|
|
|
|
مەكىت ناھىيەسىنىڭ 2012 -يىللىق دولان مەدەنىيىتى كاتتا كۆرىكى ھەم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتى بۈگۈن مەكىت ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا داغدۇغۇلۇق باشلاندى.بۇ قېتىمقى دولان مەدەنىيىتى كاتتا كۆرىكى ھەم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيتى جەمئىي 10يۈرۈش پائالىيەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۈگۈن دولان مۇقامىنى ئورۇنلاش ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا -بازاردىن كەلگەن ئون گۇرۇپپا بويىچە تاللانغان ماھىرلار ئىچىدىن ئىككى نەپەردىن مۇقامچى دولان مۇقامىنى يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇنلاپ ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ بىر قىسىمى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەت جەمئىي ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
( مەنبەسى: نەخ مەيداندىن تارتىۋالغان سۈرەتلىرىم ئاساسىدا يوللاندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-19 08:23 PM
|
|
|
|
|
|