ئىشقىلىپ ئامېرىكا ئىشلىگەن ياپون ئۇرۇشى فىلىملىرىدىكى ياپون ئەسكەرلىرى شۇنننننننداق باتۇر ، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ، ۋەتىنىگە سادىقلىقىدىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالسا ‹ ۋەتەنگە قايسى يۈزىمىز بىلەن قايتىمىز › دەپ ھەربىي قىسىم - قىسىملاپ ئۆزىنىڭ قارنىنى ئۆزى يېرىپ ئۆلىۋالغان كۆرۈنۈشلەر چىقىدۇ .
جۇڭگونىڭ بولسا باسقۇنچىلار يېزىغا چۈشۈپ خەقنىڭ توخوسىنى قوغلاپ تۇتالماي يۈرگەن ، توڭگۇزىنى چېقىرتىپ ئەپ قېچىپ يۈرگەن ، باسقۇنچى ، يەنە بىر قىزىقارلىق كىنوسىدا ، بىر ياپونلۇقنى بىر جۇڭگولۇقنىڭ ئېشىكى ئوسۇرۇپ نەپەس ئالدۇرماي ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ ... دېگەندەك كۆرۈنۈشلەر چىقىدۇ . جىق كىنوسىدا ياپونلۇقلار < خۇا گۇنىياڭ ( گۈل قىز دەيمىزما ئەمدى ...) > ئىزدەپ يۈرگەن ...
ئەلۋەتتە ، جۇڭگولۇقلارنى ياپونلۇقلار ئاز بوزەك قىلمىغان ، لېكىن كىنوسىنى كۆرسە ئادەمنىڭ بېقىنى قىچىشىپ كېتىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-20 04:07 AM