بىر قەۋىم ھەرقاداق بىر ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمۈگۈچە ، ھىچكىم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ .
مېنىڭچە يەنە، ئۆزلىرىنى پارتلاتمايدۇ . دۇئا قىلىدۇ . ئۆز ئىچىدىكى خائىننى تازىلايدۇ . ئىچىدىن پاكىز بولمىغان ھەم بىرلىكى بولمىغان ، بىلىمى ھەم ئىلىمى بولمىغان مىللەت ھامان زاۋاللىققا يۈزلۈنۈدۇ . پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، نىمىشقا ئىسلامغا ئېسىلغانلىكى بىر مىللەت خاراپلىقتا ئۆتۈدۇ .چۈنكى ئۇلار، دىننى مۇكەممەللەشتۈرمەيدۇ . چىن دىلدىن ئىمان ئېيتمايدۇ . يۈرەكلىك ئەمەس، غورۇرى ئويغاق ئەمەس. بىر- بىرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلمايدۇ ھەم بىلمەيدۇ . قارامكى-ئەقىل بىلەن ئىش تۇتمايدۇ . دىندا دىيىلگەن قىلماسلىق توغرۇسىدىكى بايانلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى قىلىدۇ . بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئاستىدا غاپىل ياتىدۇ . بۇنداق كىشىلەرنى كىمنىڭ بوزەك قىلغۇسى كەلمەيدۇ . كىمنىڭ، قوللىرىدىكى نەرسىلىرىنى ئېلىۋالغۇسى كەلمەيدۇ . دۇنيا شۇنى تەستىقلاپ تۇرۇدۇغۇ - ئەنە! ھازىر قى چاشقانلار يوغۇناپ ، مۈشۈكلەر كىچىكلەپ ، شۇ چاشقانلاردىن قېچىپ يۈرۈيدۇغۇ . خۇدا ساقلىسۇن چاشقان ئاپىتىدىن . چاشقانلار ئۆم ئەمەسمۇ ، بىر- بىرىگە ھومۇيۇپ مىياڭشىپ تۇرغانلارنى بىردەممىدىلا ھەل قىلىشقا كۆزى يېتىدۇ - ئەلۋەتتە . تەپەككۈرگە ئېلىپ باقساق- بۇ ئىش بىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئويۇنغىمۇ ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . يامانلار -ياۋاشلارنى ، دۆتلەرنى ، كەچكۈچە يىغلاپ يۈرۈيدىغان دادىل ئەمەسلەرنى ، ماڭقىسى ئېقىپ قالغانلارنى بوزەك قىلاتتى. شۇنداق ئەمەسمۇ-
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-18 02:02 AM