بۇ ماركا ھەققىدە يەنە بىر پاراڭ بار.
ئىنجىلدا رىۋايەت قىلىنىشىچە شەيتان ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنى جەننەتتىن قوغلاندى قىلىشتا ئازدۇرغان مېۋىسى ئالما ئىكەنمىش، شۇ بىر چىشلەنگەن ئالما تۈپەيلى ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا جەننەتتىن قوغلانغانمىش.
يېقىندىن بۇيانقى ‹‹«شەيتان دىنى» ھەققىدىكى پاراڭلاردىن ھەممىڭلار خەۋەردارغۇ دەيمەن، ئالما شىركىتى شۇ شەيتانغا چوقۇنۇش سەۋەبلىك بىر چىشلەنگەن ئالمىنى ئۆزىگە بەلگە قىلىپتىكەن....
بۇمۇ بىر مىش-مىش پاراڭ، ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بەلگىسىگە قارىساق دەرەخ ئاستىدا ئولتۇرغان نىيۇتۇننىڭ رەسىمى بار ئىدى، ئەمما بۇ بەلگە مۇرەككەپ بولغاچقا ئاددىيلاشتۇرۇپ ئەكىلىپ ھازىرقى ھالغا كەلگەن.