arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 05:12 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كۆزنەك ئەپەندىم ! سىز مېنىڭ زۇۋان س ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم كۆزنەك ئەپەندىم ! سىز مېنىڭ زۇۋان سۈرىشىم ھاجەتسىز بوپتۇ . چۈشەنچىڭىزنى قوللايمەن . دەپسىز . سىز كىمنىڭكىنى قوللىماقچى بۇلىۋاتىسىز ؟ ئۇنداقتا سىزمۇ چۈشەنجىڭۇىزنى ئىنكاس قىپباقمامسىز قەنى ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام خان ئاچا ! زۇۋان سۈرىشىم ھاجەتسىز بوپتىكەن ئىدۇق ، شۇ كىشىنىڭ چۈشەنچىسىنى قوللاپ . ئەمما سىز مېنىڭ ئاغزىمنى تاتىلاپ يامان قىلدىڭىز . مەن مۇشۇ خوتۇن خەقلەر بىلەن مۇنازىر قىلىشنى قەتئىيلا خۇش كۆرمەس بولۇپ قالدىم . سىزنىمۇ خېلى گاڭگۇڭ ئايالمىكىن دېسەم ، بەزىدە ئەدەمنى چىشلەپ قويىدىكەنسىز . ھېلىقى تېمىڭىزنىڭ ئەخلەتخانىغا تىقىلىپ كېتىشىنىڭ بىر سەۋەبىي مەن بولۇپ قاپتىمەن . مېنىڭ شۇ تېمىدا پەلسەپەنى تولا سۆزلەپ كەتكىنىم باشقۇرغۇچىلارنى سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئۆچۈرىشىگە تۈرتكە بولغاندەك چۈشىنىپ قاپسىز . بەلكىم بۇ ئىشتا سىز قارىي باشقىچە گۇماندا بولۇپ قاپسىز دەيدىغانسىز . ئەمما سىزنىڭ ماڭا قىلغان ھېلىقى ئىنكاسىڭىزدىن شۇنداق چۈشەندىم . مېنىڭ چۈشەنچىم مەنچە تۇرىۋەرسۇن . سىز بىلەن بۇ توغرىسىدا توختالمايمەن . چۈنكى سىز خېلى مەغرۇر ئايال . مەن مەغرۇرلار بىلەن راستلا چىقىشالمايمەن ۋە پىكرىم بىردەك كەلمەيدۇ . بۇ توغرىسىدا سىزمۇ ئۆز چۈشەنچىڭىزدە قېلىڭ . چۈنكى مەن بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى سېتىشنىڭ ماھىيەتلىرى ئۈستىدىكى چۈشەنچىدە سىزنى قايىل قىلالماسلىقىم مۇمكىن .
رۇسۇللاھ بىزنى چاقىرغان يەرگە بېرىشنى ئېيتقان . ئۇ يەردە مەيلى قۇرئان ئوقۇيدىغان ئىش بارمۇ ياكى باشقا نەزىر لەر بارمۇ بارغاندىن كىيىن بىلىمىز . ئاللاھ بىزنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا بۇيرىغانلىقتىن ، شۇ خىل سۇرۇنغا داخىل بولۇشنى ئاللاھ بىزگە شۇنى ئىرادە قىلدى دەپ چۈشىنىمىز . كىيىن سۇرۇندىن قايتقاندا بەزى كىشىلەر شۇ سۇرۇندىكىلەرنىڭ ئالدىغا 50 سوم 100 سوم سېلىنغان كانۋېرت ۋە ياكى بىر پارچە جەينامازلارنى قويۇپ تۇرىۋالىدۇ . بۇ خىل پۇلنى ئالساقمۇ بولىدۇ ۋە ئالمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ . مانداق دېسەم كۆزنەك قارىي بۇ پۇلغا بەكلا ئامراق ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار ، مەن تېخى بۇ خىل پۇلنى گەرچا ئەل - ئاغىينىلەرنىڭ ئىشىدىمۇ ۋە ياكى تۇنىمايدىغان كىشىلەر تەرەپتىنمۇ ھېچ يەپ باقمىدىم . ئەمما مەن ھەر ئىشتا ئادىل تۇرىشىم ، سىزگە ئوخشاش ھىسىياتقا بېرىلمەسلىكىم كېرەك . بىر ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىمەن دېگەن كىشى چوقۇمكى ھىسىياتتىن نېرى تۇرمىقى لازىمدۇر .
سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل قويغان ۋە ئالغانلىقىنى كۆرىسىلەر . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىنى بىر تاياقتا قاغايسىلەر ۋە توختىماي قاۋايسىلەر . ئەمما بىزلەرنىڭ پەرۋايىمىزغا كەلمەيدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى سېتىش دېگەن ، ئاشكارا سودىلىشىشنى ۋە شۇ ئوقۇغان كىشىنىڭ سېتىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى بىلەن بولىدۇ . باشقىلارنىڭ سېتىۋالدىم دەپ چۈشەنچىسى بىلەن بولمايدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئايىتىدە ساتماڭلار دېدى . ھېچ سېتىۋېلىڭلار دىگىنى يوق . كىشىلەرنىڭ مەيلى خۇددى سېتىۋالغاندەك ھىسىيەتقە كېلىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ . بۇ يەردىكى سېتىۋېلىش بولسا شۇ كىشىلەرنىڭ شۇ قويۇلغان پۇل شۇلارنىڭ ۋاقتىغا قويۇلغان پۇلدۇر . بۇ ۋاقىتقا قارىتا قويۇلغان پۇلنى ئالسا - ئالمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . ئالسا ئۇنى ساتتى دېيىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار .
ئەمەلىيەتتە بىزلەرنىڭ شۇ سۇرۇندا ئوقۇغان بىرەر ئايەتنىڭ ساۋابىنى سېتىۋېلىش ئەمەس ھەتتە بىزلەرنىڭ شۇ سۇرۇنغا قارىتا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىمىزنىڭ بىرىگە 100 سومدىن قويسىمۇ ، شۇ قەدىمىمىزدىكى ساۋابقا تەڭ بولالمايدۇ . بىز بۇلارنى ھېچ ساتقىنىمىز ھەم يوق . پەقەت كۆپىنچە كىشىلەر ۋاقىت تونىلىغىلا قاراپ ئېلىپ سالىدۇ . بۇ ئايەتلەرنى ساتقانلىق ئەمەس ۋاقىتنى تىگىشكەنلىك بولىدۇ خالاس !
ئەمما مەن مانچىلىك ئوقۇيمەن ، مۇنچىلىك پۇل بېرىسەن دەپ ياكى مۇنتىزىم بىر باھا قىلىۋېلىپ شۇنىڭغا چىقىشسا ئوقۇيدىغان بولمىسا رەنجىيدىغان كىشىلەر دىندىكىلەردىن ئەمەس . ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ساتتى دېمەيمىز ، دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋېلىپ دىننى ئۇيۇن قىلىۋالدى . دىن ئارقىلىق جان باقماقنى تىلىۋالدى دەيمىز . بۇنىڭدەك كىشىلەر ھەم جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن .
يەنە بىرى قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان رەسىملەرنى ، كىتابلارنى ساتقاننى ئايەت ساتتى دېمەيمىز . بەلكى ۋاقىت ئاجىراتقان ئەجىرىنى تاپتى دەيمىز . بۇ خۇددى قۇرئان ئوقۇغان مۆئمىنلەرنىڭ ۋاقتىغا بېرىلگەندەك ئەجىردۇر خالاس . ئوقۇتقۇچى پۇل ئالسا ئۇنىمۇ ساتتى دېمەيمىز ، پەقەت ۋاقىتتىكى ئەجىرىنى ئالدى دەيمىز .
ئىمام - مەزىنلەر ھۆكۈمەتتىن پۇل ئېلىپ قالسا ، ساتتى دېمەيمىز ، بەلكى شۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ غورورىنى ، ئەركىنلىكىنى ساتتى دەيمىز . بۇ يەردىكى بىز مىللەتتىكى ئۆز موللا - قارىيلىرىنى باقماي تاشلىۋېتىپ ، ئاللاھدىنلا تەلەپ قىلمامدۇ - دەپ ئۆزلىرى پىنسىيە مائاشى ، خىزمەت مائاشى ، باللىرىنىڭ مائاشىغا قارىتا يولىدا جان بېقىۋېلىپ ، باشقا ھېچ تاپاۋىتى يوق قارىيلارنىڭ ، موللىلارنىڭ مۇشۇ خىل ۋاقتىغا قارىتا ھېچ ياردەم قىلماي ‹‹ ئانداق قىلىپ كەتتىيەي ، مانداق قىلىپ كەتتىيەي ›› دەپ داۋراڭ سالىدىغانلارنىڭ ئاۋازى ھەردەم چوڭ چىقىۋاتىدۇ . توختا ، قارىيلىقنى ساقلاپ قالماق ئانچە ئاسان ئەمەس . بىز بۇلارنى دۇنيالىقىنى بىر تەرەپ قىلايلى . بۇلارنى دۇنيالىقنى زىننىتىدىن قالدۇرايلى . ئاندىن بۇلار بىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كالامىنى قىرائەت ، تىلاۋەت قىلىش بىلەن خىزمەت قىلسۇن دېيىش يوق ، موچەن بەرمەي مەجبۇرى غورورىنى سۇندۇرۇشقا قويۇپ ھۆكۈمەتنىڭ ئايدا 2 - 3 يۈز سوم مائاشىنى ئېلىشقا قىستاپ قويۇپ ‹‹ بۇنداق ئادەمنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇسا قۇبۇل بولمايدۇيەي ، بۇلار دىنىنى ساتقانلار يەي ›› دېيىشىپ غەۋغا قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەبگالار !
ئاللاھ ھەر كىشىگە ھېمكەت بىلەن رىزىق بەرگۈچىدۇر . كۆپىنچە جېدەلخورلار ئىلگىرىدىن يامان ئىشنى ، غورورى بىلەن ئويلاشمىغان ھاللاردا تاپاۋەتنى تېپىپ بولۇپ ، بالىلىرىنى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشتۇرىۋېلىپ ئۇلارغا قاراشلىق بولىۋىش بىلەن موللا - بۈۋى بولىۋېلىپ ، جەمىيەتتە بۇرۇندىن ئاجىز ۋە ھاياتىنى قۇرئان يادلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن ياخشى مۆئمىنلەرنىڭ ئارقىدىن ھەر نېمە دىيىشىپ ، ياكى بولدى سەن ئۇنداق قىلما ، بىز نەچچىمىز سېنىڭ ھۆددەڭدىن چىقايلى دىيىشەلمەي شۇ خىل ئۆزلىرى يامان كۆرىدىغان قىسمەتلەرگە قىستاپ قويۇپ غاجاشقا چۈشكەن .
ھېلىما ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋقەسى كۈچلۈك ئىكەن . بولمىسا شۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پاساتقا قالاتتىكەن .
مەنمۇ كىيىنكى ھاياتىمدا سىلەرگە قاراشلىق بولمايمەن . ئاللاھ ماڭا يىتەرلىك نېمەت ئاتا قىلسا يەنە داۋاملىق ئىلىم تەلەپ قىلشتا ۋە ئىلىم تەشۋىق قىلىشتا بولىمەن . بولمىسا مەنمۇ جان باقمىسام بولمايدۇ . ھاياتىمنىڭ كىيىنلىكتىكى قىسمەن تەرەپلەرنى پۇل تېپىشقا قويمىسام بولمايدۇ . بولمىسا يەنىلا سىلەردەك كىشىلەر ئارقامدىن غاجاپ ‹‹ دۇنيالىقنى تەرك ئەتتىيەي ، سوپىي بولىۋالدىيەي ›› دېيىشىپ يەنىلا غاجاشقا ئۆتىدۇ . ئەگەر مەن ئاللاھقا ۋەدە بەرمىگەن بولسام بۇنچە دىشۋارچىلىقلارغا قالماس بولغىيتىم . ئەمما مېنىڭمۇ ۋەزىپەممۇ تۈگەيدۇ . مېنىڭ دىنىي ۋە ئىسلامدىن ئالغانلىرىم ئۆزەمگە يىتەرلىك بولدى . قالغىنى ئەمدى سىلەرنىڭ ئاللاھدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىشىڭلارغا باغلىق بولدى .
سىلەرنى غاجاپ قويدۇممۇ ھە ؟ غاجىشىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي . بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگىلا ئېلىۋالماڭ خان ئاچا . بۇرۇنمۇ بەزى تەرەپلىك مۇشۇ خۇسۇستا ئىنكاس بەرگەن ئىدىم . ئەمما سىز يەنىلا تۇنىشىڭىزدا تۇرىۋالدىڭىز . سىز يەنىلا مۇشۇ تۇنىشىڭيىزدا تۇرىلىۋەرسىڭىز كىيىنچە يەنە كۈچلۈكراقى ، قاتتىقراقى چىقىدۇ شۇ .