مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kulak

ئالتۇن كۈمۈش بازىرى يىنىك تەۋرەندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9244
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 04:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55775
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 757
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1515 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 08:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ئالتۇننىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىغا ئېھتىياتەن پوزىتسىيىدە بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئالتۇننىڭ قىسقا مەزگىللىك ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىنى پەرەز قىلىش ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.قولىدا نەچچە يۈز مىليۇن دوللارلىق مەبلىغى بار چوڭ سودىگەرلەرنىڭمۇ پەرەز قىلالىشى ناتايىن. ئالتۇن باھاسىغا ئادەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ياكى مەلۇم رەھبەرنىڭ بىرەر ئېغىز گېپى تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.ئادەتتە ئامېرىكىلىق ماگناتلار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادكۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا  ئىقتىسادكۆرسەتكۈچىنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىپ بولغان بولىدۇ. بىز پەقەت ئالتۇننىڭ باھاسىدا ئۆسۈش-چۈشۈش يۈز بەرگەندە ،ئاندىن سەۋەبىنى بىلەلەيمىز. شۇڭا ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللانغاندا تەۋەەككۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ،خۇددى قىمار ئوينىغانغا ئوخشاش. ئەمما ئانچە-مۇنچە پەرەز قىلىشمۇ يامان ئىش ئەمەس،خۇددى «پالغا ئىشەنمە،پالسىزمۇ يۈرمە دىگەندەك». ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا ئالتۇن ھامان ئۆسۈش يۆلىنىشىدە،مۇئەييەن پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 09:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
almas8888 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 08:36 PM
تورداشلارنىڭ ئالتۇننىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىغا ئېھتىيا ...


دىگىنىڭىزنىڭ بەزى يەرلىرى ئورۇنلۇق بولسىمۇ ، بەزى يەرلىرى يۇزەكى ئىپادىلىنىپ قاپتۇ .
  ، بىز تەھلىل قىلغاننىڭ توغرا چىقىش نىسبىتى 1:1 بولىدۇ .بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ھەتتا تۆۋەن بولىشى مۇمكىن .بىراق خەنزۇچە توربىكەتلەرنىڭ ئالتۇن كۈمۈش تەھلىللرىنى كۆرىدىغان بولسىڭىز ، كۇندە 50-60 پارچىدىن كەم چىقمايدۇ .گەرچە ئۇلارنىڭ دىگىنىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىپ كەتمىسىمۇ ،ئەمما  پايدىلىنىش قىممىتى خىلى يۇقرى ھىساپلىنىدۇ .چۇنكى ئۇلار دۇنيانىڭ قايسى يىرىدە قانداق ئىش يۇزبىرىۋاتىدۇ ، ياۋرۇپا ئىقتىسادى قايسى يۆلىنىشتە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ پىرۋۇت نىسبىتىنىڭ چىكىنىشى نەدىن نەگىچە ؟  سىياسى ئامىللاردىن : سۇرىيە مەسىلىسىدە يۇزلىنىش قانداقراق ؟  ئىران ئىمبارگوسىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى ؟

  ...............دىگەندەك سان ساناقسىز ئىشلار ئۇستىدە تەھلىل ئىلىپ بارىدۇ .چۇنكى يۇقارقى ئامىللار ئالتۇن كۈمۈش بازىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
   ئامرىكىنىڭ ھەرساھەدىن كۇندە ئىلان قىلىنىپ تۇرىدىغان سانلىق قىممەت نەتىجىلىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مۇتەخەسىسلەر ئالدىن مۆلچەر قىلىدۇ .ئۇلار ئىلگىركى ئامرىكىنىڭ ئىقدىسادى ھەربىي سىياسى نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئالدىن مۆلچەر ئىلىپ بارىدۇ ۋە مۆلچەرنىڭ ئىشەنچىلىك قىممىتىنى باھالايدۇ .
  تەھلىلنىڭ قىممىتىگە سەل قارىماڭ :
سىزگە ئەڭ ئاددى مىسالدىن بىرنى ئىيتىپ بىرەي :
29-فىۋرال كەچتە مەن ئۆيۇمگە كىلىپ قارىسام ، ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئىشىۋىتىپتۇ .بۇ ماڭا غەلىتىلا بىلىنىپ، خەنزۇچە تەھلىل توربىكەتلىرىن ماترىيال كۆردۇم .راست دىگەندەك سىنا تورىنىڭ تەھلىللىدە ،بىر قىتىملىق چۇشۇش ھادىسىنى ئالدىن مۆلچەر قىلغانىكەن . چۇنكى شۇ كۇنى كەچتە ئىلان قىلغان ئامرىكا سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن ياخشى چىقىشى مۇمكىن ئىكەن بۇ ھال دوللارغا ئۆسۇش يۆلىنىشىنى شەكىللەندۇرۇپ، ئالتۇن كۈمۈشكە چۇشۇش بىسىمى ئىلىپ كىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ توغۇرلۇق تىما يوللاشقا ئۇلگۇرەلمىدىم ، پەقەتلا بەزى تونۇشلۇرۇمغا مال ئالماسلىق قولىدا بولسا ، چىقىرىۋىرىش توغۇرلۇق مەسلىھەت بەردىم . راست دىگەندەك، بىر سائەتكە قالمايلا قانداق ئۆرلىگەن بولسا ، شۇنداق تىز چۇشۇپ كەتتى .دىمەك شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر خەتەردىن ئامان قالدى دىگەن گەپ .
   ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى مەلۇم دەرىجىدە  تارتىش كۇچىگە ئىگە.
مەسىلەن : شىددەت بىلەن چۇشىۋاتقان مەزگىلدە ، ئەسلى چۇشۇش يۆلىنىشىگە يەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما بىسىمنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە تارتىش كۇچى سەۋەبى بىلەن كونتىرۇللىقىنى يۇقىتىپ تىخمۇ بەكرەك تۆۋەنگە شۇڭغۇشقا سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ .يەنە شۇنداق چۇشىۋاتقان مەزگىلدىن كىيىن ئۆرلەشكە تىرەك بولىدىغان خەلىقئارا ئامىل بولمىسا ، ئاۋۋالقى چۇشۇش بىسىمى سەۋەبى بىلەن تارتىش كۇچى شەكىللىنىپ، بەلگىلىك نىسبەتتە چۇشۇشنى شەكىللەندۇرىدۇ .(ئۆسۈشىمۇ ھەم شۇنداق )
  سىز بۇ سودا تۇرىنى «قىمار»غا ئوخشىتىپسىز . بۇنداق ئوخشىتىش بەقەتلا بۇ سودىنى يۇزەكىلا چۇشەنگەن كىشىلەرنىڭ مەنتىقىسى .قىماردا ھىچكىم ئالدىن مۆلچەر قىلىش ئىقتىدارى يوق .ھىچقانداق بىر تاشقى ئامىل سەۋەبچى بولالمايدۇ .
  بىراق بۇ سودىدا تاشقى ئامىل ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل ھىساپلىنىدۇ .
  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سودىغا كىرىشكەن ۋاقىتتىلا سىزگە ئوخشاش ھىسسىياتقا كىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ھىسسىياتقا كىلىشتىكى مەنبەسى دەل: بۇ سودىنىڭ خارەكتىرىنى خۇسۇسىيىتىنى توغرا ئىگەللىيەلمىگەنلىكتىن بولغان .بۇ سودا كىشىنىڭ ئالدىن مۆلچەر قىلىش تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا تايانغاندىن باشقا ، كۆپرەك خەلىقئارا ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىش ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىللىرىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

  سىز دىگەندەك ئىھتىيات قىلىش كىرەك ، ئەمما تەييارلىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، مىڭ ئىھتىيات قلسىڭىزمۇ ، يەنىلا زىيانغا دەسسەيسىز ، تەييارلىقىڭىز پۇختا ، مۆلچەرىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرىلىسا ، تەۋەككۇل دىگەننى قورقماي قىلىدىغان بولىسىز .ھەممە ئىش ئۆزىڭىزگە باغلىق .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-27 09:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32412
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1203
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2011-3-2
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 09:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 787 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 04:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش