىياتچىسى 1833-1896 يىللىرى ياشىغان.
نوبېل مۇكاپاتى – نوبېلنىڭ مىراسىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات. 1901-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي ئىلىم (مېدىتسىنا )ۋە تىنچلىق ئىشلىرى بويىچە تارقتىلىپ كەلگەن.1968- يىلىدىنباشلاپ ئۇنىڭغا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات مۇكاپات تۈرى قوشۇلغان.ئېينىشتېيىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتېيىن 1879-يىل 3 -ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىينىڭ ئۇلىم شەھىرىدە يەھۇدىي ئائىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا خىيالچان، كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالا ئىدى. ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۈمىد يوق » ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى.لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ «ئۈمىد يوق»ئوقۇغۇچى 1905- يىلى 26 ياشقاتولغان چاغدا «فىزىكا خاتىرىلىرى» ژۇرنىلىدا ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالەئېلان قىلىپ، ئېنقىلاب خاراكتېرلىك نەزەرىيە«تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى»نى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيىنى چۈشىنىدىغانلار 1915-يىلىغىچە 20 كىشىدىن ئاشمىدى.1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغاقويدى.1919-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى تەجرىبىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1921-يىلى 42يېشىدا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى.گېرمانىيىدە مەخسۇس
تەشكىلات قۇرۇلۇپ تەنقىدلەندى، سەۋەبى، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ قالغانلىقى ئىدى.سابىق
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئالىملارمۇ ئۇنى بۇرژۇئازىيە ئالىمى دەپ قاراپ،<< ئىدېئالىزمچى>> دەپ تەنقىدلىدى.ئېينىشتېيىن ئۇلارغا جاۋابەن 1953-يىلىمۇنداق بىر كۇبلىت ھەجىۋىي شېئىر يازدى:

ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ،
تەرلەپ -پىشىپ، جاپا چېكىپ ئاھئۇرۇپ؟
كېلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت،
يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باشقاتۇرۇپ.



ئۆمرىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازانغان بۇ ئالىم 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەنبە:«نوبېل مۇكاپاتى ئالغۇچىلارنىڭ نۇتۇق تېكىسىتلىرى»دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=129&extra=page%3D1


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 11:59 PM  


چىن سۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35878
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 12:46:29 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
altiwip يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 09:22 PM
ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى ياكى بىرەر ئەۋلادى ئەرەپ بولۇپ قا ...

راست، شۇنداق.

راست سۆزلىيةلةمسىز؟! قېنى ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 10:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېينىشتىيېن نىسبىلىك نەزەريەسىدە ماكان بىلەن ماددا بىرلا خىل رىياللىقنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى.شەكىل نەزەريىسىدە ماددا بىلەن ماددا ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل رىياللىق.نىسبىلىك نەزەريسىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئەڭ ئاجىز نۇقتىسى ئۇنىڭ ماكان-زامان ئىدىيىسىنىڭ ئۆزىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 12:41:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىلىم-پەن ئالدىقى سىپى»ژورنىلىنىڭ يىڭى سانىدا«ئېينىشتىيېن تارتىش كۈچى نەزەريىسى ۋە دىراك ئىلىكتىرون نەزەريىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى:



爱因斯坦引力理论和狄拉克电子理论之间的矛盾
唐飞琳
(广州世纪星科技有限公司,广州 560000 )
摘要:本文通过联合考虑爱因斯坦引力理论和狄拉克电子理论,发现在爱因斯坦引力理论和狄拉克电子理论之间关于电子场的能量栋梁运动存在着一个矛盾。这个矛盾表明爱因斯坦引力理论不能描述带半整数自旋的粒子的引力作用。如果假设狄拉克电子理论是正确的,我们必须修改爱因斯坦引力理论关键词:爱因斯坦引力理论、狄拉克电子理论、麦克斯韦电磁场理论
中图分类号:O421.1  文献标识码:A
收稿日期:2011-05-08   修订日期:2011-08-25
作者简介:唐飞琳(1969-),男,国防科大毕业后在中国工程物理研究院工作,后进入中山大学物理系深造。Email:tangfeiling1@126.com

本篇文章来源于 科报网|www.stdaily.com
原文链接:http://www.stdaily.com/qykx/content/2011-11/10/content_375894.htm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-20 12:44 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6085 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 12:52:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىلىم-پەن ئالدىقى سىپى»ژورنىلىنىڭ يىڭى سانىدا يەنە«مېكىلسۇن-مورلى تەجىربىسىنىڭ مەقسىدىSagnac ئىففىكىتى بىلەن تۇقۇنۇشىدىغان ئىدىيال تەجىرىبە»سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى:


融入迈克尔逊-莫雷实验目的的Sagnac效应理想实验

黄德民

摘要:长期以来,光速不变假设被认为得到了迈克尔逊-莫雷实验等的广泛支持,Sagnac效应尤其是推广的Sagnac效应出现后,有人认为是对光速不变假设的否定。但Sagnac效应涉及到非惯性系,能否动摇惯性系中的光速不变假设,出现巨大争议。本文设计了一个理想实验方案,将Sagnac效应与迈克尔逊-莫雷实验目的有机融合。对此实验,相对论将难于预见和解释。该实验有助于打破争论僵局,促进人们对光速问题的再认识,挑战相对论。
关键词:Sagnac效应;迈克尔逊-莫雷实验;理想实验;光速不变假设;相对论
中图分类号:O412.1    文献标识码:A


收稿日期:2011-05-30  修订日期:2011-09-13
作者简介:黄德民(1966-),工学硕士,高级工程师。先后发表论文30余篇,出版专著一本,获专利2项,获军队科技进步奖4项,国防科学技术进步奖2项,Email:hdmin163@163.com

本篇文章来源于 科报网|www.stdaily.com
原文链接:http://www.stdaily.com/qykx/content/2011-11/10/content_375892.htm

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-20 12:54 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش