ھەرقايسىڭىزلارنىڭ ياخشى باھالارنى بەرگەنلىكىڭىزلەرگە كۆپ رەھمەت ، چۈشەندۈرۈشلىرىنى يازغان ئىدىم ، مائۇسنى ھەرقايسى رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە ئەكەلسىڭىزلەر ئاندىن چۈشەندۈرۈشلەر چىقىدىكەن ، قومۇلنىڭ يەنە پالۋانلار يۇرتى دېگەنمۇ نامى بار ،
قومۇل ھېيىتگاھ نى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىتمىكىن دەيمەن، ئالدىنقى يىل پۈتۈن شىنجاڭلارنى ئايلىنىپ ، مەسچىتلەرنى كۆرۈپ باقتىم ، قومۇل ھېيىتگانىڭ ئىچىدە 108 تۆۋرۈك بار ، 5000-6000 چە ئادەم كەڭتاشا سىغىدۇ ، 2 ھېيىت كۈنى قومۇل خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى ، كېلالىغۇدەكلىرىلا بولسا مۇشۇ ئالتۇنلۇق ھېيىتگاغا كېلىپ ھېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ ، پۈتۈن ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ھويلىسىدىنمۇ ئېشىپ يوللاغىچە ئادەملەر چىقىپ كېتىدۇ ، مەن ھەرقېتىم دېگۈدەك دادام،بوۋاملار بىلەن ئەتتىگەن بېرىپ 1- رەتتە ئولتۇرىمىز، بۇ ھېيىتگاھ نى قومۇلنىڭ بۇرۇنقى ۋاڭلىرىدىن بىرسى سالدۇرغان ، قايسىلىقى ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ، كېيىن نەچچە قېتىم كۆلىمى چوڭلىتىلىپ ،رېمونت قىلدۇرغان ، پۈتۈن تاملىرىغا ئايەت ھەدىسلەر ھۆسنى خەت شەكلىدە يېزىلغان . مۇشۇنچىلىك چۈشەندۈرۈش بېرىپ تۇراي ، قالغىنىنى يەنە ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن ، قېرىنداشلارنىڭ ياز كۈنلىرى قومۇلغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ كېتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ، مېھماندوست ، مۇلايىم قومۇل خەلقى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ !!!