مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: noshirwan

تاققا-تۇققا پاراڭلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 09:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲«قىزىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت»نى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ دادىللىقى ۋە غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. «قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تېنچ» قېلىپىغا چۈشىۋالغان مۇخبىرلىرىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمەن. «قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىسا، تاۋۇز يېيىشتىن قورقما»، «ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن گەپ بار. ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، «پال-پال» تەرەپلەرنىلا كۆرمەي، «غال-غال» تەرەپلەرنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك. ئىللەتلەرنى، چىرىكلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش، ياغلىما-تەلپەك گەپلەرگە ھېرس بولۇش يارىمايدۇ.13

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21228
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2842 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 10:11:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
noshirwan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-19 05:26 PM
▲موشۇ ئاي، موشۇ كۈنلەردە مەنسەپدار بولۇشقا خۇشتار ئاد ...

توغرا دەيسىز ،  ھازىر جەمىيەتتە كىشىلەر « ئادەمنىڭ يا پۇلى بولۇش كىرەك ، يا ھوقۇقى بولۇش كىرەك »  دەپ ئويلايدىكەن ، شۇڭا كۆپ كىشىلەر  مەنسەپ خۇمارى بولۇپ قالدى ، بۇنى توغۇر چۈشۈنۈشكە بولىدۇ .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:15:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲مەتبۇئات ۋە تور دۇنياسىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ شۇنى بايقىدىمكى، گەرچە ئاغزىدا ۋەتىنىم، خەلقىم دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان زىيالىيلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىۋاتقان زىيالىي بارماق بىلەن سانىغىدەكلا ئازكەن. بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا چۆچۈدۈم، ئېچىندىم، يەنىلا ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم، نېمىلا بولمىسۇن، يۈرىكى خەلقى ئۈچۈن سوقىدىغان پىكرى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز ئاز بولسىمۇ بارىكەن، تۈگەپ كەتمەپتۇ.14




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:16:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲بەزى قېرىنداشلىرىمىز قانۇن ئىجراسىدىكى مەسىلىلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ھازىر قانۇن ئۆگەنگەننىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق، دېيىشىۋاتىدۇ. قانۇننىڭ ئىجراسى ئەمەلىيلەشكەندە ئاندىن ئۈگىنىمىز دەپ ئولتۇرساق، قانۇن ئۆزلىكىدىن ئەمەلىيلىشىپ قالمايدۇ. پۇقرانىڭ ھوقۇقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن، سىز شۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىزنى قوغدىمىسڭىز، ئۇ بىر قۇرۇق قەغەز. قانۇندىن ياخشى پايدىلانسىڭىز ، قانۇن ئۆزىڭىزنى قوغدايدىغان خەنجەر، قۇرال بولىدۇ.15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲«ئات جۇۋازدا، كالا مەپىدە» بولىدىغان ئەھۋاللار ھازىرقى تۈزۈلمە شارائىتىدا مۇقەررەر پەيدا بولىدىغان ئەھۋاللار. تۈزۈلمە ئىسلاھ قىلىنمىسا، بۇنداق ئىشلار تۈزۈلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس. شۇنداقكەن دەپ، زامانغا بېقىپ، بىر كۆزنى قىسىۋېلىپ ، چۈپرەندە پاسىق-پىسەندە غالچا بولۇپ، يۈندە كۆلچىكىدە تەڭ بۇلغىنىپ ياشاش كېرەكمۇ؟ ئۇنداق قىلىش ھەقىقىي زىيالىيغا مۇناسىپ ئەمەس، ھەقىقىي زىيالىي ھەم ئۇنداق قىلمايدۇ، ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس.16

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 07:20:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲ھەممە ئەل ساغلام، دېدۇق، بازارنى ساختا دورا قاپلاپ كەتتى؛

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردۇق دېدۇق، يالغان دېپلوم كۆپىيىپ كەتتى؛

خىيانەتچىگە زەربە بېرىۋاتىمىز، پارىخور كۆپىيىپ كەتتى؛

ساپا مائارىپى دېدۇق، ئوقۇغۇچىلار مۈكچىيىپ كەتتى؛

باي بولدۇق دېدۇق، يالغان پۇل كۆپىيىپ كەتتى؛

پاراۋانلىق دېدۇق، تىلەمچى-گاداي كۆپىيىپ كەتتى؛

مەدەنىيەت دېدۇق، ساراڭ كۆپىيىپ كەتتى.

توۋا، تەتۈرلۈك نىمىشقا كۆپىيىپ كېتىدىغاندۇ؟...17


▲مەمۇرلار قوشۇنىدا ھەقىقەتەن ئاينىغان بىر قىسىم ناكەسلەر بار، پارا ئالىدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئەمەل ساتىدۇ، پاھىشىۋازلىق قىلىدۇ، پۇقرانى بوزەك قىلىدۇ، ھوقۇقنى سۈيئىستىمال قىلىپ، جىمى ئەسكىلىكنى قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇلارنى ئىت، ئېشەك دەپ تىللايدىكەن. ناكەسلەرنى قوينى بۆرىگە ئالدۇرمايدىغان ئىتلارغا، ھارغىنىنى، تالغىنىنى بىلمەي ئىشلەيدىغان ئىشەككە  ئوخشاتسا، بىچارە ئىت-ئىشەككە ئۇۋال بولماسمۇ؟18

ئۇيغۇر &nbs

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14943
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5436
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس راس   بۇلار ھەقىقەت

ئۇيغۇر  بالسىمەن ئۇيغۇردەك ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9832
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6337 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 09:00:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲ئامېرىكىدا بىر ئادەم قاتىل دېيىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپتۇ.20 يىلدىن كېيىن گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلىپتۇ. ئۇ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، يەتتە مىليۇن دوللار تۆلەم ئاپتۇ.
ئېلىمىزدىمۇ بىر دېھقان ئالتە كالىنى ئوغرىلىدى دېگەن گۇناھ بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم بوپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، ھېلىقى دېھقان گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلىپتۇ. ئۇ دېھقانمۇ سوتقا بېرىپتۇ. تۆلەم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، «پۇقرانىڭ باشپاناھى» دېگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە تاۋار لەۋھەنى سۇنۇپ، بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپتۇ.19


▲بىر نەچچە مايمۇن ئوخشاش بىر ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مايمۇن ئويناتقۇچى ئۇلارغا ئوخشىمىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىپتۇ: بىرىگە تەرخەمەك، بىرىگە بانان، يەنە بىرسىگە ئۈزۈم بېرىپتۇ. قىزىقارلىق بولغىنى، تەرخەمەك بېرىلگەن مايمۇن بانان ۋە ئۈزۈم يەۋاتقان شېرىكلىرىگە قاراپ، قولىدىكى تەرخەمەكنى يېمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەرخەمەكنى ئىگىسىگە قارىتىپ ئېتىپتۇ. دوكتۇر بۇنىڭدىن باراۋەرلىك قارىشى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى بولماستىن، تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، دەپ يەكۈن چىقىرىپتۇ.20



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش