tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 03:22 AM
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق ،مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ...
تەبىي پېنى تەرەقىي قىلمىغان مىللەت گۇمرانلىق يولىغا ماڭغان مىللەت.تەبىي پەن تەرەقىياتى يەنىلا سىز ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن بىزنى تولىمۇ ھەرخىل ئىشلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ،ئەتىكى تەرەقىيات،چىقىش يولىنى توغرا تېپىش ئۈچۈن بىزنىڭ مىللەت ئىچىدىكى ياشلاردىنمۇ كۆپرەك تەبىي پەنچىلەر يېتىشىپ چىقسا،ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى تۆرەلمىگەن ئېغىر سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرسە،بېھىساب نېفىت بايلىقلىرىنى باشقا مىللەتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويماي،ئۆزىمىزمۇ قىپ باقساق،بىزمۇ شۇنداق زىل ئارخۇلۇگىيە،قېدرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئارلاشقان بولساق،قۇرۇق نەزەرىيەلەرنى ئاز سۆزلەپ،تەبىي پەندىكى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغان،رېئاللىق،ئەتىكى تەرەقىياتتا بىز ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى نۇقتىلار ئۈسىتدە زېھنىمىزنى كۆپرەك ئۇپراتقان بولساق،ئەمەلىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش،ماشىنسازلىق،ئېلىكتۇرۇن سانائىتى،ئالەم ئىشلىرىغا،خەلقئارادىكى كىلۇن تەتقىقاتى ۋە بەزى خەلقئارالىق مەسىللەرگە بېشىمىزنى قاتۇرغان بولساق،تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۇزاق يىللاردىن بېرى،يۆلىنۋىلىش،قېيىداش،بىر قۇتۇپتىن چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ،يەنە بىر قۇتۇپقا ئېغىش مەسىللىرى مىللىتىمىزغا نۇرغۇن سەلبىي تەسىرلەرنى بېرىپ كەلدى.
شۇ ۋەجىدىن،سىز ئېيتقاندەك،ماتىماتىكىدىكى ئاجىزلىقىمىز،تەبىي پەندىكى ئىلگىرلەش تولىمۇ ئاز بولماقتا،ئەلۋەتتە،ھازىر خەلقئارادا تەبىي پەنلەردە شۆھرەت قازانغان ئالىملىرىمىزمۇ بار،لېكىن،ئۇلارنىڭ سانى يەنىلا ئاز.
ئىجتىماھىي پەنگە سۇقۇنۇپ كىرۋىلىش،تەبىي پەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىزنىڭ كەلگۈسى يولىمىزدىكى داغدام يولنى ئېچىشتىكى توسالغۇ بۇلۇۋاتقان ئېغىر بىر توغان.
ئامىركا نېگىرلىرى 10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،ئالىي مەكتەپ ئېنتىھان سوئالىدا 50نۇمۇر توغۇرلۇق نامايىش قىلغان،ئۇلارنىڭ نامايىش قىلىشتىكى باش مۇددىئاسى،بىزنىڭ مىللەتنى ئامىركا ھۆكۈمىتى پەس كۆردى،بىزمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئادەم،بىزگە 50نۇمۇرنى قوشمىسۇن،ئۆزىمىز باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئېنىتىھان بېرىمىز دەپ نامايىش كۆتەردى.
ھاللا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،ئامىركا نېگىرلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى،رايس ئاق سارايدىكى قار ئەتىرگۈل بوپ،دۆلەت كاتىپى بولدى،باراك ئوبامامۇ قار تەنلىك نېگىر پۇشتى بۇلۇپ،ئۇ ئامىركا تارىخىدا تۇنجى بۇلۇپ ،زۇڭتۇڭ بولدى.
بىزدە شۇ نۇمۇرنى قۇشۇپ بەرگەنگە شۇنچە خوشال بۇلۇپ كېتىمىز،ئەمما،كۆپىنچىمىزدە نۇمۇس تۇيغۇسى يوق،ئەگەر بىزدە شۇ نىگىرلاردەك ۋىجدان،ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىزدىمۇ روشەن ھالدا بولغان بولساق،بىزمۇ ئۈرۈمچى 8قەۋەتنىڭ ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارالىغان بولاتتۇق.
جوڭگۇ قانۇنىدا يوللۇق قىلىنغان نامايىشنىڭ قانۇنغا چېتىلدىغان،خىلاپ بولىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق.
ئاتالغۇلاردىكى بەزى سۆزلەرنىڭمۇ خاتا ئېيتىلىپ قېلىشى،ئۇيغۇر تىل تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى خاتا چىقىرىپ قۇيۇش،ئىسلاھ قىلماسلىق،خەلقئارادىكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلارغا ئەكىپ بولالماسلىق،كونا پېتى تۇرۇۋىرىش تۈپەيلى،بىزدىمۇ شۇ لۇغەت مەنىسى بويىنچە ئاتالغان بەزى سۆز-جۈملىلەرنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى سەۋەبلىك،مۇشۇنداق ئىختىلاپ،پىكىر تۇقۇنىشىنىڭ كېلىپ چىقىش مەسىلسى چىققان بۇلۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىمەن.
سىز بىلەن بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ،كاللامدا بىرخىل ھالەتتە تۇرغان،كونا قاراش بويىنچە تۇرۇۋاتقان،ئاتالغۇلار بويىنچە مەسىللەرنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلماسلىق سەۋەبلىك،بەزى كۆز قاراشلىرىمدا مۇئەييەن غىدىقلىنىش يۈز بەردى .