مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazpari

خانىم، مەن سىزنى ئالىمەن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76746
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-2-29
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 06:41:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايڭىزنىڭ ئاخىرغا تەشنامەن......تىزراق يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتكىەن

سەن مەنپەت ئۈچۈن ياشساڭ ،مەن ئادىمىيلك ،ئىنسانيى پەزلەت ئۈچۈن ياشايمەن

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:13:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(2)

يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىدىن چۈشۈپ كىلىۋاتقان قادىرنى كۆرگەن فاتىمە قولىنى كۆتۈرۈپ ئىككى-ئۈچ قەدەم ماڭدىيۇ، دەرھال قولىنى چۈشۈرىۋالدى. نىمىشقىدۇر بادام دوپپا كىيىۋالغان ئىگىز بويلۇق قادىرنى كۆرگەن (ئىلگىرى رەسىمىدىنمۇ كۆرگەن بولغاچقا بىر قاراپلا تونۇۋالغانىدى) فاتىمەنى يۈرىكى ‹‹ ئۇنى تونىماسقا سىلىۋال، ئۆتۈپ كەت ›› دەپ بۇيرۇق بىرىۋاتاتتى. فاتىمە ئاخىرى يۈرىكىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش كۆرۈپ قادىرنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كەتتى ھەمدە شۇ ماڭغانچە ھىچنىمىگە قارىماستىن ئۆيىگە قايتىپ كىلىپلا ياتاق ئۆيىنىڭ ئىچىدىن ئىلغۇرنى ئىلىپ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى ھەمدە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ‹‹ توۋا مەن نىمە ئىش قىلىپ قويدۇم؟ كىچىككىنە بىر بالىكەنغۇ؟ مەن توي قىلىپ بولغان ئايال ئۇ بالىنىڭ ياش ئۆمرىنى نابۇت قىلىۋەتسەم قانداق بولىدۇ؟ نىمىشقىمۇ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە خۇش خەۋەر بىرىۋەتكەندىمەن؟ مەن نىمانداق ئالدىراقسان؟ ......................›› فاتىمەنىڭ كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان ياستۇقنى ھۆللىۋەتكەنىدى. ئازاپلىق سۇئاللار كىچىككىنە يۈرىكىنى ئارامسىزلاندۇرغان فاتىمە بىر ۋاقىتلاردا ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى. كۆزلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتكەنىدى. ھالسىرىغان قەدەملىرىنى يۆتكەپ مۇنچىغا كىرىپ يۈزلىرىنى يۇيۇپ چىققان فاتىمە ياستۇققا يۆلىنىپ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى....
   فاتىمە 19 ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى بىلەن ھەدىسى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى. دادىسىنىڭ ئوتىنى باسالماي تۇرغان كىچىك فاتىمە ئۈچۈن بۇ ئىش ئىنتايىن ئىغىر كەلگەنىدى. مىيىتنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن ئارانلا ھوشىغا كەلگەن فاتىمە مىيىتلارنىڭ ئىلىپ كىتىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ يەنە ھوشىدىن كەتتى....
   يىزنىسى تۇرغۇن ئاكا فاتىمەگە ئىككى ئاي ياخشى قارىغان بولسىمۇ، فاتىمەنىڭ كىچىك قىز ئۆزىنىڭ بولسا بويتاق بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر ئۆيدە تۇرسا تازا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ فاتىمەنى فاتىمەلەرنىڭ قوشنىسى موللا ئىمامغا تاپشۇردى. فاتىمە موللا ئىمامدا دىنىي ساۋاقلارنى ئىگەللەشتىن سىرت تارىخىي رومان، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تەزكىرىسى .........قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقتى. فاتىمە 21 ياشقا كىرگەندە ئاق موللام شۇ يەردىكى ياخشى بىر باينىڭ ئوغلىغا تويىنى قىلىپ قويدى. تويدىن كىيىنكى ئىككى يىللىق تۇرمۇشى شۇ قەدەر كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بولسىمۇ يولدىشى مۇختەرنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن يولدىن چىقىپ كىتىشى كۆڭلىدە بىر تۈگۈچنى تۈگۈپ قويدى. مۇختەر ئىچىدىغان، چىكىدىغان بولىۋالغانىدى. فاتىمەنىڭ يالۋۇرۇشلىرى، يىغلاشلىرى كار قىلمايۋاتقان مۇختەر ھەتتا كىچىسى ئۆيگىمۇ كىرمەي قىمار ئوينايدىغان بولىۋالدى. شۇ مەزگىللەردە فاتىمەنىڭ قورسىقىدىكى بەش ئايلىق بولغان بوۋىقى يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ، ھاراقكەش قىمارۋاز دادىسىنى كۆرگىسى كەلمىگەندەك فاتىمەنى ئىغىر ئاغرىق ئازابىغا تاشلاپ چۈشۈپ كەتتى. يىقىندىن بىرىقى كەلگۈلۈكلەرنى ئۆزىنىڭ ئىمانىنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىدىن كۆرگەن ئاجىز فاتىمە كىچە ئۇخلىماي جاينامازدا ئولتۇرۇپ اللەدىن ئېرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيتتى. قىيىنئانىسى ياش تۆكسە ھەمدەم بولاتتى. قىينانىسىمۇ تۈگەپ چوڭ ھويلىدا يالغۇز قالغان فاتىمەگە ئىچى ئاغرىغان تۇرغۇن ئاكا 12 ياشلىق ئوغلى مۇراتنى فاتىمەگە ھەمرا قىپ قويدى. بىر كۈنى كەچتە فاتىمە مۇراتنىڭ خەنزۇتىلى تاپشۇرۇقىغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. مۇختەر ئۆيگە ئۇچقاندەك كىرىپلا فاتىمەنى ئۇرۇپ كەتتى ھەمدە : - سەن بۇزۇق مۇشۇ بالىنى ئاشنا تۇتىۋالدىڭما؟ مەن يوق چاغدا نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ كىم بىلىدۇ؟ تالاق .... بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ تالاق ، مىڭ تالاق، يوقال پاسكىنا بۇزۇق ئۆيۈمنى پاسكىنا قىلما.........›› مۇختەرنىڭ كىيىنكى گەپلىرى قۇلىقىغا كىرمىگەن فاتىمە بىر ۋاقىتلاردا ئورنىدىن تۇردى، يىغلىمىدى قاقشىمىدى پەقەت ئۆزىگە تەئەللۇق كىچىككىنە بوپىسىنى قولتۇقلاپ مۇراتنى يىتىلەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. موللا ئىمام يەنىلا فاتىمەگە ئاتىلىق مىھرىنى يەتكۈزدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە مۇختەرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ شۇ يەردە قىمارۋازلاردىن قاتتىق تاياق يەپ ئۆلۈپ قالغانلىق خەۋىرى تارقالدى. فاتىمە قولۇم قوشنىلارنىڭ ياردىمى بىلەن توي خىتىنى ئايرىۋالدى. ھەمدە يولدىشىدىن قالغان مىراس بىلەن بۇ كىچىككىنە دۇكىنىنى ئىچىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقىنىغىمۇ 5 يىل بولۇپ قالغانىدى.................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
eerpan + 100 بۇ تەسۋىر بەك جانلىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:18:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(3)

   قادىر بىكەت ساقلاش سۇپىسىدا ئۈچ سائەت ساقلىغان بولسىمۇ فاتىمەدىن خەۋەر يوق ئىدى. ئۇ جىددىيلىشىشكە، تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدى. ‹ ماڭا يالغان سۆزلەپ قويغان بولسا، كىلىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىمۇ يە ؟ نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم فاتىمە ھەرگىز ئۇنداق ئىش قىلمايدۇ، چوقۇم قىلمايدۇ. يەنە بىردەم ساقلاي › بىر ۋاقىتتا قادىر خىيالدىن ئويغىنىپ تىلىفۇنىنىڭ سائىتىگە قاراش ئۈچۈن يانچۇقىغا قولىنى سالدىيۇ چۈچۈپ كەتتى. تىلىفۇنى يوق ئىدى. دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ پورتمالىغا قارىدى ئۇمۇ يوق ئىدى. ئاھ خۇدا ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ بىر تىيىننىڭ ئۇۋىقىنى تاپالمىغان قادىرنى قاتتىق غىرىپلىق باستى. ئەمما فاتىمەنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كەلگىنگە پۇشايمان قىلمىدى. قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچلىق ئازابى ئۇنى قىيناشقا باشلىغانىدى. قادىر بىر بۇلۇڭغا بىرىپ ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئىلىۋالغان كىچىك سەپەر سومكىسىنى ئاچتى. ۋاھ مايلىق توقاچ.... ئانىسى نىمانداق ئەقىللىق ھە ! قادىر بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ بىر توقاچنى بىر يۇتۇممۇ سۇ ئىچمەستىن يەپ تۈگەتتى. ئەمدىكى گەپ ئۇنىڭ بۇ كىچىنى قانداق ئۆتكۈزىشىدە ئىدى. ئەتىگىچە ئۆلۈپ قالمىسام اللە بىر نەرسە دەر؟ غىمىمنى قىلىۋاتقاندۇ ؟ قادىر سىرتقا چىقتى. مارت ئايلىرىنىڭ ئاخىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ كەچ تەرەپتە غولنى قورىغۇدەك سوغۇق ھىلىھەم بولىۋاتاتتى. كەچ كىردى كوچا چىراقلىرى يورۇشقا باشلىدى. بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرغان قادىرنى ھارغىنلىق چىرمىۋالغان، ھەمدە خىياللىرى چىگىشلىشىپ كەتكەنىدى. ‹‹ ئۇ نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ نىمىشقا كەلمەي قويىدۇ؟ ئۆيىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالدىمۇ يە ؟ قوشنىسى موللا ئىمام ......... نىمانداق خىياللارنى قىلىپ كەتكەندىمەن ؟ ئۇ چوقۇم مىنى ئىزدەپ كىلىدۇ ›› ھارغىنلىق باسقان قادىر ئۇخلاپ قالدى. ئەمما بىر چاغدا قاتتىق سىلكىشتىن چۆچۈپ ئويغاندى. ئالدىدا 8 نەپەر خەلق ساقچىسى كالتەك تۇتۇپ تۇراتتى...........
    ئاھالە كومىتىتىنىڭ يەرلىك سولاقخانىسىدا يىرىم ئاچ يىرىم يوق ياتقىنىغا ئىككى كۈن بولغان قادىرنى بۈگۈن سوراققا ئىچىقتى.
   -نەدىن كەلدىڭ؟ نىمە ئىش بار ساڭا بۇ يەردە ؟
   - ...ناھىيسىدىن كەلدىم. توي ئىشىم توغىرلىق قىز بىلەن پاراڭلاشقىلى كەلگەن.
   - ھاھاھاھا.......(سوراق قىلىۋاتقان يوغان باش بىلەن ئەتراپىدىكى كالتەكلىك خەلق ساقچىلىرى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ) مۇشۇ ھالىڭغىما ؟ يىنىڭدا بىر پۇڭچەن پۇلۇڭ يوق، مۇشۇ ھالىڭغا بىزنىڭ يۇرتتىن قىز ئالماقچىمۇ سەن؟ قارىغاندا سەنمۇ توردا تونۇشقان قىز ئۈچۈن كەلگەندەك قىلىسەن. قانداقراق ھاياسىزدۇ ئۇ سەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يۇرتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ ؟
  _ نىمە دەۋاتىسەن؟ كىمنى ھاياسىز دەۋاتىسەن؟ ئەبلەخ.....
  _ قانداق نىمە ماۋۇ ؟ يىنىڭدا كىملىكىڭ بولمىغىنىغا ئۇدۇل ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بەرسەم بولاتتى، كىچىك سويمىكەن دەپ رەھىم قىلسام تىللاۋاتقىنىنى كۆرەيمۇ . ئىچىقىپ سولاپ قويۇڭلار
   _ ياق ، مەن فاتىمە بىلەن توي ھەققىدە پاراڭلىشىش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇ مىنى ئىزدەپ قالىدۇ. ئۇنداق قىلماڭلار.......قادىرنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى يىراق-يىراقلارغىچە ئاڭلىنىپ تۇردى.

   يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى، فاتىمەدىن خەۋەر يوق ئىدى. ئەمما قادىر كۆڭلىدە يەنىلا فاتىمەنى ئاقلاۋاتاتتى. ‹‹ ئۇ كىلىدۇ، ئۇ چوقۇم كىلىدۇ. كىلىپ مىنى بۇ گۆرى زىنداندىن ئىپچىقىپ كىتىدۇ ›› كەچقۇرۇن تاماق ئەكىرىدىغان قادىر بىلەن تەڭتۈش بالا ئۇنىڭدىن سورىدى : -
  - ئاداش قارىسام بۇ يەردە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭ، ئەسلى ئائىلەڭگە تىلىفۇن قىلىدىغان ۋەزىپىمىز بار ئىدى. باشلىقنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇڭ، فاتىمە دەپ بىر قىزنىڭ گىپىنى قىلىۋاتاتتىڭ كىم ئىدى ئۇ؟ بىلسەم سىنىڭ خەۋىرىڭنى يەتكۈزۈپ قوياي .
   _ ... يەردە دۇكىنىم بار دىگەن. تىلىفۇن نۇمۇرىنى تىلىفۇنۇمغا كىرگۈزىۋالغانتىم. ئوغرى ئالدى كىملىك پۇل كارتىلىرىم بىلەن. ئاداش مۇمكىن بولسا شۇ يەردىكى دۇكاننى ئىزلەپ باقساڭ .........
بالىنىڭ كۆزلىرى چوڭ ئىچىلىپ قادىرغا تىكىلىپ قاراپلا قالغانىدى.
   - ئاداش، فاتىمە ھەدەم قوشنام تۇرغۇن ئاكىنىڭ ئايالىنىڭ سىڭلىسى بولىدۇ. ئەمما ئۇ ئۇ.........
   - نىمە دىمەكچى سەن ؟
   -ئۇ دىگەن قىز ئەمەس بەلكى....ئۇنىڭ ئۈستىگە يىشىمۇ سەندىن خىلىلا چوڭغۇ؟ ئالدىنىپ قالمىغانسەن ھە !
   -بىلىمەن بىلىمەن ئەمما ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ قىز، مەڭگۈ پەرىشتە سۈپەت بىر قىز ئۇ .
   -بولىدۇ مەن خەۋەر قىلاي ئەمسە ، ئەمما ئاداش ساڭا دىسەم ئۇ فاتىمە ھەدەم سەن دىگەندەك بەك ئەخلاقلىق جۇمۇ.
   _ رەھمەت ساڭا.............

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77787
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3917
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:19:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى  بەلەن  ئىش بوپتۇ.

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم  ! تۇرداشلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77787
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3917
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھاييتى   بەلەن يېزلىپتۇ،

ئەسالامۇ ئەلەيكۇم  ! تۇرداشلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5576
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fatima يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 06:07 PM
ھېكايىدىكى باش پىرسۇناجنىڭ ئىسمى ئەجەپ مىنىڭ ئىسمىم ب ...

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، قانداقلا ئويلىسام خىيالىمغا سىزلا كېلىۋىلىۋاتىسىز دىسە.............

ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77632
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazpari يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 12:29 PM
پىكرىڭىزگە رەھمەت باسۇت ئەپەندى ئورنىغا بۇ جۈملىنى ق ...

ھل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77632
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك.ياخشى
يېزىلىپتىكەن

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rohilan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 01:51 PM
ھەي  بۇتېمېڭز  بەك  تەسېرېلېككەن   ئايېغېنې  تېزراق يۇلل ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ،قەشقەرنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بوش ئەمەسكەن مانا توردا تۇنۇشۇپ غۇلجىغا كىلىپ مىنى ئېلىۋالدىغۇ؟ بۇمۇ بولغىنى ،مۇشۇنداق بولغاندا يۇرتۋازلىق تۇگەيدۇ ئەمەسمۇ؟

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-27 07:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-3-27 03:55 PM
ئۇف ،ھە نىم بولسا ھېكايكەن ..بولمسا ئىنقلا ساراڭلىق دىم ...

ئۇنداق دىمەڭ ئۆل ،مەنمۇ بىر توي قىلغان ،تېخى نەچچە بالاممۇ بار ،لىكىن ھازىرقى يولدۇشۇم بىلەن مۇشۇ مىسرانىمدا تۇنۇشۇپ توي قىلدۇق ،ئۇمۇ مەندىن نەچچە ياش كىچىك توي قىلمىغان بىر بالا ئىدى ،ھازىر شۇنچىلىك بەخىتلىك ئۇتىۋاتىمىزغۇ مانا

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 20 راسما ؟بەختلىك بۇلۇڭل.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش