مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: MILYONIR

قىزىمغا ئىسىم تاللاشقا، ياردەم سورايمەن...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 10:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  بىزدە ئىسىم قويغاندا يېڭى بولۇشىنى قوغلىشىپ، مەنىسى، ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىزچىللىق قىممىتى دىگەنلەرنى ئويلاشمايلا ئىسىم قويۇش ئەۋج ئېلىپ قېلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئۆزى «يېڭى، ھېچكىم قويمىغان ئىسىم»دەپ تاللىغان ئىسىملار شۇ بىر مەزگىل ئىچىدە تۇغۇلغان بالىلاردا تەكرار قويۇلۇپ كەتكەن. ناۋادا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىم قويۇش يۈزلىنىشىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ باقسا بىرخىل دولقۇنسىمان ئېقىش يۈزلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بىر دولقۇندا بىر تۈركۈم مەنبەسى ۋە قۇرۇلمىسى ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى ئىسىملار مەيدانغا چىقىدۇ، شۇ دولقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدۇ ۋە يەنە بىر تۈركۈم يېڭى ئىسىملار......بۇ خىل ئەھۋال مېنىڭچە مىللەتنىڭ تارىخى مەدەنىيەت ئىزچىللىغىنى ساقلاشقا پايدىسىز بولسا كېرەك.
   مېنىڭچە ئىسىم قويۇشتا تۆۋەندىكى تەرەپلەرنىڭ ئويلىشىپ تاللاش كېرەك:
   1. ئاتا-ئانا،بوۋا-موما ئەجداتلىرىنىڭ ئىسمى ئىچىدىن تاللاش. بۇ خىل ئىسىم تاللاش پەرزەنتكە ئائىلە-جەمەت تەربىيىسى بېرىش ۋە جەمەت شان-شەرىپىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئويغىتىشقا (مەسىلەن: سىزنىڭ بوۋىڭىز ياكى مومىڭىز مۇنداق پەزىلەتلىك كىشى ئېدى، سىزنى شۇنداق پەزىلەتلىك، ئالىجاناپ ئادەم بولسۇن دەپ ئاشۇ موھتەرەمنىڭ ئىسمىنى قويغان، ياخشى ئوقۇمىسىڭىز، ياخشى ئادەم بولمىسىڭىز........... ئاشۇ بوۋا ياكى مومىڭىزغا يۈز كېلەلمەيسىز، بىزمۇ يۈز كېلەلمەيمىز....دىگەندەك)، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان، تېرىشچان قىلىپ تەربىيىلەشكە پايدىلىق. چوڭلار ئىسىملىرىدىمۇ نۇرغۇن ناھايىتى مەنىلىك ئىسىملار بار، ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن،  پەيغەمبەرلەر ۋە رەھمەتكە ئېرىشكەن ساھابە كېرەملەر ئىسمىدىن قويۇلغان ئىسىملار بار، مىللىتىمىز ئىچىدە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان قويۇلۇپ كەلگەن ئىسىملار بار، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر ھەتتا بىر نەچچە پەرزەنتكە ياخشى ئىسىم تاللاپ قويۇش تامامەن مۆمكىن.  
   بۇ خىل ئىسىم تاللاپ قويۇشنىڭ يەنە بىر پايدىلىق تەرىپى: ئاتا-ئانىڭىز ۋە جەمەتىڭىز ئىچىدىكىلەرنى ناھايىتى خۇش ۋە مىننەتدار قىلىسىز، پەرزەنتىڭىزگە ئامراقلىق كۈچلۈك بولىدۇ.
   ئادەتتە چوڭلار ۋە بۇرۇنقىلارنىڭ ئىسىملىرىدا بۇزۇپ ئاتالغان ۋە شۇ بويىچە قويۇلۇپ كەلگەن ئىسىملارمۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: ئۇرايىم (ئىبراھىم)، مەمەت (مۇھەممەت)، ھاشىگۇل، ھاشىخان.... ئايشەمگۇل، ئايشەمخان......(بۇ ئىسىملارنىڭ ئەسلى ئىسىم تومۇرى ئائىشە)  ............دىگەندەك. بۇ خىل ئىسىملار ئەسلى ئاتىلىشى بويىچە قويۇلسا ھەم پەرزەنت بىر چىرايلىق ئىسىمغا ئىگەبولىدۇ ھەم ئەجدادىڭىزنىڭ ئىسمىنى ساقلاپ قالغان بولۇۋىرىسىز.
   2. ئىسىم قويۇش ئەنئەنىمىز بويىچە ئاللانىڭ ئىسىملىرى، پەيغەمبەرلەر، ساھابىلەر ئىسملىرىدىن ئىسىم تاللاپ قويۇش. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا پەرزەنتلەرگە پەزىلەت تەربىيىسى بېرىشكە پايدىلىق. مىللىتىمىزنىڭ ئىسىم مەدەنىيىتى ئىزچىللىغىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
   3. مىللىتىمىز، خەلقىمىز تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمان، ئالىم كىشىلەر ۋە داڭدار شەخسلەر ئىسىملىرىدىن تاللاپ قويۇش، مەسىلەن: ئاتتىلا، باتۇر، تۇمارىس، مەھمۇد، ئەلشىر، رىزىۋان، ئەھمەد، لوتپۇللا......دىگەندەك. بۇ خىل ئىسىم قويۇشمۇ پەرزەنتلەرگە پەزىلەت تەربىيىسى، ئەنئەنە تەربىيىسى، تارىخ تەربىيىسى بېرىشكە ۋە پەرزەنتلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، مىللى پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغىتىشقا، مىللى كىملىك، مىللى خاسلىقنى ساقلاشقا، ئىسىم مەدەنىيىتىمىزدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.  

    داۋامى بار.......  

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 10:43:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63972
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن كېرەملىك اللە دىن قىزىڭىزغا ئىمانلىق ھەم خاتىرجەم ياشايدىغان ئامەت تىلەيمەن .
مىھرىيە، ئائىشە، ئەسما، ئاندىن يەنە ئۆزىڭىزلەرنىڭ ئىسمىغا يېقىن ئىسىملارنى تاللاپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45303
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-6-22
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    دىلارە  دەپ  كويۇڭ        مېنىڭ  شۇنداق  

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ئۇلۇغ ئاللاھ قىزىڭىزنى ئىككىلى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن  ياخشى ئىسىملارنى تېپىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئۆتمۈشتىن زارلانماڭ، ئەتىڭىز ت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48837
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7860
تۆھپە نۇمۇرى: 1183
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن.
مىنىڭچە ئاۋۇ تورداش دىگەن ( نەسىبە ) دىگەن ئىسىم خېلى بۇلىدىكەن.

ئۆزەڭنى خان بىلسەڭ ، باشقىلارنى تاج بىل.

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:24:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسمىڭىز مىليونىر ئىكەن،،، قىزىڭىزغا مىليونگۈل دەپ قويۇڭ بولمىسا،،،،،
قېنى 3000تىللا؟

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9833
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5002 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قىز ئىسىملىرى

ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،  
ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.
ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.
بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
گۈلنار : ئانار گۈلى.
جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
ھەبىيبە : سۆيۈملۈك.
ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
خالىدە : مەڭگۈ، دائىم.
خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى.
زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.  
زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.
سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق.
سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك.
سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،  
سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.
سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(ئاللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە.
سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.  
شادىيە : ناخشىچى ئايال.
شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.  
شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال.
شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
شەھىدە : ئاللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال.
تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.
زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.
ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.
ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.
ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە.
ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك.
ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.
ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.
فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
قەمەر : ئاي.
كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق.
لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.  
مارىيە : ئاقپىشماق ئايال.
مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.
مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.
مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.
ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.
نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
نەجىيە : سىر، سىرداش دوست.
نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.
نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
نەزىيرە : ئوخشىغۇچى.
نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى.
ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.
ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك
مۇشۇ ئىسىملاردىن ئۆزىڭىز خالىغاننى تاللىۋېلىڭ .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77178
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3320
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاينەزەر   ياكى  زىلالە قويسىڭىز بۇلارمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 11:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. رۇفىنە
2. ئەلفىنە
3. دىلارە
4. فىلورە
5. نەفىسە
6. تۈركەنە
7. فەرۇزە
8. فائىزە
9. سۈبھى
10. مەدىنە

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش