cartoon801 يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 01:00 PM
ئادەتتە چەت ئەللەردە ماشىنا ئادەمگە يول بېرىدۇ. سىز يو ...
راس دەيسىز ، يولدىن ئۆتىدىغان چاغدا ماشىنا كەپ قالسا شوپۇر يولۇچىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قولىنى ‹ ئۆتىۋېلىڭ › دېگەندەك قىلىپ ئىشارەت قىلىدۇ ، يولدىن ئۆتىدىغان ئادەممۇ رەخمەت دەپ قويۇپ ( ئاڭلىمىسىمۇ ) كۈلۈپ قويۇپ يولدىن ئۆتىدۇ .
بۇ ئىشلار ئەڭ ئاددىي ئىشلار ، كۈندە نەچچە رەت يولىقىمىز . ئاددىي بىر كۈلۈمسىرەش ، ئاددىي بىر ئېغىز ‹ كەچۈرۈڭ › ‹ رەخمەت › ... لەر كۆڭلىڭىزنى شۇنداق ئىللىق قىلىپ قويىدۇ.
قايسى بىر يىلى 3 يىلغىچە ۋەتەنگە قايتماي بىر قايتىپ ، يولدىن ئۆتكىچە پىيادە يولى دەپ خاتىرجەم مېڭىپ ئۆزۈمنى ماشىنىنىڭ تېگىدە كۆرگىلى تاس قالغانتىم ...
ئاپتوبۇستا بىر ئايال يېنىمدا تۇرۇپ قولىدىكى كىچىك سومكىسىنى يۈزۈمگە تەگكۈزۋەتكەنتى ، كۈلۈپ تۇرۇپ ‹ ھەدە سومكىڭىز يۈزۈمگە ئۇرۇلۇپ كەتتى › دەپ بولغىچە شۇنداق سەت بىرنى ئالايغانتى ، ‹ ئۇف ... گەپ قىمىسىمۇ قولىنى تارتسا ھەممىمىز خۇشال بولماسمىتۇق › دەپ ئويلاپ كەتكەنتىم ، سومكا يۈزۈمدە ، قاچان ماشىنا سىلكىنىپ قاتتىق سومكا يۈزۈمگە تېگەر دېگەن ئەنسىزچىلىك ...
بىر ئەر يولدا كېتىپ بېرىپ ماڭا سوقىلىپ كەتتى ، مەن بۇرۇلۇپلا ئادەت بويىچە كۈلۈپ قويۇپ كېتىۋەردىم ( چەتەلدە سوقۇلغۇچى ، سوقۇۋەتكۈچى ئىككىلا تەرەپ تەڭ كەچۈرۈم سورايدۇ ) ، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ئەرنى مەن ئاپتوبۇستا يەنە كۆردۈم ، ماڭا قاراپ ھىجىيىپ قاراپ تۇراتتى ، شۇنىڭ بىلەن ( بۇ يەردە كۈلۈپ قويسا باشقىچە ئويلايدۇ راس ...) دەپ ئېسىمگە ئېلىپ مەنزىلگە بارغۇچە بىر دوستۇمغا تېلفۇن قىلىپ ئولتۇردۇم ، بولمىسا ئۇ ئەر چوقۇم ماڭا گەپ قىلاتتى ...
بۇلارنى دەپ بىز ئۇلاردىن تۆۋەن دېمەكچى ئەمەس ، بىزدىمۇ شۇنداق ياخشى قائىدىلەر بار ، ئەمما بىز شۇ قائىدىلەرنى قىلمىغاچقا ، شۇ چەتئەللەكلەردىن < قالاق > كۆرىنىپ قالىمىز . < ئادەمنىڭ قىممىتى > دېگەن باشقا نەرسە ئەمەس ، نەق مۇشۇنداق ئىللىققىنا بىر كۈلۈمسىرەش ، بىر ئېغىز < رەخمەت > ، < كەچۈرۈڭ > .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-24 03:47 AM