abduhalk يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 07:40 PM
ساراڭغا ئوخشاش سەكرەپ ئۇسۇل ئويناپ، ھايۋانغا ئوخشاش ...
مېنىڭ مۇشۇنداق ئىنكاسلار بىلەن زادى خوشۇم يوق،سەنئەتنى تىللاش قاچان باشلاندى زادى قاچان بىر سەنئەت ،سەنئەتكار توغرلۇق تېما چىقسا قارا-قويۇق ھالدا سەنئەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ئىنكاس يېزىۋىرىدىكەنسىلەر؟مودىغا ئەگىشىپ كەتمەي،ئەھۋالنى چۈشىنىڭ ،بۇنداق ئىنكاسىڭىزنى بەك يازغۇڭىز كېلىپ كەتسە،باشقا تېمىدا يېزىڭ
بىلىپ قويۇڭ!،بۇ نامىدا سەنئەت پائالىيتى بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە پايتەخىتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز-ئارا يۈز كۆرۈشۈش دىدارلىشىش پائالىيىتى،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەن-تېخنىكا،ئېلىم-پەن ساھەسىدە سىز-بىزنى پەخىرلەندۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان ،ياكى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەر بار،ئۇلار مەن ئەمدى ئالىم دەپ پۈتۈن يىل تەجرىبىخانا ياكى مەكتەپتىن چىقماي يۈرسۈنمۇ؟ئۇلار ئۈچۈن خۇشاللىق دەم ئېلىش پۇرسىتى بولسا بولمامدىكەن؟ بۇنداق پائالىيەتمۇ بىر يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ
شۇڭا ئىنكاسنى يازدىم دەپ داڭقاڭ پۇتى نەرسىلەرنى يېزىۋەرمەي،باشقىلارغا ئىش ئۆگىتىمەن دەپ ئاۋارە بولماي،ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قېلىڭ،بۇ كىشىلەر سىز ئويلىغاننى ئويلىيالىغانلىقى، سىزدىنمۇ ياخشى ئويلىيالىغانلىقى ھەم ئەمەلىدە كۆرسىتەلىگىنى ئۈچۈن پايتەختگە تاللىنىپ كەلگەن ،ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك كىتاب كۆرۈڭ ئېلىم ئۆگىنىڭ بولسا ياقا يۇرتلاردا ئېلىم تەھسل قىلىڭ،شۇ ۋاقتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ چارچاپ قالىدىغىنىڭىزنى،يۇرتىڭىزنى سېغىنىپ قالىدىغىنىڭزنى ھېس قىلىپ قالىسىز .سەنئەتنىڭمۇ يۇرتداشلارنىڭ يىغىلىش باھانىسى ھەم ئۆز ھىسياتلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز!