دىن بولسا ، ئاللاھ پۈتۈن ئالەمگە ھۆكۈمران بولغان ۋاقىتتا پۈتۈن جاھانغا ‹‹ مەندىن باشقا يەنە بىر ئىلاھ بارمۇ ؟ ›› دەپ ئۆزىنىڭ ئاللاھلىق ئورنىنى ئالغان ۋاقىتتىن تارتىپ پەيدا بولغان ، ئاللاھ ئۆزى ياراتقان بەندىلىرى ، قۇللىرى ئارىسىدا ئۆزى بىلەن مەلۇم ئالاقىسىنى ئورنىتىشتىكى ۋاستە بولۇپ ، ئاللاھ مەلۇم بەندىلىرىنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئىبادەت قىلىشقا مەلۇم قىممەتتە ( پەرىشتە ، ئىنسان ، جىن .............. ) يارىتىپ ، كىملەركى ئۆزلىرىنى ئۆز ياراتقۇچىسىغا تولۇق رەۋىشتە يۈزلىنىشنى تىلەيدىكەن ، ئاللاھ شۇ بەندىنى توغرا يولغا يىتەكلەشتە ۋەستە قىلىدىغان قورال بولۇپ ، دىن ئاللاھ تەرەپتىن بەندىلىرىگە قارىتا ئەزەلدىنلا پۈتۈلۈپ كەتكەن قورغانى ئۇدۇمدۇر ! كىملەركى بۇ قورغانى قىممەتنىڭ ئەسلىسىگە يەتمەكنى تىلەيدىكەن ، مادامىكى ، ئۇ شۇ يولىدىن تېزىپلا كەتمىسە ، چوقۇم يەتكۈسىدۇر ! ئەمما ، بىزگە بېرىلگەن بۇ زامان مۇھەممەد ( س ، ئە ، ۋ ) پەيغەمبەر كېلىشتىن ئىلگىركى زامانلارغا ، ئۇلار تەكلىپ قىلىنغان ھاياتلىقلارغا نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئوخشىمايدۇ . ئەمما بىزدىن كۈتكىنى شۇلارغا ئوخشاشلا دىنىي جەھەتتىكى قىممەتنى ساقلاش ۋە چوقۇم قوغداش بولدى . چۈنكى ئىلگىرى پەيغەمبەرلەر ئاشكارا ۋە نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن كېلەتتى . ئەمما ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى يۇشۇرۇن ھالەتتە خۇددى باشقا كۆپلىگەن موللىلارغا ئوخشاش ھالەتلەردە ھەم كەلگۈسى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يالغانلىرىنى توغرا تۇنۇش ۋە ھەر ۋاقىت توغرا دىندا بولۇشنى ۋە كۈندىن كۈنگە تەرەققىيات ئىچىدە ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بۇ ۋاقىتلاردا چوقۇم دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئاللاھ بىزگە ، يەنى ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىسلامنى بەلگىلىدى . ئىسلام پەقەت ھەر جەھەتتىن گۇمانى كۆز قاراشلارغا ئەمەس بەلكى ھەق دەلىلگە ئاساسلىنىشقا بۇيرىدى ۋە ھەر بىر شەيئىلەردىكى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى . بارلىق شەيئىلەردىكى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورغان - ئىسلام دەپ ئاتالدى ! &\iMIJ-
ئىسلامدىن دىن بەرپا بولىدۇ ۋە ئىسلامغا كىرىپ قالغان كىشىلەرنى بىر ساماۋىي كۈچ دىنغا باغلايدۇ . دىن ئىسلامنى كۈچەيتىدۇ ! دىن قانچىكى پاك ۋە سۈزۈك بولسا ئىسلام شۇنچە كۈچلىنىدۇ ، ئىسلام بەندىنىڭ قەلبىدە - كۆكسىدە قانچىكى كەڭلىكنى تاپسا ، ئۇنىڭ دىنى شۇنچە يارقىنلىشىدۇ ، دىنىي چۈشەنچىسى ئاشىدۇ ! شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلى قورغان - ئىسلام دەپ ئاتالغان . قۇرئان يالغان سۆزلىمەيدۇ ، مەگەر شۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىپ قۇرئاننىڭ ئىلاھىي نۇرىغا يىتەلىسە ، ئۇ قۇرئان بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئەسلى مەۋقەسىنى ، ھېكمىتىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ - ئۇنى ئەسلى بويىچە مەنالارنى بىر - بىرلىرىگە توغرا رەۋىشتە قوراشتۇرالايدۇ .
داۋامىغا قىزىقسىڭىز مەرھەمەت قىلىڭ !
http://bbs.qolpanlar.cn/read.php?tid=7992