جىك ئەپەندى:
تەييار بىلىملەرنى يادىلاش بىلەن،يىڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ پەرقىنى،دەرىس ئوقۇتقۇچىسى بىلەن
تەتقىقاتچىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىش ئىلىم-پەننى چۆشۇنۇشتىكى ئاددى ساۋاتلارنىڭ بىرى.ئىلىم-پەن يىڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ.يىڭىلىق بولسا ھەرگىز دەرسلىكلەردە ۋە يادلىۋالغان نەرسىلىرىڭىزدە بولمايدۇ.سىز پەقەت ئۆزىڭىزدە بار "ئاممىۋى»دەسمايە بىلەن يىڭى نەرسىنى ئىنكار قىلىپ بولالمايسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يىڭى نەرسىنى چۈشۈنىشىڭىز،ئاندىن ئۇنى ئىنكار قىلىشنىڭ يولىنى ئىزلىشىڭىز كىرەك.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئاساسى ئۇقۇملىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك تەجىرىبەئاساسىغا ئىگە،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئۇقۇملار سىز ئۇقۇغان كىتاپلاردا ،يادلىغان بىلىم ئامبىرىڭىزدا يوق .شۇڭا بىر پۇتۇن نەزەريىنى ئاغدۇرىمەن، ئىنكار قىلمەن دەپ جاپا تارىتماي ئۇنىڭ ئۇقۇملىرىنى ،ھىچ بولىغاندا بىرەر ئۇقۇمىنى ئاغدۇرۇپ باقمامسىز.5-6يىلدىن بىرى بۇ نەزەريىنى تىللاپ-قاغاپ سېسىتىپ كەپسىز،لىكىن بىرمۇ ئۇقۇمىغا،بىرەرتال مۇيىغا تەسىر قىلغىدەك تەنقىت يازالماپسىز.جىك، سىزنىڭ «مانا مىنىڭ ئىلمى تەنقىدىم»دىيەلىگىدەك بىرەر تەنقىدىڭىز بارمۇ؟ كۆرسۇتۇپ بىقىڭا!.سىز «فىزىكىلىق شەكىل»،«ئارقا كۆرۇنۇش»،«مۇتلەق ھەجىم»،«ئاق قەغەز مۇدىلى»دىگەنلەرنىڭ بىرەرسىنى ئاغدۇرۇپ بېقىڭا،قېنى!.
سىز مەيلى كاتتا دۇكتۇر بولۇپ كىتىڭ ،مەيلى چەتئەلدە ئۇقۇڭ بۇ ئۇقۇملارنى سىز ئەسلا چۇشەنمىدىڭىز ۋە چۈشۈنۆشنى ئۇيلاپمۇ باقمىدىڭىز.
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى قانداقمۇ ئىلمى تەنقىت قىلالايسىز؟!.سىز بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۇمۇرلۆك ئىلمى ئىتىقادىنى، ئەمگىكىنى تۇتامغا چىققىدەك ئىلمى ئاساسىڭىز يوق تۇرۇپ سېسىتتىڭىز،بۇزغۇنچىلىق قىلدىڭىز. پاكىتلارنى بۇرمىلىدىڭىز.ئامىرىكىدا سىلەرگە ئەخلاق دەرىسى ئۆتمەمدۇ؟.
يازغان ماۋۇ تېمىڭىزنى قاراڭ.فاڭ جۇزى تىبابەتچىككە چىش-تىرنىغىغىچە قارشى ئىكەن.ئۇنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئۇينىساق ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ بىشىغا نىمە كۆنلەر كىلەر؟،بىزنىڭ ئاساسى بار-يۇق دەسمايىمىز ئەنئەنىۋى مەدەنيەت،ئەنئەنىۋى نەرسىلەر.سىلەردەك دۇكتۇرلار بىزگە بىر كىچىدىلا چەتئەلدىن زامانىۋى مەدەنيەت،زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ،زامانىۋى تىخنىكىنى ئەكىلىپ بىرەلمەيسىلەر ھەقاچان،سىلەر تۇققۇزىمىزنى تەل قىلغىچە بىز ئۇزىمىزدە بار نەرسىلەر بىلەن جىنىمىزنى جان ئىتىپ تۇرساق قانداق؟!.
قاسىم مۇئەللىمنىڭ ئۇچرىغان ئۇۋالچىلىقلىرىنى كۆرۇپ سىزنى ئازىراق چۇشۇنۇپ بېقىش مەقسىدىدە ئىزدەندىم.زۇرۇر تىپىلسا قالغان گەپلەرنى كىيىن قىلارمەن.زۇرۇر تىپىلمىسا قىلماسمەن.مىنىڭغۇ سىزگە نەسىھەت قىلغىدەك سالاھىيىتىم يوق.بۇندىن كىيىن بولسىمۇ گەپ-سۇز يازمىلىرىڭىزغا دىققەت قىلارسىز. ئەسلى بۇ ئىشلارنى ئۇزىڭىز كەمچىلىكلىرىڭىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىتراپ قىلىپ ،چىرايلىق ھەل قىلىۋەتكىلى بولاتتى قارىغاندا ئۇنداق قىلمايدىغاندەك تۇرىسىز!.
ھە راسىت،سىز مەخسۇس كەسىپ ئۇقۇغان زىيالى بولغاندىكىن ئۇزىڭىز ئۇقۇغان كەسىپ بۇيىچە ئۇلگىلىك بىرنەچچە پارچە ماقالە يىزىپ توردا ئېلان قىلسىڭىز باشقىلارنى ئىلمى ماقالە دىگەن مۇنداق بولمامدۇ دىگەن تويغۇغا كەلتۇرۇپ ،ناچار يازمىلارنىڭ تورنى قاپلاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتىڭىز ئەمەسمۇ،سىزنىڭ شۇنداق بىر نەچچە پارچە،ھىچ بولمىسا بىر پارچە ماقالىڭىزنى توردا ئېلان قىلىشىڭىزنى ئۆمىت قىلىمەن. تورداشلارمۇ شۇنداق ئۆمىت قىلىدۇ دەپ ئۇيلايمەن.مەنغۇ بىر نەرسىلەرنى تازا بىلىپ كەتمەيمەن.لىكىن تور دۇنياسىدا ،شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ماقالىڭىزنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇزىنى چۈشۈنەلەيدىغانلار كۆپلەپ تىپىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. چۇنكى سىزنى ھىچقاچان ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم چۇشەنمەيدىغان ماقالە يىزىپ ئۇلتۇرمايدۇ دەپ قارايمەن.تورداشلار بەلكىم بۇ تەكلىۋىمگە قارشى چىقماسلىغى مۆمكىن،كۆزىمىزنى ئىچىپ قويارسىز!.
别让科学远离人们的日常生活
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-21 02:39 AM