ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم قىرىندىشىم . سىزنىڭ فىلىمگە ئۈنۈم كىرىشتۈرۈشىڭىز ياخشىكەن . تىخىمۇ تىرىشىڭ .
تەكلىپ:
1. ئالدى ئارقى مەزمۇنى سەل-پەل قاملاشماپتۇ .
شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن فىلىم ئىشلىگەندە ئاۋال بىر سىنارىيە يىزىڭلار . ئۇنىڭدىن كىيىن سىنارىيەگە ئاساسەن ئىشلىسەڭلار تەرتىپلىك چىقىدۇ .
2.رول ئىلىش . رول بەرگۈچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى سۇس. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى سۇغاق بولغاندىن توڭلاپ رول بېرىش ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كەتكەندۇ . قانداق يەرلەردە رول بەرگەندە باتۇرلىقى ، ئەقىل پاراسەتلىكى ، ئىجابى ۋە سەلبى روھى ، گەپ قىلغاندىكى ھالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەكىس ئىتىدۇ. دىققەت قىلساڭلار. رول بەرسىمۇ بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئۇششاق يەرلەرنى قىلمىساڭلار . يۇقۇرقى فىلىمدە ئۇششاق نۇقتىلار بەك كۆپ .
3. قانتازىيىلىك ئۈنۈملەردە رەڭلەرنى ياخشى تاللاڭ .
ئاخىردا ئىقتىدارىڭلارنى تىخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
سىلەررول ئالغان ئورۇن ماڭا بەك تۇنۇش كۆرىنىۋاتىدۇ . سىلەرمۇ ماڭا بەك تۇنۇش . ئىشقىلىپ ھەركۈنى ئۇچرىشىپ تۇردىغان كىشىدەك. 19 نىڭ ئەتراپىدا ، پارلاقنىڭ كەينى مەھەلىدە ئولتۇرسىلەرغۇ دەيمەن .