مارشال يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 04:22 PM
بىر شىركەت قۇرغان يىگىت بىلەن ھەمسۆھبەت بوپ قالدىم بى ...
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن ، ئەتراپىمدا ئۆزۈم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ سەل ئىچىم ئاچچىق بولدى شۇ ،نۇرغۇن زىھنىي قۇۋۋەت،نۇرغۇن ۋاقىت نۇرغۇن ئېقتساد سەرىپ قىلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ ھۆكۈمەت ئورنىدىن باشقا چىقىش يولى يوقتەك ئۆزىنى بىھۇدە قىيناۋاتقان ،سىتۇدىنتلارغا قاراپ شۇنداق دەۋاتىمەن .ماڭا شاگرىت دەپ ئەكەپ بەرگەن بالا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىدا بەش يىل قانۇن كەسپىدەئوقۇغانكەن ،ئەمدىلىكتە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم دەپ مەندەك بىر قارا قورساققا شاگرىت بولدى ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپى بىلەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشى ئازراق مۇناسىۋەتلىك بولسىچۇ كاشكى.
مەن دەيمەن ھۆكۈمەت ئورنى بولمىسا نىمە بوپتۇ ؟شۇ بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئوقۇغان ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان كەسپى بىلەن ئۆز ئورنىنى تاپسا ،ئۆز قىممىتىنى ياراتسا بۇنىڭ نەرى يامان .........