motiwarlar يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 11:47 AM
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىكى «شىركەتنىڭ قۇدرىتى» ...
مۇشۇ خەۋەر راسلا بوپ قالسا، روسچىللىد جەمەتى ئالتۇن بازىرىغا قايتا كىرىدىغان ۋاقىتقىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئىنىق بوپ قالغۇدەك، لىكىن ماۋۇ لىيۇ ئەپەندىمنىڭ دىگىنىدەك زور دەرىجىدە چۈشۈپ كىتىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ.
ئالتۇن باھاسى تازا چۈشۈپ بىر يەرگە بارغاندا روسچىللىد جەمەتى بازارغا كىرسە ئالتۇن بازىرىدا قايتا گۈللىنىش ھالىتى شەكىللىنىدۇ، ئۇلار تۆۋەن باھادا كۆپلەپ سىتىۋىلىپ باھانى ئۆستۈرۈپ، باھا ئۆرلىگەندە تۆكمە قىلىپ سىتىش ئارقىلىق بىرمۇنچە پايدا ئالىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئالتۇن يەنە چۈشىدۇ، بۇلار شۇخىل سودا شەكلى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز بايلىق توپلىيالايدۇ، باشقا چوڭ-كىچىك سودىگەرلەر يەرشارىلاشقان سەرمايە تەرەپدارلىرىنىڭ قولىدىكى پىچكا سۈپىتىدە، بىلىپ-بىلمەي ئۇلارنىڭ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى «سودا قورۇقچىلىقى»غا قارشى تۇرىمىز دەپ ئۇششاق-چۈششەك دۆلەتلەر بىلەنلا قالىدۇ، يەرشارىلاشقان سەرمايىنىڭ باشلامچىلىرى بولغان روسچىللىد جەمەتىنىڭ چىكىدىن ئاشقان «سودا قورۇقچىلىقى» غا بولسا سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-23 02:17 PM